Terjemahan makna Alquran Alkarim - Terjemahan Kitab Al-Mukhtaṣar fī Tafsīri Al-Qur`ān berbahasa Uighur

مۇجادەلە

Tujuan Pokok Surah Ini:
إظهار علم الله الشامل وإحاطته البالغة، تربيةً لمراقبته، وتحذيرًا من مخالفته.
ئاللاھ ھەر دائىم ھەر ئىشنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا قارشى ئىش قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەممىنى كەم - كۈتىسىز بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىش بۇ سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر. info

external-link copy
1 : 58

قَدۡ سَمِعَ ٱللَّهُ قَوۡلَ ٱلَّتِي تُجَٰدِلُكَ فِي زَوۡجِهَا وَتَشۡتَكِيٓ إِلَى ٱللَّهِ وَٱللَّهُ يَسۡمَعُ تَحَاوُرَكُمَآۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعُۢ بَصِيرٌ

ئاللاھ ھەقىقەتەن خەۋلە بىنتى سەئلەبەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇ ئۆزىنى زىھار قىلغان (ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا: سەن ماڭا نىسبەتەن ئانامغا ياكى قىز بىر تۇغقىنىمغا ئوخشاش ھارام دېيىشى زىھار قىلىش دېيىلىدۇ) ئېرى ئەۋس ئىبنى سامىتنىڭ ئىشى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشتى. ئۇ ئاللاھقا ئېرىنىڭ قىلغانلىرىدىن شىكايەت قىلىۋاتاتتى. ئاللاھ سىلەرنىڭ مۇنازىرەڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ دېيىشكەنلىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 58

ٱلَّذِينَ يُظَٰهِرُونَ مِنكُم مِّن نِّسَآئِهِم مَّا هُنَّ أُمَّهَٰتِهِمۡۖ إِنۡ أُمَّهَٰتُهُمۡ إِلَّا ٱلَّٰٓـِٔي وَلَدۡنَهُمۡۚ وَإِنَّهُمۡ لَيَقُولُونَ مُنكَرٗا مِّنَ ٱلۡقَوۡلِ وَزُورٗاۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٞ

ئۆز ئاياللىرىغا: سەن ماڭا نىسبەتەن ئانامغا ئوخشاش دېيىش ئارقىلىق ئاياللىرىنى زىھار قىلغانلار بۇ سۆزىدە يالغانچىلاردۇر. چۈنكى ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئانىلىرى پەقەت ئۇلارنى تۇغقان ئاياللاردۇر. ئۇلار بۇ گەپنى دېگەن چاغدا ھەقىقەتەن قەبىھ ھەم يالغان گەپنى دەيدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ئەلۋەتتە ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. شۇڭا ئاللاھ ئۇلارنى بۇ قىلمىشلىرىنىڭ گۇناھىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كەپپارەت بېرىشنى يولغا قويدى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 58

وَٱلَّذِينَ يُظَٰهِرُونَ مِن نِّسَآئِهِمۡ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا قَالُواْ فَتَحۡرِيرُ رَقَبَةٖ مِّن قَبۡلِ أَن يَتَمَآسَّاۚ ذَٰلِكُمۡ تُوعَظُونَ بِهِۦۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ

بۇ قەبىھ سۆزنى قىلغانلار بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلىرى زىھار قىلغان ئاياللىرى بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولماقچى بولسا، ئۇلار ئاياللىرى بىلەن يىقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن بىر قۇل ئازاد قىلىش ئارقىلىق قىلمىشىنىڭ كەپپارىتىنى بېرىشى لازىم. سىلەر زىھار قىلىشتىن چەكلىنىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇ ھۆكۈمگە بۇيرۇلۇۋاتىسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 58

فَمَن لَّمۡ يَجِدۡ فَصِيَامُ شَهۡرَيۡنِ مُتَتَابِعَيۡنِ مِن قَبۡلِ أَن يَتَمَآسَّاۖ فَمَن لَّمۡ يَسۡتَطِعۡ فَإِطۡعَامُ سِتِّينَ مِسۡكِينٗاۚ ذَٰلِكَ لِتُؤۡمِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦۚ وَتِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِۗ وَلِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌ

ئاراڭلاردىن كىمكى ئازات قىلىدىغان قۇل (ياكى قۇل ئازات قىلغۇدەك پۇل - مال) تاپالمىسا، زىھار قىلغان ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى كېرەك. ناۋادا ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشقا تاقىتى يەتمىسە، ئاتمىش مىسكىننى تويغۇزۇشى كېرەك. بىز چىقارغان بۇ ھۆكۈم؛ سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈشۈڭلار ئۈچۈندۇر. بىز يولغا قويغان مەزكۇر بۇ ئەھكاملار ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بېكىتىپ بەرگەن بەلگىلىمىلىرىدۇركى، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ھالقىپ كەتمەڭلار. ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى ۋە بېكىتكەن بەلگىلىمىلىرىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارغا دەرتلىك ئازاب بار. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 58

إِنَّ ٱلَّذِينَ يُحَآدُّونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ كُبِتُواْ كَمَا كُبِتَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ وَقَدۡ أَنزَلۡنَآ ءَايَٰتِۭ بَيِّنَٰتٖۚ وَلِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٞ مُّهِينٞ

ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلار چوقۇم ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلار خارلىنىپ ھالاك قىلىنغاندەك خارلىنىپ ھالاك قىلىنىدۇ. بىز ھەقىقەتەن روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. ئاللاھقا ھەمدە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلارغا خار قىلغۇچى ئازاب بار. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 58

يَوۡمَ يَبۡعَثُهُمُ ٱللَّهُ جَمِيعٗا فَيُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُوٓاْۚ أَحۡصَىٰهُ ٱللَّهُ وَنَسُوهُۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٌ

ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلاردىن ھېچكىمنى چالا قويمايدۇ. ئاندىن ئۇلارغا دۇنيادا قىلغان قەبىھ قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. يەنى ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى بىرمۇبىر ساناپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچ نەرسە ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ. ھالبۇكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ئۇنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇپ، چوڭ - كىچىك ھېچبىرىنى چالا قويمايدىغان نامە - ئەمال دەپتەرلىرىدە ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ تەپسىلىي يېزىلغانلىقىنى بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:
Beberapa Faedah Ayat-ayat di Halaman Ini:
• لُطْف الله بالمستضعفين من عباده من حيث إجابة دعائهم ونصرتهم.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن ئاجىزلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا شەپقەت قىلىدۇ. info

• من رحمة الله بعباده تنوع كفارة الظهار حسب الاستطاعة ليخرج العبد من الحرج.
زىھارنىڭ كەپپارىتىنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك بولغانلىقى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە رەھىمدىللىكىدىندۇركى، بۇ، ھەر كىمنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بۇ خاپىلىقتىن قۇتۇلۇۋېلىشى ئۈچۈندۇر. info

• في ختم آيات الظهار بذكر الكافرين؛ إشارة إلى أنه من أعمالهم، ثم ناسب أن يورد بعض أحوال الكافرين.
زىھار ئايەتلىرىنىڭ ئاخىرىدا كاپىرلار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال بۇ ئىشنىڭ كاپىرلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئىكەنلىكىگە ئىشارەتتۇر. شۇڭلاشقا ئۇنىڭدىن كېيىن كاپىرلارنىڭ بەزى ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىش تولىمۇ مۇناسىپتۇر. info