Terjemahan makna Alquran Alkarim - Terjemahan Berbahasa Uyghur - Muhammad Saleh

Nomor Halaman:close

external-link copy
36 : 6

۞ إِنَّمَا يَسۡتَجِيبُ ٱلَّذِينَ يَسۡمَعُونَۘ وَٱلۡمَوۡتَىٰ يَبۡعَثُهُمُ ٱللَّهُ ثُمَّ إِلَيۡهِ يُرۡجَعُونَ

(سۆزۈڭگە) ھەقىقىي قۇلاق سالىدىغانلار (سېنىڭ دەۋىتىڭنى) قوبۇل قىلىدۇ (سۆزۈڭگە قۇلاق سالمىغانلار ئۆلۈكلەرنىڭ ئورنىدا)، ئۆلۈكلەرنى ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ[36]. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 6

وَقَالُواْ لَوۡلَا نُزِّلَ عَلَيۡهِ ءَايَةٞ مِّن رَّبِّهِۦۚ قُلۡ إِنَّ ٱللَّهَ قَادِرٌ عَلَىٰٓ أَن يُنَزِّلَ ءَايَةٗ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ

ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى): «نېمىشقا مۇھەممەدكە پەرۋەردىگارىدىن بىر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ھەقىقەتەن قادىر». لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (مۆجىزە نازىل بولۇپ ئىمان ئېيتمىسا بالاغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ[37]. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 6

وَمَا مِن دَآبَّةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا طَٰٓئِرٖ يَطِيرُ بِجَنَاحَيۡهِ إِلَّآ أُمَمٌ أَمۡثَالُكُمۚ مَّا فَرَّطۡنَا فِي ٱلۡكِتَٰبِ مِن شَيۡءٖۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ يُحۡشَرُونَ

مەيلى يەر يۈزىدە ماڭىدىغان ھايۋان بولسۇن، مەيلى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان ئۇچار قۇش بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە ئوخشاش ئۈممەتلەردۇر (يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان مەخلۇقلاردۇر). لەۋھۇلمەھپۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق (يەنى ھەممىنى تولۇق پۈتتۇق)، كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىدۇ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ)[38]. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 6

وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا صُمّٞ وَبُكۡمٞ فِي ٱلظُّلُمَٰتِۗ مَن يَشَإِ ٱللَّهُ يُضۡلِلۡهُ وَمَن يَشَأۡ يَجۡعَلۡهُ عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ

بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار گاسلاردۇر (يەنى قوبۇل قىلىش يۈزىسىدىن ئاڭلىمايدۇ)، گاچىلاردۇر (يەنى ھەقنى سۆزلىمەيدۇ). ئۇلار (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە قالغانلاردۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى (زالالەتنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى (ھىدايەتنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۈچۈن) توغرا يولغا سالىدۇ[39]. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 6

قُلۡ أَرَءَيۡتَكُمۡ إِنۡ أَتَىٰكُمۡ عَذَابُ ٱللَّهِ أَوۡ أَتَتۡكُمُ ٱلسَّاعَةُ أَغَيۡرَ ٱللَّهِ تَدۡعُونَ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ياكى قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلتىجا قىلامسىلەر؟[40]. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 6

بَلۡ إِيَّاهُ تَدۡعُونَ فَيَكۡشِفُ مَا تَدۡعُونَ إِلَيۡهِ إِن شَآءَ وَتَنسَوۡنَ مَا تُشۡرِكُونَ

ئۇنداق ئەمەس، سىلەر پەقەت ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىسىلەر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەر ئاللاھنىڭ كۆتۈرۈۋېتىشىنى ئىلتىجا قىلغان بالانى ئاللاھ كۆتۈرۈۋېتىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى قىلىۋالغىنىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر»[41]. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 6

وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَآ إِلَىٰٓ أُمَمٖ مِّن قَبۡلِكَ فَأَخَذۡنَٰهُم بِٱلۡبَأۡسَآءِ وَٱلضَّرَّآءِ لَعَلَّهُمۡ يَتَضَرَّعُونَ

شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە (نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). ئۇلارنى (ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ) يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق ـ سىلاق بىلەن جازالىدۇق[42]. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 6

فَلَوۡلَآ إِذۡ جَآءَهُم بَأۡسُنَا تَضَرَّعُواْ وَلَٰكِن قَسَتۡ قُلُوبُهُمۡ وَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ ئۇلارنىڭ دىللىرى قەساۋەتلەشتى (ئىمانغا يۇمشىمىدى)، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى[43]. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 6

فَلَمَّا نَسُواْ مَا ذُكِّرُواْ بِهِۦ فَتَحۡنَا عَلَيۡهِمۡ أَبۡوَٰبَ كُلِّ شَيۡءٍ حَتَّىٰٓ إِذَا فَرِحُواْ بِمَآ أُوتُوٓاْ أَخَذۡنَٰهُم بَغۡتَةٗ فَإِذَا هُم مُّبۡلِسُونَ

ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن (كۆرەڭلەپ) خۇشال ـ خۇرام تۇرغاندا (ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق)، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى[44]. info
التفاسير: