Terjemahan makna Alquran Alkarim - Terjemahan Kitab Al-Mukhtaṣar fī Tafsīri Al-Qur`ān berbahasa Uighur

external-link copy
78 : 6

فَلَمَّا رَءَا ٱلشَّمۡسَ بَازِغَةٗ قَالَ هَٰذَا رَبِّي هَٰذَآ أَكۡبَرُۖ فَلَمَّآ أَفَلَتۡ قَالَ يَٰقَوۡمِ إِنِّي بَرِيٓءٞ مِّمَّا تُشۡرِكُونَ

ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: بۇ چىقىۋاتقىنى مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ يۇلتۇزدىنمۇ، ئايدىنمۇ چوڭدۇر، دېدى. قۇياش پېتىۋىدى: ئەي قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتقان مەبۇدلاردىن ئادا-جۇدامەن، دېدى. info
التفاسير:
Beberapa Faedah Ayat-ayat di Halaman Ini:
• الاستدلال على الربوبية بالنظر في المخلوقات منهج قرآني.
يۇقىرىقى ئايەتلەر قۇرئاننىڭ مېتودىنىڭ مەخلۇقاتلار ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىغا دەلىل تېپىپ چىقىش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. info

• الدلائل العقلية الصريحة توصل إلى ربوبية الله.
يارقىن ئەقلىي دەلىللەر ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىشكە ئېلىپ بارىدۇ. info