क़ुरआन के अर्थों का अनुवाद - पवित्र क़ुरआन की संक्षिप्त व्याख्या का उइग़ुर अनुवाद

पृष्ठ संख्या:close

external-link copy
52 : 20

قَالَ عِلۡمُهَا عِندَ رَبِّي فِي كِتَٰبٖۖ لَّا يَضِلُّ رَبِّي وَلَا يَنسَى

مۇسائەلەيھىسسالام پىرئەۋنگە: ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلار پەرۋەردىگارىمنىڭ دەرگاھىدا لەھۋۇلمەھپۇزدا پۈتۈكلىكتۇر، .پەرۋەردىگارىم مەلۇماتلاردا خاتالاشمايدۇ ۋە ئۇنتۇپ قالمايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
53 : 20

ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ مَهۡدٗا وَسَلَكَ لَكُمۡ فِيهَا سُبُلٗا وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجۡنَا بِهِۦٓ أَزۡوَٰجٗا مِّن نَّبَاتٖ شَتَّىٰ

پەرۋەردىگارىم سىلەرگە زېمىننى يېيىپ ياشاشقا لايىق قىلىپ بەردى، زېمىندا سىلەر ئۈچۈن مېڭىشقا يارايدىغان نۇرغۇن يوللارنى قىلدى، ئاسماندىن يامغۇر چۈشۈردى. يامغۇر سۈيى سەۋەبى بىلەن زېمىندىن .ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈك-زىرائەتلەرنى چېقاردى info
التفاسير:

external-link copy
54 : 20

كُلُواْ وَٱرۡعَوۡاْ أَنۡعَٰمَكُمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّأُوْلِي ٱلنُّهَىٰ

ئى ئىنسانلار! سىلەرگە زېمىندىن چېقىرىپ بەرگەن پاكىزە نەرسىلەردىن يەڭلار، چارۋېلىرىڭلارنى بېقىڭلار، مۇشۇ زىكىر قىلىنغان نېمەتلەردە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە تەڭداشسىز قۇدىرىتىنى .نامايەن قىلىدىغان دەلىللەر بار info
التفاسير:

external-link copy
55 : 20

۞ مِنۡهَا خَلَقۡنَٰكُمۡ وَفِيهَا نُعِيدُكُمۡ وَمِنۡهَا نُخۡرِجُكُمۡ تَارَةً أُخۡرَىٰ

سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى زېمىننىڭ تۇپرىقىدىن ياراتتۇق، ۋاپات بولغان ۋاقتىڭلاردا سىلەرنى دەپنى قىلىش بىلەن زېمىنغا قايتۇرىمىز، سىلەرنى يەنە بىر قېتىم قىيامەت كۈنىدە تېرىلدۇرۇپ زېمىندىن چېقىرىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
56 : 20

وَلَقَدۡ أَرَيۡنَٰهُ ءَايَٰتِنَا كُلَّهَا فَكَذَّبَ وَأَبَىٰ

ھەقىقەتەن پىرئەۋنغا بىزنىڭ توققۇز تۈرلۈك مۆجىزىمىزنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەتتۇق، ئۇنى كۆردى ۋە ئىنكار قىلدى، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتتى. info
التفاسير:

external-link copy
57 : 20

قَالَ أَجِئۡتَنَا لِتُخۡرِجَنَا مِنۡ أَرۡضِنَا بِسِحۡرِكَ يَٰمُوسَىٰ

پىرئەۋن: ئى مۇسا! سەن ئېلىپ كەلگەن سېھىر بىلەن بىزنى مىسىردىن چېقىرىۋېتىپ مىسىرنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۆزۈڭنىڭ قېلىۋىلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
58 : 20

فَلَنَأۡتِيَنَّكَ بِسِحۡرٖ مِّثۡلِهِۦ فَٱجۡعَلۡ بَيۡنَنَا وَبَيۡنَكَ مَوۡعِدٗا لَّا نُخۡلِفُهُۥ نَحۡنُ وَلَآ أَنتَ مَكَانٗا سُوٗى

ئى مۇسا! سېنىڭ ئېلىپ كەلگەن سېھرىڭگە ئوخشاش سېھرىنى ئېلىپ كېلىمىز، سېنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۇچرىشىدىغان بىر ئورۇن ۋە ۋاقىتنى بېكىتكىن، بىزمۇ ۋە سەنمۇ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايمىز. بۇ .ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدىكى ئوتتۇرھال مۇناسىپ جاي بولسۇن info
التفاسير:

external-link copy
59 : 20

قَالَ مَوۡعِدُكُمۡ يَوۡمُ ٱلزِّينَةِ وَأَن يُحۡشَرَ ٱلنَّاسُ ضُحٗى

مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋنغا: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ۋەدە قېلىنغان ۋاقىت بايرام كۈنى بولسۇن، كىشىلەر بايرام قىلىش ئۈچۈن .چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن دېدى info
التفاسير:

external-link copy
60 : 20

فَتَوَلَّىٰ فِرۡعَوۡنُ فَجَمَعَ كَيۡدَهُۥ ثُمَّ أَتَىٰ

پىرئەۋن قايتىپ ئۆزىنىڭ ھىلە-مىكىر، چارە-تەدبىرلىرىنى توپلىدى، ئاندىن ۋاقتى كەلگەندە غەلبە قېلىش ئۈمىدى بىلەن بەلگىلەنگەن جايغا .كەلدى info
التفاسير:

external-link copy
61 : 20

قَالَ لَهُم مُّوسَىٰ وَيۡلَكُمۡ لَا تَفۡتَرُواْ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا فَيُسۡحِتَكُم بِعَذَابٖۖ وَقَدۡ خَابَ مَنِ ٱفۡتَرَىٰ

مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋنغا ۋەز-نەسىھەت قېلىپ: دىققەت قىلىڭلار، سېھرى قىلىپ كىشىلەرنى ئالداش بىلەن ئاللاھقا يالغاننى توقۇماڭلار، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن تۈپ-يىلتىزىڭلاردىن يوق قىلىۋېتىدۇ، ئاللاھقا يالغاننى توقۇغان كىشى چوقۇم زىيان تارتىدۇ، .دېدى info
التفاسير:

external-link copy
62 : 20

فَتَنَٰزَعُوٓاْ أَمۡرَهُم بَيۡنَهُمۡ وَأَسَرُّواْ ٱلنَّجۡوَىٰ

سېھرىگەرلەر مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆز-ئارا يوشۇرۇن دەتالاش قېلىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
63 : 20

قَالُوٓاْ إِنۡ هَٰذَٰنِ لَسَٰحِرَٰنِ يُرِيدَانِ أَن يُخۡرِجَاكُم مِّنۡ أَرۡضِكُم بِسِحۡرِهِمَا وَيَذۡهَبَا بِطَرِيقَتِكُمُ ٱلۡمُثۡلَىٰ

سېھرىگەرلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىگە يوشۇرۇن: ھەقىقەتەن مۇسا ۋە ھارۇن بۇ ئىككىسى سېھرىگەر، بۇ ئىككىسى ئۆزىنىڭ ئېلىپ كەلگەن سېھرىسى بىلەن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چېقىرىۋەتمەكچى، ھايات يۆلىنىشىڭلارنى ئۆزگەرتمەكچى ۋە تەرەققى قىلغان دىنىڭلارنى يوق قىلماقچى دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
64 : 20

فَأَجۡمِعُواْ كَيۡدَكُمۡ ثُمَّ ٱئۡتُواْ صَفّٗاۚ وَقَدۡ أَفۡلَحَ ٱلۡيَوۡمَ مَنِ ٱسۡتَعۡلَىٰ

ئىشىڭلارنى پۇختىلاڭلار، ھەرگىز ئىختىلاپلاشماڭلار، ئاندىن سەپ تارتىپ مەيدانغا چۈشۈڭلار، ئېلىپ كەلگەن سېھرىڭلارنى بىراقلا ئوتتۇرغا تاشلاڭلار، بۈگۈن قارشى تەرەپتىن غەلبە قىلغان كىشى .چوقۇم مەقسەتكە يەتكەن بولىدۇ info
التفاسير:
इस पृष्ठ की आयतों से प्राप्त कुछ बिंदु:
• إخراج أصناف من النبات المختلفة الأنواع والألوان من الأرض دليل واضح على قدرة الله تعالى ووجود الصانع.
زېمىندىن ئوخشىمايدىغان رەڭلەردىكى تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ .چېقىرىلىشى، ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە بولغان روشەن دەلىلدۇر info

• ذكرت الآيات دليلين عقليين واضحين على الإعادة: إخراج النبات من الأرض بعد موتها، وإخراج المكلفين منها وإيجادهم.
ئايەتتە: زېمىن قۇرۇپ قاقشال بولغاندىن كېيىن ئۆسۈملۈكلەرنى چېقىرىش، زېمىندىن ئىنسانلارنى پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشكە دالالەت قېلىدىغان روشەن ئەقلى دەلىلدىن ئىككىسى زىكىر قىلىندى. info

• كفر فرعون كفر عناد؛ لأنه رأى الآيات عيانًا لا خبرًا، واقتنع بها في أعماق نفسه.
پىرئەۋننىڭ كاپىرلىقى تەكەببۇرلۇق كۇپرىسىدۇر، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىنى خەۋەر شەكىلدە ئەمەس بەلكى ئۆز كۆزى بىلەن ئېنىق .كۆرگەن، چىن دىلىدىن ئۇنىڭغا قانائەت قىلغانىدى info

• اختار موسى يوم العيد؛ لتعلو كلمة الله، ويظهر دينه، ويكبت الكفر، أمام الناس قاطبة في المجمع العام ليَشِيع الخبر.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بايرام كۈنىنى تاللىشى بولسا، يىللىق يېغىلىش بولغان كۈندە ئومۇمى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قېلىش، دىنىنى ئاشكارا قېلىش ۋە كاپىرلارنى مات قىلىپ ئەمەلى خەۋەرنى تارقىتىش ئۈچۈندۇر. info