Terjemahan makna Alquran Alkarim - Terjemahan Kitab Al-Mukhtaṣar fī Tafsīri Al-Qur`ān berbahasa Uighur

رۇم

Tujuan Pokok Surah Ini:
تأكيد تفرّد الله سبحانه بتصريف الأمور، وبيان سنن الله في خلقه.
ئاللاھ تائالانىڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدىكى پىرىنسىپىنى بايان قىلىش. info

external-link copy
1 : 30

الٓمٓ

بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 30

غُلِبَتِ ٱلرُّومُ

پارسلار رۇملۇقلارنى يېڭىۋالدى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 30

فِيٓ أَدۡنَى ٱلۡأَرۡضِ وَهُم مِّنۢ بَعۡدِ غَلَبِهِمۡ سَيَغۡلِبُونَ

(ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش) شام زېمىنىنىڭ پارسقا ئەڭ يېقىن جايىدا (يۈز بەرگەن ئىدى). رۇملۇقلار پارسلارنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىن ئۇزۇنغا قالماي قايتا غەلىبە قىلىدۇ info
التفاسير:

external-link copy
4 : 30

فِي بِضۡعِ سِنِينَۗ لِلَّهِ ٱلۡأَمۡرُ مِن قَبۡلُ وَمِنۢ بَعۡدُۚ وَيَوۡمَئِذٖ يَفۡرَحُ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ

(رۇملۇقلارنىڭ غەلىبىسى) ئۈچ يىلدىن ئاز بولمىغان، ئون يىلدىنمۇ ئېشىپ كەتمىگەن بىر مۇددەت ئىچىدە (ئىشقا ئاشىدۇ). رۇملۇقلارنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن بۇرۇنقى ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى بارچە ئىشلار يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. رۇملۇقلار پارسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈندە مۇئمىنلەر خۇشاللىققا چۆمىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 30

بِنَصۡرِ ٱللَّهِۚ يَنصُرُ مَن يَشَآءُۖ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ

مۇئمىنلەرنىڭ ئاللاھنىڭ رۇملۇقلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىشىدىن خۇشاللىققا چۆمۈشى ئۇلارنىڭ كىتاب ئەھلى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ئۆزى خالىغان كىشىگە قارشى ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇركى، قەتئىي يېڭىلىپ قالمايدۇ. ئۇ مۇئمىن بەندىلىرىگە كۆيۈمچاندۇر. info
التفاسير:
Beberapa Faedah Ayat-ayat di Halaman Ini:
• لجوء المشركين إلى الله في الشدة ونسيانهم لأصنامهم، وإشراكهم به في الرخاء؛ دليل على تخبطهم.
مۇشرىكلارنىڭ قىيىن پەيتلەردە بۇتلىرىنى ئۇنتۇپ، ئاللاھقا يالۋۇرۇشى، باي - باياشاتلىقتا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشى ئۇلارنىڭ تايىنى يوقلۇقىنىڭ دەلىلىدۇر. info

• الجهاد في سبيل الله سبب للتوفيق إلى الحق.
ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ھەقىقەتكە مۇۋەپپەق قىلىنىشقا سەۋەب بولىدۇ. info

• إخبار القرآن بالغيبيات دليل على أنه من عند الله.
قۇرئاننىڭ غەيبىي ھادىسىلەر ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات بېرىشى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر. info