Terjemahan makna Alquran Alkarim - Terjemahan Kitab Al-Mukhtaṣar fī Tafsīri Al-Qur`ān berbahasa Uighur

external-link copy
26 : 57

وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا نُوحٗا وَإِبۡرَٰهِيمَ وَجَعَلۡنَا فِي ذُرِّيَّتِهِمَا ٱلنُّبُوَّةَ وَٱلۡكِتَٰبَۖ فَمِنۡهُم مُّهۡتَدٖۖ وَكَثِيرٞ مِّنۡهُمۡ فَٰسِقُونَ

بىز ھەقىقەتەن نۇھ ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاملارنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىمۇ پەيغەمبەرلىك ۋە (دەرگاھىمىزدىن) نازىل قىلىنغان كىتابلارنى قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە توغرا يول تېپىپ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلەرمۇ بار. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر. info
التفاسير:
Beberapa Faedah Ayat-ayat di Halaman Ini:
• الحق لا بد له من قوة تحميه وتنشره.
ھەقىقەتنىڭ ئۇنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە تارقىتىدىغان كۈچى بولۇشى زۆرۈر. info

• بيان مكانة العدل في الشرائع السماوية.
ساماۋى شەرىئەتلەردە ئادالەتنىڭ ئورنى ئىنتايىن يۇقىرىدۇر. info

• صلة النسب بأهل الإيمان والصلاح لا تُغْنِي شيئًا عن الإنسان ما لم يكن هو مؤمنًا.
ئىنسان ئەگەر مۇئمىن بولمىسا، ئۇنىڭ ئەھلى ئىمان، سالىھ كىشىلەر بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ھېچنىمىگە ئەسقەتمايدۇ. info

• بيان تحريم الابتداع في الدين.
دىندا يوق ئىشنى پەيدا قىلىش ھارامدۇر. info