Terjemahan makna Alquran Alkarim - Terjemahan Berbahasa Uyghur - Muhammad Saleh

Nomor Halaman:close

external-link copy
94 : 9

يَعۡتَذِرُونَ إِلَيۡكُمۡ إِذَا رَجَعۡتُمۡ إِلَيۡهِمۡۚ قُل لَّا تَعۡتَذِرُواْ لَن نُّؤۡمِنَ لَكُمۡ قَدۡ نَبَّأَنَا ٱللَّهُ مِنۡ أَخۡبَارِكُمۡۚ وَسَيَرَى ٱللَّهُ عَمَلَكُمۡ وَرَسُولُهُۥ ثُمَّ تُرَدُّونَ إِلَىٰ عَٰلِمِ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

ئۇلارنىڭ يېنىغا (يەنى مەدىنىگە تەبۈك غازىتىدىن) قايتىپ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە (غازاتتىن قېلىپ قالغانلىقلىرى توغرىسىدا) ئۆزرە بايان قىلىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «ئۆزرە بايان قىلماڭلار، سىلەرنىڭ (سۆزۈڭلارغا) ئىشەنمەيمىز، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى (ۋە دىلىڭلاردىكى مۇناپىقلىقنى) بىزگە خەۋەر قىلدى. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنىڭ (بۇنىڭدىن كېيىنكى) ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. (مۇناپىقلىقتىن تەۋبە قىلامسىلەر ياكى ئۇنىڭدا چىڭ تۇرامسىلەر؟)، ئاندىن كېيىن (يەنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلارنى بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە پۈتۈن قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن[94]. info
التفاسير:

external-link copy
95 : 9

سَيَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ لَكُمۡ إِذَا ٱنقَلَبۡتُمۡ إِلَيۡهِمۡ لِتُعۡرِضُواْ عَنۡهُمۡۖ فَأَعۡرِضُواْ عَنۡهُمۡۖ إِنَّهُمۡ رِجۡسٞۖ وَمَأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُ جَزَآءَۢ بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ

ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (يالغان ئۆزرىلەر بايان قىلىپ)، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈڭلار ، ئۇلار ھەقىقەتەن نىجىستۇر، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر[95]. info
التفاسير:

external-link copy
96 : 9

يَحۡلِفُونَ لَكُمۡ لِتَرۡضَوۡاْ عَنۡهُمۡۖ فَإِن تَرۡضَوۡاْ عَنۡهُمۡ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يَرۡضَىٰ عَنِ ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡفَٰسِقِينَ

سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار سىلەرگە قەسەم ئىچىپ بېرىدۇ، سىلەر ئۇلاردىن رازى بولساڭلار (بۇ ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ)، چۈنكى ئاللاھ پاسىق قەۋمدىن رازى بولمايدۇ[96]. info
التفاسير:

external-link copy
97 : 9

ٱلۡأَعۡرَابُ أَشَدُّ كُفۡرٗا وَنِفَاقٗا وَأَجۡدَرُ أَلَّا يَعۡلَمُواْ حُدُودَ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِۦۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ

ئەئرابىيلارنىڭ (يەنى قىر ئەرەبلىرىنىڭ) كۇفرى ۋە مۇناپىقلىقى تېخىمۇ زىيادىدۇر. ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلمەسلىككە ئۇلار ئەڭ لايىقتۇر، ئاللاھ (مەخلۇقاتنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[97]. info
التفاسير:

external-link copy
98 : 9

وَمِنَ ٱلۡأَعۡرَابِ مَن يَتَّخِذُ مَا يُنفِقُ مَغۡرَمٗا وَيَتَرَبَّصُ بِكُمُ ٱلدَّوَآئِرَۚ عَلَيۡهِمۡ دَآئِرَةُ ٱلسَّوۡءِۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٞ

ئەئرابىيلاردىن بەزىلىرى (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى سېلىق ھېسابلايدۇ، سىلەرنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشىڭلارنى كۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھالاكەتكە ئۇچرىسۇن، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[98]. info
التفاسير:

external-link copy
99 : 9

وَمِنَ ٱلۡأَعۡرَابِ مَن يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَيَتَّخِذُ مَا يُنفِقُ قُرُبَٰتٍ عِندَ ٱللَّهِ وَصَلَوَٰتِ ٱلرَّسُولِۚ أَلَآ إِنَّهَا قُرۡبَةٞ لَّهُمۡۚ سَيُدۡخِلُهُمُ ٱللَّهُ فِي رَحۡمَتِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

ئەئرابىيلارنىڭ بەزىلىرى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدۇ، (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى ئاللاھقا يېقىن بولۇشنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق راستلا ئاللاھقا بولغان يېقىنچىلىققا ئېرىشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (مۆمىن بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) تولىمۇ مېھرىباندۇر[99]. info
التفاسير: