Terjemahan makna Alquran Alkarim - Terjemahan Kitab Al-Mukhtaṣar fī Tafsīri Al-Qur`ān berbahasa Uighur

ھاققە

Tujuan Pokok Surah Ini:
إثبات أن وقوع القيامة والجزاء فيها حقٌّ لا ريب فيه.
قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىكى جازا-مۇكاپاتنىڭ شەك-شۈبھىسىز ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش. info

external-link copy
1 : 69

ٱلۡحَآقَّةُ

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننىڭ بېشىغا چوقۇم كېلىدىغان قايتا تىرىلىپ قوپۇش ۋاقتىنى ئەسلىتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 69

مَا ٱلۡحَآقَّةُ

ئاندىن ئاللاھ تائالا: قىيامەت نېمىدۇر؟ دېگەن سوئال بىلەن قىيامەتنىڭ كاتتىلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 69

وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا ٱلۡحَآقَّةُ

قىيامەتنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ info
التفاسير:

external-link copy
4 : 69

كَذَّبَتۡ ثَمُودُ وَعَادُۢ بِٱلۡقَارِعَةِ

دەھشىتىدىن پۈتۈن ئىنسانلار قورقۇپ كېتىدىغان قىيامەتنى، سالىھنىڭ قەۋمى سەمۇد ۋە ھۇدنىڭ قەۋمى ئاد ئىنكار قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 69

فَأَمَّا ثَمُودُ فَأُهۡلِكُواْ بِٱلطَّاغِيَةِ

سەمۇد قەۋمىگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قاتتىقلىقى ۋە قورقۇنچلۇقلۇقىدا چېكىگە يەتكەن ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 69

وَأَمَّا عَادٞ فَأُهۡلِكُواْ بِرِيحٖ صَرۡصَرٍ عَاتِيَةٖ

ئاد قەۋمىنى بولسا، ئاللاھ تائالا ناھايىتى قاتتىق سوغۇق شامال بىلەن ھالاك قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 69

سَخَّرَهَا عَلَيۡهِمۡ سَبۡعَ لَيَالٖ وَثَمَٰنِيَةَ أَيَّامٍ حُسُومٗاۖ فَتَرَى ٱلۡقَوۡمَ فِيهَا صَرۡعَىٰ كَأَنَّهُمۡ أَعۡجَازُ نَخۡلٍ خَاوِيَةٖ

ئاللاھ ئۇلارغا يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي بوران ئەۋەتكەن بولۇپ، بوران ئۇلارنى ئۆيلىرىنىڭ بوسۇغىلىرىدىلا ھالاك قىلدى. سەن ئۇ قەۋمنى ئۆز دىيارلىرىدا ھالاك بولغان ھالدا، ھالاكەتتىن كېيىن خۇددى چىرىپ قېلىپ يەرگە چۈشكەن خورما كۆتەكلىرىگە ئوخشاش يەردە ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 69

فَهَلۡ تَرَىٰ لَهُم مِّنۢ بَاقِيَةٖ

ئۇلارغا ئازاب كەلگەندىن كېيىن ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ ساق قالغانلىقىنى كۆرەلەمسەن؟ info
التفاسير:
Beberapa Faedah Ayat-ayat di Halaman Ini:
• الصبر خلق محمود لازم للدعاة وغيرهم.
سەۋرىچانلىق دەۋەتچىلەردە ۋە باشقا مۇسۇلمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك، ئېسىل ئەخلاقتۇر. info

• التوبة تَجُبُّ ما قبلها وهي من أسباب اصطفاء الله للعبد وجعله من عباده الصالحين.
تەۋبە ئىلگىرىكى گۇناھلارنى يوققا چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسىنى تاۋلاپ، ئۇنى سالىھ بەندىلىرىنىڭ قاتارىدىن قىلىش سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. info

• تنوّع ما يرسله الله على الكفار والعصاة من عذاب دلالة على كمال قدرته وكمال عدله.
ئاللاھ تائالانىڭ كاپىرلار ۋە ئاسىيلارغا ئەۋەتىدىغان ئازابلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك بولىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قۇدرىتى ۋە ئادالىتىنىڭ مۇكەممەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. info

external-link copy
9 : 69

وَجَآءَ فِرۡعَوۡنُ وَمَن قَبۡلَهُۥ وَٱلۡمُؤۡتَفِكَٰتُ بِٱلۡخَاطِئَةِ

پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەر ھەمدە ئاھالىسى دۈم كۆمتۈرۈۋېتىلگەن لۇت قەۋمى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئىبارەت خاتا قىلمىشلارنى قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 69

فَعَصَوۡاْ رَسُولَ رَبِّهِمۡ فَأَخَذَهُمۡ أَخۡذَةٗ رَّابِيَةً

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋېتىدىغان ئازاب بىلەن جازالىدى. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 69

إِنَّا لَمَّا طَغَا ٱلۡمَآءُ حَمَلۡنَٰكُمۡ فِي ٱلۡجَارِيَةِ

شەكسىزكى سۇ بەك يۇقىرى ئۆرلەپ كەتكەن چاغدا بىز سىلەر پۇشتىدا بولغان ئەجدادلىرىڭلارنى نۇھ ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن ياسىغان كېمىگە سالدۇق. ئاندىن ئۇ كېمە سىلەرگە قاتناش ۋاستىسى بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 69

لِنَجۡعَلَهَا لَكُمۡ تَذۡكِرَةٗ وَتَعِيَهَآ أُذُنٞ وَٰعِيَةٞ

بىز نۇھنىڭ كېمىسىنىڭ ۋەقەلىكىنى كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدىغانغا دەلىل قىلدۇق. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇنى ئاڭلاپ ئېسىدە تۇتىدىغانلار ئېسىدە تۇتسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 69

فَإِذَا نُفِخَ فِي ٱلصُّورِ نَفۡخَةٞ وَٰحِدَةٞ

سۈر چېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنى بىر چالغاندا، info
التفاسير:

external-link copy
14 : 69

وَحُمِلَتِ ٱلۡأَرۡضُ وَٱلۡجِبَالُ فَدُكَّتَا دَكَّةٗ وَٰحِدَةٗ

زېمىن ۋە تاغلار ئورۇنلىرىدىن كۆتۈرۈلۈپ، بىر - بىرىگە قاتتىق ئۇرۇلۇپ، كۇكۇم - تالقان بوپكېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 69

فَيَوۡمَئِذٖ وَقَعَتِ ٱلۡوَاقِعَةُ

ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەيدانغا كەلگەن كۈندە قىيامەت قايىم بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 69

وَٱنشَقَّتِ ٱلسَّمَآءُ فَهِيَ يَوۡمَئِذٖ وَاهِيَةٞ

ئۇ كۈندە پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلىدۇ. ئۇ كۈندە يەنە ئىنتايىن مۇستەھكەم بولغان ئاسمان ئاجىزلاپ قالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 69

وَٱلۡمَلَكُ عَلَىٰٓ أَرۡجَآئِهَاۚ وَيَحۡمِلُ عَرۡشَ رَبِّكَ فَوۡقَهُمۡ يَوۡمَئِذٖ ثَمَٰنِيَةٞ

پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ. بۇ بۈيۈك كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى مۇقەررەب پەرىشتىلەردىن سەككىز پەرىشتە باشلىرى ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 69

يَوۡمَئِذٖ تُعۡرَضُونَ لَا تَخۡفَىٰ مِنكُمۡ خَافِيَةٞ

ئەي ئىنسانلار! بۈ كۈندە ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھقا توغرىلىنىسىلەر. سىلەرنىڭ ھېچ بىر مەخپىيەتلىكىڭلار ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، بەلكى ئاللاھ ئۇنى بىلگۈچىدۇر ۋە خەۋەرداردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 69

فَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ فَيَقُولُ هَآؤُمُ ٱقۡرَءُواْ كِتَٰبِيَهۡ

نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر خۇشاللىق ۋە خۇرسەنلىكتىن: بۇ مېنىڭ نامە - ئەمال كىتابىم، قېنى ئوقۇپ بېقىڭلار. مەن ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ۋاقتىمدا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ، چىنپۈتكەن ئىدىم، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 69

إِنِّي ظَنَنتُ أَنِّي مُلَٰقٍ حِسَابِيَهۡ

نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر خۇشاللىق ۋە خۇرسەنلىكتىن: بۇ مېنىڭ نامە - ئەمال كىتابىم، قېنى ئوقۇپ بېقىڭلار. مەن ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ۋاقتىمدا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ، چىنپۈتكەن ئىدىم، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 69

فَهُوَ فِي عِيشَةٖ رَّاضِيَةٖ

ئۇ مەڭگۈلۈك نازۇ-نېئمەتلەرنى كۆرگەنلىكتىن كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 69

فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٖ

ئالى ۋە مەرتىۋىسى يۇقىرى بولغان جەننەتتە بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 69

قُطُوفُهَا دَانِيَةٞ

ئۇ جەننەتنىڭ مېۋىلىرى ئالماقچى بولغانلارغا يېقىن بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 69

كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ هَنِيٓـَٔۢا بِمَآ أَسۡلَفۡتُمۡ فِي ٱلۡأَيَّامِ ٱلۡخَالِيَةِ

ئۇلارنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن: يەڭلار، ئىچىڭلار، (جەننەتتىكى بۇ يېمەكلىكلەر ۋە ئىچىملىكلەر) سىلەرگە زىيان قىلمايدۇ. سىلەر دۇنيادا ئۆتكەن كۈنلىرىڭلاردا سالىھ ئەمەللەرنى قىلغان ئىدىڭلار، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 69

وَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِشِمَالِهِۦ فَيَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي لَمۡ أُوتَ كِتَٰبِيَهۡ

نامە - ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەنلەر قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقتىن دەيدۇكى، كاشكى ماڭا نامە - ئەمالىم بېرىلمىسە بوپتىكەن. چۈنكى ئۇنىڭغا ماڭا ئازاب كەلتۈرىدىغان يامان ئەمەللەر توشۇپ كېتىپتۇ. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 69

وَلَمۡ أَدۡرِ مَا حِسَابِيَهۡ

كاشكى مەن ھېسابىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولسامچۇ! info
التفاسير:

external-link copy
27 : 69

يَٰلَيۡتَهَا كَانَتِ ٱلۡقَاضِيَةَ

كاشكى مېنىڭ ئۆلىمىم مەڭگۈ تىرىلمەيدىغان ئۆلۈم بولسىچۇ! info
التفاسير:

external-link copy
28 : 69

مَآ أَغۡنَىٰ عَنِّي مَالِيَهۡۜ

مال - مۈلكۈم مەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 69

هَلَكَ عَنِّي سُلۡطَٰنِيَهۡ

ئەمدى مېنىڭ دەلىل - پاكىتىم ھەمدە مەن تايىنىپ كەلگەن كۈچ - قۇۋۋەت ۋە يۈز - ئابرۇي ھەممىسى يوق بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 69

خُذُوهُ فَغُلُّوهُ

ئاللاھ پەرىشتىلەرگە ئېيتىدۇ: ئى پەرىشتىلەر! بۇنى تۇتۇپ، بوينىغا تاقاق سېلىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 69

ثُمَّ ٱلۡجَحِيمَ صَلُّوهُ

ئاندىن ئۇنى ئوتنىڭ ھارارىتىنى تېتىشى ئۈچۈن دوزاخقا تاشلاڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 69

ثُمَّ فِي سِلۡسِلَةٖ ذَرۡعُهَا سَبۡعُونَ ذِرَاعٗا فَٱسۡلُكُوهُ

ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاپ دوزاخقا تاشلاڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 69

إِنَّهُۥ كَانَ لَا يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ ٱلۡعَظِيمِ

(ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇ سەۋەبتىندۇركى) ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 69

وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلۡمِسۡكِينِ

باشقىلارنى كەمبەغەللەرگە تاماق بېرىشكە رىغبەتلەندۈرمەيتتى. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 69

فَلَيۡسَ لَهُ ٱلۡيَوۡمَ هَٰهُنَا حَمِيمٞ

قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن ئازابنى توسۇپ قالىدىغان دوست يوق. info
التفاسير:
Beberapa Faedah Ayat-ayat di Halaman Ini:
• المِنَّة التي على الوالد مِنَّة على الولد تستوجب الشكر.
ئاتىغا بېرىلگەن نېئمەتنىڭ ئۆزى بالىغا بېرىلگەن نېئمەت بولۇپ، ئۇنىڭغا شۈكرى ئېيتىش زۆرۈر. info

• إطعام الفقير والحض عليه من أسباب الوقاية من عذاب النار.
كەمبەغەللەرگە تائام بېرىش ۋە باشقىلارنى ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش دوزاخ ئازابىدىن ساقلىنىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر. info

• شدة عذاب يوم القيامة تستوجب التوقي منه بالإيمان والعمل الصالح.
قىيامەت كۈنىنىڭ قاتتىق ئازابىدىن ئىمان ۋە سالىھ ئەمەللەر بىلەن ساقلىنىش كېرەك. info

external-link copy
36 : 69

وَلَا طَعَامٌ إِلَّا مِنۡ غِسۡلِينٖ

ئۇنىڭغا دوزاخ ئەھلىنىڭ بەدەنلىرىدىن ئاققان يىرىڭدىن باشقا يېمەك-ئىچمەك بېرىلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 69

لَّا يَأۡكُلُهُۥٓ إِلَّا ٱلۡخَٰطِـُٔونَ

بۇ يېمەكنى پەقەت گۇناھكارلار ۋە ئاسىيلارلا يەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 69

فَلَآ أُقۡسِمُ بِمَا تُبۡصِرُونَ

مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 69

وَمَا لَا تُبۡصِرُونَ

سىلەر كۆرمەيۋاتقان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 69

إِنَّهُۥ لَقَوۡلُ رَسُولٖ كَرِيمٖ

ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ كالامى بولۇپ، ئۇنى ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر كىشىلەرگە تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 69

وَمَا هُوَ بِقَوۡلِ شَاعِرٖۚ قَلِيلٗا مَّا تُؤۡمِنُونَ

بۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەس، چۈنكى ئۇ شېئىر نەزمىسىگە ئوخشىمايدۇ. سىلەر تولىمۇ ئاز ئىشىنىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 69

وَلَا بِقَوۡلِ كَاهِنٖۚ قَلِيلٗا مَّا تَذَكَّرُونَ

ئۇ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەسكى، كاھىننىڭ سۆزلىرى بۇ قۇرئانغا تامامەن ئوخشىمايدۇ. سىلەر ناھايىتى ئاز پەند - نەسىھەت ئالىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 69

تَنزِيلٞ مِّن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

لېكىن ئۇ قۇرئان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 69

وَلَوۡ تَقَوَّلَ عَلَيۡنَا بَعۡضَ ٱلۡأَقَاوِيلِ

ئەگەر مۇھەممەد بىزگە بىز دېمىگەن بەزى سۆزلەرنى توقۇسا، info
التفاسير:

external-link copy
45 : 69

لَأَخَذۡنَا مِنۡهُ بِٱلۡيَمِينِ

بىز ئۇنىڭدىن ئەلۋەتتە ئىنتىقام ئالغان بولاتتۇق، ئۇنى كۈچ - قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 69

ثُمَّ لَقَطَعۡنَا مِنۡهُ ٱلۡوَتِينَ

ئاندىن ئۇنىڭ يۈرىكىگە تۇتىشىدىغان قىزىل قان تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 69

فَمَا مِنكُم مِّنۡ أَحَدٍ عَنۡهُ حَٰجِزِينَ

ئۇ چاغدا ئۇنىڭ سىلەرنى دەپ بىزگە يالغاننى توقۇشى ئۇياقتا تۇرسۇن، سىلەردىن ھېچكىم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 69

وَإِنَّهُۥ لَتَذۡكِرَةٞ لِّلۡمُتَّقِينَ

ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش ئارقىلىق تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارغا ۋەز - نەسىھەتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 69

وَإِنَّا لَنَعۡلَمُ أَنَّ مِنكُم مُّكَذِّبِينَ

بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇ قۇرئاننىڭ روشەن ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 69

وَإِنَّهُۥ لَحَسۡرَةٌ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ

ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلىش قىيامەت كۈنىدە قاتتىق ھەسرەت - نادامەتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
51 : 69

وَإِنَّهُۥ لَحَقُّ ٱلۡيَقِينِ

ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم ئەلۋەتتە چىن ھەقىقەتتۇركى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىدە ھېچ قانداق شەك - شۈبھە يوقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 69

فَسَبِّحۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلۡعَظِيمِ

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنى ئۇنىڭغا نالايىق سۈپەتلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن. info
التفاسير:
Beberapa Faedah Ayat-ayat di Halaman Ini:
• تنزيه القرآن عن الشعر والكهانة.
قۇرئان كەرىم شېئىر ۋە كاھىنلىقتىن پاكتۇر. info

• خطر التَّقَوُّل على الله والافتراء عليه سبحانه.
ئاللاھقا يالغان ۋە بوھتانلارنى توقۇش خەتەرلىكتۇر. info

• الصبر الجميل الذي يحتسب فيه الأجر من الله ولا يُشكى لغيره.
چىرايلىقچە سەۋر قىلىش دېگەن ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ، باشقىلارغا شىكايەت قىلماسلىقتۇر. info