ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
21 : 10

وَإِذَآ أَذَقۡنَا ٱلنَّاسَ رَحۡمَةٗ مِّنۢ بَعۡدِ ضَرَّآءَ مَسَّتۡهُمۡ إِذَا لَهُم مَّكۡرٞ فِيٓ ءَايَاتِنَاۚ قُلِ ٱللَّهُ أَسۡرَعُ مَكۡرًاۚ إِنَّ رُسُلَنَا يَكۡتُبُونَ مَا تَمۡكُرُونَ

مۇشرىلارغا كەلگەن قۇرغاقچىلىق ۋە قىيىنچىلىقىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئۇلارغا يامغۇر ۋە مولچىلىقتىن ئىبارەت نېئمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىش ۋە مىكىر ئىشلىتىشكە ئالدىرايدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ تېخىمۇ تىز چارە تەدبىر قوللىنىدۇ ۋە سىلەرنى تېخىمۇ تىز جازالايدۇ. شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر پىلانلىغان مىكىرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن ھېچنەرسە ساقىت بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھتىن قانداقمۇ مەخپى قالسۇن؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ ھېلە- مىكرىڭلارغا قارىتا جازا بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 10

هُوَ ٱلَّذِي يُسَيِّرُكُمۡ فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِۖ حَتَّىٰٓ إِذَا كُنتُمۡ فِي ٱلۡفُلۡكِ وَجَرَيۡنَ بِهِم بِرِيحٖ طَيِّبَةٖ وَفَرِحُواْ بِهَا جَآءَتۡهَا رِيحٌ عَاصِفٞ وَجَآءَهُمُ ٱلۡمَوۡجُ مِن كُلِّ مَكَانٖ وَظَنُّوٓاْ أَنَّهُمۡ أُحِيطَ بِهِمۡ دَعَوُاْ ٱللَّهَ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ لَئِنۡ أَنجَيۡتَنَا مِنۡ هَٰذِهِۦ لَنَكُونَنَّ مِنَ ٱلشَّٰكِرِينَ

ئى كىشىلەر! ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا پۇتۇڭلار ۋە ئۇلاغلىرىڭلار بىلەن، دېڭىزدا كېمىلەر بىلەن سەپەر قىلدۇرىدۇ. سىلەر ئولتۇرغان كېمە كىشىلەرنى ئېلىپ مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان چاغدا يولۇچىلار بۇ شامالدىن خۇشال بولىدۇ. ئۇلار خۇشال تۇرغان پەيتلىرىدە بىردىنلا بوران چىقىدۇ، ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن دېڭىز دولقىنى كېلىدۇ، كېمىدىكىلەر ھالاك بولىدىغانلىقىغا جەزم قىلىشىدۇ. (چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) يەككە-يىگانە ئاللاھقا: ئەگەر سەن بىزنى بۇ ئېغىر سىناقتىن قۇتۇلدۇرساڭ، سەن بىزگە ئاتا قىلغان نېئمەتلەرگە ئاساسەن، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 10

فَلَمَّآ أَنجَىٰهُمۡ إِذَا هُمۡ يَبۡغُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّۗ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّمَا بَغۡيُكُمۡ عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمۖ مَّتَٰعَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ ثُمَّ إِلَيۡنَا مَرۡجِعُكُمۡ فَنُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇلارنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن ئۇلار يەر يۈزىدە كۇپرىلىق قىلىش، گۇناھ-مەسىيەت قىلىش ئارقىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! ئويغىنىڭلار، بۇزغۇنچىلىقىڭلارنىڭ يامان ئاقىۋىتى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ. بۇزغۇنچىلىقىڭلار ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. بۇزغىنچىلىقىڭلار ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى نېئمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر. ئاندىن قىيامەت كۈنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر. بىز سىلەرگە قىلغان گۇناھ مەئسىيەتلىرىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز ۋە سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 10

إِنَّمَا مَثَلُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا كَمَآءٍ أَنزَلۡنَٰهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ فَٱخۡتَلَطَ بِهِۦ نَبَاتُ ٱلۡأَرۡضِ مِمَّا يَأۡكُلُ ٱلنَّاسُ وَٱلۡأَنۡعَٰمُ حَتَّىٰٓ إِذَآ أَخَذَتِ ٱلۡأَرۡضُ زُخۡرُفَهَا وَٱزَّيَّنَتۡ وَظَنَّ أَهۡلُهَآ أَنَّهُمۡ قَٰدِرُونَ عَلَيۡهَآ أَتَىٰهَآ أَمۡرُنَا لَيۡلًا أَوۡ نَهَارٗا فَجَعَلۡنَٰهَا حَصِيدٗا كَأَن لَّمۡ تَغۡنَ بِٱلۡأَمۡسِۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ

سىلەر بەھرىمان بولىۋاتقان ھاياتى دۇنيانىڭ مىسالى تىز ئۆتۈشتە يامغۇرغا ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرىدىن كىشىلەر يەيدىغان ئاشلىق ۋە مېۋىلەر، ھايۋانلار يەيدىغان ئوت چۆپ قاتارلىقلار گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەر بىلەن چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ۋاقىتتا، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغاندا، ئۇنىڭغا قازايىمىز يېتىپ، زىرائەتلەرنى يېقىندا دەل-دەرەخلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئاۋات بولۇپ باقمىغاندەك ئورىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلدۇق). بىز سىلەرگە دۇنيانىڭ ئەھۋالىنى ۋە تىز ئۆتۈپ كىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگىنىمىزدەك تەپەككۇر قىلىدىغان ۋە ئىبرەت ئالىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن دەلىل ۋە ئىسپاتلارنى بايان قىلىپ بېرىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 10

وَٱللَّهُ يَدۡعُوٓاْ إِلَىٰ دَارِ ٱلسَّلَٰمِ وَيَهۡدِي مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ

ئاللاھ پۈتۈن كىشىلەرنى جەننەتكە چاقىرىدۇ. ئۇلار جەننەتتە مۇسىبەت ۋە غەم-قايغۇلاردىن خاتىرجەم بولىدۇ. ئۆلۈمدىن سالامەت قالىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرى ئارىسىدىن خالىغان كىشىنى جەننىتىگە يەتكۈزىدىغان ئىسلام دىنىغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• الله أسرع مكرًا بمن مكر بعباده المؤمنين.
ئاللاھ مۆئمىن بەندىلىرىگە مىكىر قىلغانلارنى تېخىمۇ تىز چارە قىلغۇچىدۇر. info

• بغي الإنسان عائد على نفسه ولا يضر إلا نفسه.
ئىنساننىڭ بۇزۇقچىلىقى ئۆزىگە كېلىدۇ، پەقەت ئۆزىگىلا زىيان يەتكۈزىدۇ. info

• بيان حقيقة الدنيا في سرعة انقضائها وزوالها، وما فيها من النعيم فهو فانٍ.
دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى نېئمەتلەرنىڭ تىز سۈرئەتتە يوقىلىشى ھاياتلىق دۇنياسىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. info

• الجنة هي مستقر المؤمن؛ لما فيها من النعيم والسلامة من المصائب والهموم.
جەننەت مۆئمىننىڭ تۇرىدىغان جايىدۇر. چۈنكى جەننەتتە مۇسىيبەت ۋە غەم قايغۇلاردىن سالامەت قېلىش ۋە نېئمەتلەردىن ھۇزۇر ئېلىش باردۇر. info