Terjemahan makna Alquran Alkarim - Terjemahan Kitab Al-Mukhtaṣar fī Tafsīri Al-Qur`ān berbahasa Uighur

ئەلەق

Tujuan Pokok Surah Ini:
الإنسان بين هدايته بالوحي وضلاله بالاستكبار والجهل.
ئىنسان ۋەھىي بىلەن ھىدايەت تېپىش، تەكەببۇرلۇق ۋە نادانلىق بىلەن ئېزىپ كېتىشنىڭ ئارىسىدىدۇر. info

external-link copy
1 : 96

ٱقۡرَأۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلَّذِي خَلَقَ

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا قىلغان ۋەھىينى پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن باشلاپ ئوقۇغىن. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 96

خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ مِنۡ عَلَقٍ

ئۇ ئىنساننى مەنىيلىك ھالىتىدىن كېيىن بىر پارچە ئۇيۇل قاندىن ياراتتى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 96

ٱقۡرَأۡ وَرَبُّكَ ٱلۡأَكۡرَمُ

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا قىلغان ۋەھىينى ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىك زاتتۇركى، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ھېچبىر ئۇلۇغ تەڭ كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ سېخىيلىقى ۋە ئېھسانى كۆپ زاتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 96

ٱلَّذِي عَلَّمَ بِٱلۡقَلَمِ

ئۇ قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ۋە يېزىقچىلىقنى ئۆگەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 96

عَلَّمَ ٱلۡإِنسَٰنَ مَا لَمۡ يَعۡلَمۡ

ئىنسانغا ئىلگىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلدۈردى. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 96

كَلَّآ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَيَطۡغَىٰٓ

دەرۋەقە ئەبۇجەھىل كەبى گۇناھكار ئىنسان ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىكى چەكتىن ئېشىپ كېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 96

أَن رَّءَاهُ ٱسۡتَغۡنَىٰٓ

ئۇ يۈز - ئابرويى ۋە مال - مۈلكى بىلەن ئۆزىنى بىھاجەت سانىغانلىقتىن ھەددىدىن ئاشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 96

إِنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ ٱلرُّجۡعَىٰٓ

ئەي ئىنسان! شەكسىزكى قىيامەت كۈنى قايتىپ بارىدىغان جايىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇركى، ئۇ ھەر كىمگە لايىق جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 96

أَرَءَيۡتَ ٱلَّذِي يَنۡهَىٰ

سەن (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئەبۇجەھىلنىڭ ئىشىدىنمۇ غەلىتىرەك بىر ئىشنى كۆردۈڭمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
10 : 96

عَبۡدًا إِذَا صَلَّىٰٓ

بەندىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەبىنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۇنى توستى. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 96

أَرَءَيۡتَ إِن كَانَ عَلَى ٱلۡهُدَىٰٓ

قېنى ئېيتقىنا؟ چەكلەنگۈچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھىدايەت ۋە پاراسەت ئۈستىدە بولسىچۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
12 : 96

أَوۡ أَمَرَ بِٱلتَّقۡوَىٰٓ

ياكى تەقۋادارلىققا بۇيرۇغان بولسىچۇ؟ info
التفاسير:
Beberapa Faedah Ayat-ayat di Halaman Ini:
• رضا الله هو المقصد الأسمى.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نام-شۆھرىتىنى ئۈستۈن قېلىش بىلەن ئىكرام قىلىشى. info

• أهمية القراءة والكتابة في الإسلام.
ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئەڭ يۈكسەك غايىدۇر. info

• خطر الغنى إذا جرّ إلى الكبر والبُعد عن الحق.
ئىسلامدا ئوقۇش ۋە يېزىش ئىنتايىن مۇھىم ئىشتۇر. info

• النهي عن المعروف صفة من صفات الكفر.
كۆرەڭلەش ۋە ھەقتىن يىراقلىشىشقا ئېلىپ بارىدىغان بايلىق خەتەرلىكتۇر. info

• إكرام الله تعالى نبيه صلى الله عليه وسلم بأن رفع له ذكره.
ياخشى ئىشتىن چەكلەش كاپىرنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر. info

external-link copy
13 : 96

أَرَءَيۡتَ إِن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰٓ

قېنى ئېيتقىنا، پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ توسقۇچى ئاللاھتىن قورقمامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
14 : 96

أَلَمۡ يَعۡلَم بِأَنَّ ٱللَّهَ يَرَىٰ

بۇ بەندىنى نامازدىن توسقان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
15 : 96

كَلَّا لَئِن لَّمۡ يَنتَهِ لَنَسۡفَعَۢا بِٱلنَّاصِيَةِ

ئەمەلىي ئەھۋال بۇ نادان خىيال قىلغاندەك ئەمەس، ئەگەر ئۇ بەندىمىزگە ئەزىيەت بېرىپ، ئۇنى ئىنكار قىلىشتىن توختىمىسا، بىز چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن چىڭ تۇتۇپ جەھەننەمگە سۆرەيمىز. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 96

نَاصِيَةٖ كَٰذِبَةٍ خَاطِئَةٖ

ئاشۇ كوكۇلا چاچنىڭ ئىگىسى سۆزىدە يالغانچى، ئىشىدا خاتالاشقۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 96

فَلۡيَدۡعُ نَادِيَهُۥ

ئۇ كوكۇلىسىدىن تۇتۇلغان چاغدا دوزاختىكى ھەمراھلىرىنى ۋە سورۇنداشلىرىنى ئۆزىنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشى ئۈچۈن ياردەمگە چاقىرىپ باقسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 96

سَنَدۡعُ ٱلزَّبَانِيَةَ

بىزمۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئاسىيلىق قىلمايدىغان، بۇيرۇلغاننى قىلىدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەرنى چاقىرىمىز. ئىككى تەرەپنىڭ قايسى كۈچلۈكرەك ئىكەنلىكىنى كۆرسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 96

كَلَّا لَا تُطِعۡهُ وَٱسۡجُدۡۤ وَٱقۡتَرِب۩

ئەمەلىي ئەھۋال بۇ زالىم ئويلىغاندەك ئۇنىڭغا ھېچبىر خاپىلىق يەتمەيدىغان ئىش يوق. شۇڭا مەيلى بۇيرۇقتا، مەيلى چەكلىمىدە ئۇنىڭغا بويسۇنما، ئاللاھقا سەجدە قىلغىن، ئۇنىڭغا ئىتائەت بىلەن يېقىنلاشقىن. چۈنكى ئۇنىڭغا ئىتائەت بىلەن يېقىنلاشقىلى بولىدۇ. info
التفاسير:
Beberapa Faedah Ayat-ayat di Halaman Ini:
• فضل ليلة القدر على سائر ليالي العام.
قەدرى كېچىسى باشقا بارلىق كېچىلەردىن پەزىلەتلىكتۇر. info

• الإخلاص في العبادة من شروط قَبولها.
ئىبادەتتە ئىخلاس قىلىش ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتلىرىدىندۇر. info

• اتفاق الشرائع في الأصول مَدعاة لقبول الرسالة.
پۈتۈن شەرىئەتلەرنىڭ ئەسلىنىڭ بىرلىكى پەيغەمبەرلىكنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. info