क़ुरआन के अर्थों का अनुवाद - पवित्र क़ुरआन की संक्षिप्त व्याख्या का उइग़ुर अनुवाद

external-link copy
55 : 23

أَيَحۡسَبُونَ أَنَّمَا نُمِدُّهُم بِهِۦ مِن مَّالٖ وَبَنِينَ

ئۆزلىرىنىڭ دىنى بىلەن خۇشاللىنىدىغان ئاشۇ گۇرۇھلار بىز ئۇلارغا ھاياتىي دۇنيادا بەرگەن مال - ۋاران ۋە بالا - چاقىلارنى ئۆزلىرى لايىق بولغان نەخ ياخشىلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ئەمەلىيەت ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس. بىز ئۇلارغا ئۇ نەرسىلەرنى پەقەتلا مۆھلەت ۋە بىخۇتلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەردۇق، لېكىن ئۇلار بۇنى ھېس قىلمايدۇ. info
التفاسير:
इस पृष्ठ की आयतों से प्राप्त कुछ बिंदु:
• الاستكبار مانع من التوفيق للحق.
تەكەببۇرلۇق ھەقكە مۇۋەپپەق بولۇشقا توسالغۇ بولىدۇ. info

• إطابة المأكل له أثر في صلاح القلب وصلاح العمل.
يېمەكلىكنىڭ پاك بولۇشى قەلبنىڭ ۋە ئەمەلنىڭ ياخشىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. info

• التوحيد ملة جميع الأنبياء ودعوتهم.
تەۋھىد، يەنى ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى ۋە چاقىرىقىدۇر. info

• الإنعام على الفاجر ليس إكرامًا له، وإنما هو استدراج.
پاسىق - پاجىرلارغا قىلىنغان مەرھەمەت ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىك ئەمەس، بەلكى بىخۇتلاشتۇرۇشتۇر. info