क़ुरआन के अर्थों का अनुवाद - पवित्र क़ुरआन की संक्षिप्त व्याख्या का उइग़ुर अनुवाद

पृष्ठ संख्या:close

external-link copy
48 : 74

فَمَا تَنفَعُهُمۡ شَفَٰعَةُ ٱلشَّٰفِعِينَ

قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھ كىشىلەردىن ئىبارەت شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتىنىڭمۇ ئۇلارغا پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى شاپائەتنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتى شاپائەت قىلىنغۇچىدىن ئاللاھنىڭ رازى بولۇشىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 74

فَمَا لَهُمۡ عَنِ ٱلتَّذۡكِرَةِ مُعۡرِضِينَ

بۇ مۇشرىكلارنى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈتكەن نەرسە زادى نېمە؟ info
التفاسير:

external-link copy
50 : 74

كَأَنَّهُمۡ حُمُرٞ مُّسۡتَنفِرَةٞ

ئۇلار قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈپ، قېچىشتا گوياكى يولۋاستىن ئۈركۈپ ناھايىتى تېز قاچقان ياۋا ئېشەكلەرگە ئوخشايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
51 : 74

فَرَّتۡ مِن قَسۡوَرَةِۭ

ئۇلار قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈپ، قېچىشتا گوياكى يولۋاستىن ئۈركۈپ ناھايىتى تېز قاچقان ياۋا ئېشەكلەرگە ئوخشايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 74

بَلۡ يُرِيدُ كُلُّ ٱمۡرِيٕٖ مِّنۡهُمۡ أَن يُؤۡتَىٰ صُحُفٗا مُّنَشَّرَةٗ

بەلكى بۇ مۇشرىكلاردىن ھەر بىرى ئۆزلىرىنىڭ باشلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدىغان، ئوچۇق بىر كىتاب بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى دەلىل پاكىتلارنىڭ ئازلىقى ياكى ئاجىزلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ۋە تەكەببۇرلىقىدىندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
53 : 74

كَلَّاۖ بَل لَّا يَخَافُونَ ٱلۡأٓخِرَةَ

ئىش ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقتا ھەددىدىن ئېشىشىنىڭ سەۋەبى ئۇلار ئاخىرەتتىكى ئازابقا ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن كۇپۇرلۇقىدا ئىزچىل تۇرغانلىقىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
54 : 74

كَلَّآ إِنَّهُۥ تَذۡكِرَةٞ

بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن بۇ قۇرئان پەند - نەسىھەتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
55 : 74

فَمَن شَآءَ ذَكَرَهُۥ

كىمكى قۇرئاننى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن پەند - نەسىھەت ئېلىشنى خالىسا، ئۇنى ئوقۇپ، پەند - نەسىھەت ئالسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
56 : 74

وَمَا يَذۡكُرُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُۚ هُوَ أَهۡلُ ٱلتَّقۡوَىٰ وَأَهۡلُ ٱلۡمَغۡفِرَةِ

ئۇلار پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا پەند - نەسىھەت ئالالايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالاھ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلىشقا، بەندىلىرى تەۋبە قىلسا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشقا لايىق زاتتۇر. info
التفاسير:
इस पृष्ठ की आयतों से प्राप्त कुछ बिंदु:
• مشيئة العبد مُقَيَّدة بمشيئة الله.
بەندىنىڭ خاھىشى ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر. info

• حرص رسول الله صلى الله عليه وسلم على حفظ ما يوحى إليه من القرآن، وتكفّل الله له بجمعه في صدره وحفظه كاملًا فلا ينسى منه شيئًا.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاندىن ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان ئايەتلەرنى ئېسىدە تۇتۇۋېلىشقا تولىمۇ ھېرىسمەن بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئاننى ئۇنىڭ دىلىدا ۋە ئېسىدە تولۇق توپلاشقا كېپىل بولغان. شۇڭا ئۇ قۇرئاندىن ھېچ نەرسىنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. info