ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
6 : 100

إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لِرَبِّهِۦ لَكَنُودٞ

شەكسىزكى ئىنسان پەرۋەردىگارى ئىرادە قىلغان ياخشىلىقنى چەكلىگۈچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 100

وَإِنَّهُۥ عَلَىٰ ذَٰلِكَ لَشَهِيدٞ

شەكسىزكى ئاللاھ ئۇنىڭ ياخشىلىقنى چەكلىگەنلىكىگە شاھىدتۇركى، بۇ ئاشكارا ئەھۋال بولغانلىقتىن ئۇ بۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 100

وَإِنَّهُۥ لِحُبِّ ٱلۡخَيۡرِ لَشَدِيدٌ

ئىنسان مال - دۇنيانى تولىمۇ ياخشى كۆرگەنلىكتىن بېخىللىق قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 100

۞ أَفَلَا يَعۡلَمُ إِذَا بُعۡثِرَ مَا فِي ٱلۡقُبُورِ

دۇنيا تىرىكچىلىكىگە دۇم چۈشكەن بۇ ئىنسان ئاللاھ تائالا قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈپ، زېمىن ئۇلارنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن چىقارغان چاغدا بۇ ئىشنىڭ ئۆزى خىيال قىلغاندەك بولمايدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
10 : 100

وَحُصِّلَ مَا فِي ٱلصُّدُورِ

دىللاردىكى نىيەتلەر، ئېتىقادلار ۋە باشقا نەرسىلەر ھەممىسى ئاشكارا قىلىندى. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 100

إِنَّ رَبَّهُم بِهِمۡ يَوۡمَئِذٖ لَّخَبِيرُۢ

شەكسىزكى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاشۇ كۈندە ئەلۋەتتە ئۇلارغا ھەممىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭغا بەندىلىرىنىڭ ئىشىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• خطر التفاخر والتباهي بالأموال والأولاد.
مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقىلار بىلەن كۆز - كۆز قىلىشىش خەتەرلىكتۇر. info

• القبر مكان زيارة سرعان ما ينتقل منه الناس إلى الدار الآخرة.
قەبرە بىر زىيارەتگاھدۇركى، ئىنسانلار ئۇنىڭدىن ناھايىتى تېزلا ئاخىرەت ھاياتىغا يۆتكىلىدۇ. info

• يوم القيامة يُسْأل الناس عن النعيم الذي أنعم به الله عليهم في الدنيا.
قىيامەت كۈنى ئىنسانلار ئاللاھ بۇ دۇنيادا ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلەر ھەققىدە سوراق قىلىنىدۇ. info

• الإنسان مجبول على حب المال.
ئىنسان مال - دۇنيانى ياخشى كۆرىدىغان خاراكتېر بىلەن يارىتىلغان. info