क़ुरआन के अर्थों का अनुवाद - पवित्र क़ुरआन की संक्षिप्त व्याख्या का उइग़ुर अनुवाद

पृष्ठ संख्या:close

external-link copy
31 : 7

۞ يَٰبَنِيٓ ءَادَمَ خُذُواْ زِينَتَكُمۡ عِندَ كُلِّ مَسۡجِدٖ وَكُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ وَلَا تُسۡرِفُوٓاْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ

ئەي ئادەم بالىلىرى! ناماز ئوقۇغاندا ۋە تاۋاپ قىلغىنىڭلاردا ئەۋرىتىڭلارنى يېپىپ تۇرىدىغان ۋە سىلەرگە زىننەت بولىدىغان پاك-پاكىزە كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، ئاللاھ ھالال قىلغان پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، ئىچىڭلار، بۇ ئىشلاردا نورمال چەكتىن ئېشىپ، ھالالدىن ھارامغا ئۆتۈپ كەتمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن نورمال چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 7

قُلۡ مَنۡ حَرَّمَ زِينَةَ ٱللَّهِ ٱلَّتِيٓ أَخۡرَجَ لِعِبَادِهِۦ وَٱلطَّيِّبَٰتِ مِنَ ٱلرِّزۡقِۚ قُلۡ هِيَ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا خَالِصَةٗ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ھالال قىلغان لىباسلارنى ۋە پاك رىزىقلارنى ھارام قىلىدىغان مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىپ ئېيتقىنكى، سىلەرنىڭ زىننىتىڭلار بولغان لىباسنى كىم ھارام قىلدى؟ ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى سىلەرگە كىم ھارام قىلدى؟ ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ھاياتىي دۇنيادا مۇئمىنلەرگە بېرىلگەن ئاشۇ پاك نەرسىلەر -گەرچە ئۇلارغا دۇنيادا باشقىلار شېرىك بولۇۋالغان بولسىمۇ- قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەرگىلا مەنسۇپتۇر، قىيامەتتە كاپىرلار ئۇنىڭغا شېرىك بولالمايدۇ. چۈنكى جەننەت كاپىرلارغا ھارام قىلىنغان. چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى شۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز. چۈنكى ئۇلار بۇ ئايەتلەردىن مەنپەئەت ئالالايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 7

قُلۡ إِنَّمَا حَرَّمَ رَبِّيَ ٱلۡفَوَٰحِشَ مَا ظَهَرَ مِنۡهَا وَمَا بَطَنَ وَٱلۡإِثۡمَ وَٱلۡبَغۡيَ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَأَن تُشۡرِكُواْ بِٱللَّهِ مَا لَمۡ يُنَزِّلۡ بِهِۦ سُلۡطَٰنٗا وَأَن تَقُولُواْ عَلَى ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىدىغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قەبىھ گۇناھلارنى ھارام قىلدى. پۈتۈن گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى، كىشىلەرنىڭ جانلىرى، ماللىرى ۋە يۈز-ئابرويلىرىغا ناھەق چېقىلىشنى ھارام قىلدى. ھېچبىر پاكىتسىز ھالەتتە باشقا نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭلارنى ھارام قىلدى، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى، سۈپەتلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە شەرىئىتىدە بىلمەستىن سۆزلەشنى ھارام قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 7

وَلِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٞۖ فَإِذَا جَآءَ أَجَلُهُمۡ لَا يَسۡتَأۡخِرُونَ سَاعَةٗ وَلَا يَسۡتَقۡدِمُونَ

ھەر ئەسىر ۋە دەۋرنىڭ بەلگىلەنگەن مۇئەييەن ۋاقتى بار. ئۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار ئازراقمۇ ئىلگىرى-كېيىن بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 7

يَٰبَنِيٓ ءَادَمَ إِمَّا يَأۡتِيَنَّكُمۡ رُسُلٞ مِّنكُمۡ يَقُصُّونَ عَلَيۡكُمۡ ءَايَٰتِي فَمَنِ ٱتَّقَىٰ وَأَصۡلَحَ فَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ

ئەي ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مەن تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن، ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلىرىمنى ئوقۇپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلسە ئۇلارغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇلار ئېلىپ كەلگەنگە ئەگىشىڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغان، ئەمەللىرىنى تۈزەتكەنلەرگە قىيامەت كۈنى قورقۇنچ بولمايدۇ، ئۇلار دۇنيانىڭ نېسىۋىلىرىدىن قولىدىن كەتكەنگە قايغۇرمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 7

وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَٱسۡتَكۡبَرُواْ عَنۡهَآ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ

ئەمما ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرمىگەن، پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن كىتابقا ئەمەل قىلىشتىن چوڭچىلىق قىلغان كاپىرلارغا كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان ئەھلى دوزىخىيلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 7

فَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوۡ كَذَّبَ بِـَٔايَٰتِهِۦٓۚ أُوْلَٰٓئِكَ يَنَالُهُمۡ نَصِيبُهُم مِّنَ ٱلۡكِتَٰبِۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَتۡهُمۡ رُسُلُنَا يَتَوَفَّوۡنَهُمۡ قَالُوٓاْ أَيۡنَ مَا كُنتُمۡ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِۖ قَالُواْ ضَلُّواْ عَنَّا وَشَهِدُواْ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ أَنَّهُمۡ كَانُواْ كَٰفِرِينَ

ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ياكى ئاللاھنى كەمسىتىش ۋە ياكى ئاللاھ دېمىگەننى دېيىش ئارقىلىق ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان، ياكى ئاللاھنىڭ توغرا يولغا باشلىغۇچى روشەن ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىمراق ئادەم يوق. ئەنە شۇلار دۇنيانىڭ نازۇ-نېئمەتلىرىدىن پەقەت لەۋھۇلمەھفۇزدا پىشانىسىگە پۈتۈۋېتىلگەن نېسىۋىگىلا ئېرىشەلەيدۇ. ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋە باشقا ياردەمچى پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالغىلى كەلگەن چاغدا پەرىشتىلەر ئۇلارغا كايىپ: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان ئىلاھلىرىڭلار قېنى؟ شۇلارنى چاقىرىڭلار، سىلەرگە ئەسقېتىپ باقسۇن، دەيدۇ. مۇشرىكلار پەرىشتىلەرگە: بىز چوقۇنغان ئىلاھلار بىزنى تاشلاپ كەتتى، ھازىر ئۇلارنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلمەيمىز، دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاپىر بولغانلىقىنى ئىقرار قىلىشتى. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ئىقرارى ئۆزلىرىگە قارشى پاكىت بولۇپ، ئۇلارغا قىلچە ئەسقاتمايدۇ. info
التفاسير:
इस पृष्ठ की आयतों से प्राप्त कुछ बिंदु:
• المؤمن مأمور بتعظيم شعائر الله من خلال ستر العورة والتجمل في أثناء صلاته وخاصة عند التوجه للمسجد.
مۇئمىن ناماز ئوقۇغىنىدا، بولۇپمۇ مەسجىدكە بارغىنىدا ئەۋرەتنى يېپىش ۋە چىرايلىق كىيىنىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ شۇئارلىرىنى ئۇلۇغلاشقا بۇيرۇلغاندۇر. info

• من فسر القرآن بغير علم أو أفتى بغير علم أو حكم بغير علم فقد قال على الله بغير علم وهذا من أعظم المحرمات.
كىمكى قۇرئاننى بىلمەي تۇرۇپ تەپسىر قىلسا ياكى ئىلىمسىز پەتىۋا بەرسە ياكى ھۆكۈم قىلسا، بىلمەي تۇرۇپ ئاللاھ مۇنداق دېدى، دېگەن بولىدۇ. بۇ بولسا ئەڭ چوڭ ھاراملارنىڭ بىرىدۇر. info

• في الآيات دليل على أن المؤمنين يوم القيامة لا يخافون ولا يحزنون، ولا يلحقهم رعب ولا فزع، وإذا لحقهم فمآلهم الأمن.
ئايەتلەردە مۇئمىنلەرنىڭ قىيامەت كۈنى قورقمايدىغانلىقى، قايغۇرمايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارغا نە قورقۇنچ، نە بىئارامچىلىق بولمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خاتىرجەملىك بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار. info

• أظلم الناس من عطَّل مراد الله تعالى من جهتين: جهة إبطال ما يدل على مراده، وجهة إيهام الناس بأن الله أراد منهم ما لا يريده الله.
ئاللاھنىڭ مەقسىتىنى ئىككى تەرەپتىن، يەنى: بىر تەرەپتىن ئاللاھنىڭ مەقسىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىشارىلەرنى، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارغا ئاللاھ ئىرادە قىلمىغاننى ئىرادە قىلغاندەك گۇمانغا سالىدىغان ئادەملەر ئەڭ زالىملاردۇر. info