Terjemahan makna Alquran Alkarim - Terjemahan Kitab Al-Mukhtaṣar fī Tafsīri Al-Qur`ān berbahasa Uighur

Nomor Halaman:close

external-link copy
182 : 2

فَمَنۡ خَافَ مِن مُّوصٖ جَنَفًا أَوۡ إِثۡمٗا فَأَصۡلَحَ بَيۡنَهُمۡ فَلَآ إِثۡمَ عَلَيۡهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

كىم ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى ياكى ۋەسىيەتتە زۇلۇم قىلغانلىقىنى بىلىپ، نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ ناتوغرا ئىشلىرىنى تۈزەپ قويسا ياكى ۋەسىيەت قىلغۇچى بىلەن ۋەسىيەت قىلىنغۇچىنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ قويسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويغىنىغا كۆرە ئەجىر بېرىلىدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
183 : 2

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ

ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن كىشىلەر! ئۆزۈڭلار بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابى ئارىسىدا روزىدىن ئىبارەت ئەڭ ئۇلۇغ ئەمەلنى قالقان قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار. سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغىنىدەك سىلەرگىمۇ پەرز قىلىندى. info
التفاسير:

external-link copy
184 : 2

أَيَّامٗا مَّعۡدُودَٰتٖۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٖ فَعِدَّةٞ مِّنۡ أَيَّامٍ أُخَرَۚ وَعَلَى ٱلَّذِينَ يُطِيقُونَهُۥ فِدۡيَةٞ طَعَامُ مِسۡكِينٖۖ فَمَن تَطَوَّعَ خَيۡرٗا فَهُوَ خَيۡرٞ لَّهُۥۚ وَأَن تَصُومُواْ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ

سىلەرگە پەرز قىلىنغان روزا يىلنىڭ ساناقلىق كۈنلىرىدۇر. سىلەردىن كىمكى روزا تۇتۇش ئېغىر كىلىدىغان دەرىجىدە كېسەل بولۇپ قالسا ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ قالسا روزا تۇتماي كىيىنچە تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلسا بولىدۇ. (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلى) ئاران روزا تۇتالايدىغان كىشىلەر توتمىغان بولسا ھەر كۈنلىكىگە بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىديە بېرىشى لازىم. ئەگەر روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتىنى بىلسەڭلار، روزا تۇتقىنىڭلار ئېغىزىڭلارنى ئىچىۋىتىپ فىديە بەرگىنىڭلاردىن ياخشىدۇر. بۇ ئاللاھ روزا تۇتۇشنى يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ھۆكۈم بولۇپ، خالىغان كىشى روزا تۇتاتتى، خالىغان كىشى تۇتماي فىديە بېرەتتى. كېيىنچە ئاللاھ روزا تۇتۇشنى پەرز قىلدى. روزا، ھەر قانداق بالاغەتكە يەتكەن، تۇتۇشقا قادىر بولالايدىغان كىشىگە پەرزدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
185 : 2

شَهۡرُ رَمَضَانَ ٱلَّذِيٓ أُنزِلَ فِيهِ ٱلۡقُرۡءَانُ هُدٗى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَٰتٖ مِّنَ ٱلۡهُدَىٰ وَٱلۡفُرۡقَانِۚ فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ ٱلشَّهۡرَ فَلۡيَصُمۡهُۖ وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٖ فَعِدَّةٞ مِّنۡ أَيَّامٍ أُخَرَۗ يُرِيدُ ٱللَّهُ بِكُمُ ٱلۡيُسۡرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ ٱلۡعُسۡرَ وَلِتُكۡمِلُواْ ٱلۡعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُواْ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَىٰكُمۡ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ

رامىزان ئېيىنىڭ قەدىر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى. ئاللاھ قۇرئاننى كىشىلەرگە ھىدايەت قىلىپ نازىل قىلدى. قۇرئاندا ھەق بىلەن باتىلنىڭ روشەن ئايرىمىسى، ھىدايەتنىڭ ئېنىق كۆرسەتمىلىرى بار. سىلەردىن كىمكى ساغلام مۇقىم ھالىتىدە رامىزان ئېيىغا ھازىر بولسا روزا تۇتىشى پەرزدۇر. سىلەردىن كىمكى روزا تۇتۇش ئېغىر كىلىدىغان دەرىجىدە كېسەل بولۇپ قالسا ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر روزا تۇتمىغان بولسا تۇتمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك. ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەر ئارقىلىق قىيىنچىلىق يولىغا ئەمەس ئاسانچىلىق يولىغا مېڭىشىڭلارنى خالايدۇ. رامىزان ئېيىنىڭ سانىنى تۇلۇقلىشىڭلارنى، رامىزان ئېيى تۈگىگەندىن كىيىن، ھېيت كۈنى تەكبىر ئېيتىپ، ئاللاھنىڭ سىلەرنى روزا تۇتۇشقا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا، رامىزاننى مۇكەممەل ئۆتكۈزۈشكە ياردەم بەرگەنلىكى ۋە ئۆزى رازى بولغان بۇ دىنغا سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلۇغلاپ شۈكرى ئېيتىشىڭلارنى خالايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
186 : 2

وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌۖ أُجِيبُ دَعۡوَةَ ٱلدَّاعِ إِذَا دَعَانِۖ فَلۡيَسۡتَجِيبُواْ لِي وَلۡيُؤۡمِنُواْ بِي لَعَلَّهُمۡ يَرۡشُدُونَ

ئى پەيغەمبەر! مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مېنىڭ ئۇلارغا يېقىنلىقىم ۋە ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىم ھەققىدە سورىسا، ھەقىقەتەن مەن ئۇلارغا يېقىندۇرمەن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇرمەن، دۇئالىرىنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇرمەن. شۇڭلاشقا ئۇلار دۇئادا ئاۋازلىرىىنى كۆتۈرمەستىن، باشقىلارنى ۋاستە قىلماستىن ماڭا ئىخلاس قىلىپ دۇئا قىلسا، دۇئا قىلغۇچىنىڭ تەلىپىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇلار ماڭا ۋە مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بويسۇنسۇن، ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرسۇن، ھەقىقەتەن بۇ ئىشلار مېنىڭ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشىمدا ئەڭ مەنپەئەتلىك ۋاستە بولۇپ قالىدۇ. ئېھتىمال ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا توغرا يولدا مېڭىشى مۇمكىن. info
التفاسير:
Beberapa Faedah Ayat-ayat di Halaman Ini:
• فَضَّلَ الله شهر رمضان بجعله شهر الصوم وبإنزال القرآن فيه، فهو شهر القرآن؛ ولهذا كان النبي صلى الله عليه وسلم يتدارس القرآن مع جبريل في رمضان، ويجتهد فيه ما لا يجتهد في غيره.
ئاللاھ رامىزان ئېيىدا قۇرئاننى چۈشۈرۈپ روزا ئېيى قىلىش ئارقىلىق بۇ ئاينى باشقا ئايلاردىن پەزىلەتلىك قىلدى. رامىزان ئېيى قۇرئان ئېيىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاندا جىبرائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە قۇرئاننى دەرسلىك قىلاتتى. رامىزان ئېيىدا باشقا ئايلاردا كۆرسەتمىگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتەتتى. info

• شريعة الإسلام قامت في أصولها وفروعها على التيسير ورفع الحرج، فما جعل الله علينا في الدين من حرج.
ئىسلام شەرىئىتى ئەسلى ۋە شاخچە پرىنسىپلىرىدا ئاسانچىلىق ئۈستىگە ۋە مۇشەققەتنى كۆتۈرۈۋېتىش ئاساسىغا بەرپا قىلىنغان. ئاللاھ بىزنى دىندا تاقىتىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرىمىدى. info

• قُرْب الله تعالى من عباده، وإحاطته بهم، وعلمه التام بأحوالهم؛ ولهذا فهو يسمع دعاءهم ويجيب سؤالهم.
ئاللاھ بەندىلىرىگە يېقىندۇر، شۇ يېقىنلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى تۇلۇق بىلىدۇ. ئۇ ئاللاھ ئۇلارنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلاپ، سورىغانلىرىنى بېرىدۇ. info