Terjemahan makna Alquran Alkarim - Terjemahan Berbahasa Uyghur - Muhammad Saleh

زۇھا

external-link copy
1 : 93

وَٱلضُّحَىٰ

چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى[1]، info
التفاسير:

external-link copy
2 : 93

وَٱلَّيۡلِ إِذَا سَجَىٰ

قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى[2]، info
التفاسير:

external-link copy
3 : 93

مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَىٰ

(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق[3]. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 93

وَلَلۡأٓخِرَةُ خَيۡرٞ لَّكَ مِنَ ٱلۡأُولَىٰ

ساڭا ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر[4]، info
التفاسير:

external-link copy
5 : 93

وَلَسَوۡفَ يُعۡطِيكَ رَبُّكَ فَتَرۡضَىٰٓ

پەرۋەردىگارىڭ ساڭا (ساۋاب، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى) ئاتا قىلىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن[5]. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 93

أَلَمۡ يَجِدۡكَ يَتِيمٗا فَـَٔاوَىٰ

ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟[6] info
التفاسير:

external-link copy
7 : 93

وَوَجَدَكَ ضَآلّٗا فَهَدَىٰ

قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟[7] info
التفاسير:

external-link copy
8 : 93

وَوَجَدَكَ عَآئِلٗا فَأَغۡنَىٰ

سېنى يوقسۇز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟[8] info
التفاسير:

external-link copy
9 : 93

فَأَمَّا ٱلۡيَتِيمَ فَلَا تَقۡهَرۡ

يېتىمنى خارلىما[9]. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 93

وَأَمَّا ٱلسَّآئِلَ فَلَا تَنۡهَرۡ

سائىلغا قوپاللىق قىلما[10]. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 93

وَأَمَّا بِنِعۡمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثۡ

پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ)[11]. info
التفاسير: