કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અનુવાદ - મુહમ્મદ સાલેહ

પેજ નંબર:close

external-link copy
27 : 67

فَلَمَّا رَأَوۡهُ زُلۡفَةٗ سِيٓـَٔتۡ وُجُوهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَقِيلَ هَٰذَا ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تَدَّعُونَ

ئۇلار ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلىقىنى كۆرگەن چاغدا يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ، ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ[27]. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 67

قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِنۡ أَهۡلَكَنِيَ ٱللَّهُ وَمَن مَّعِيَ أَوۡ رَحِمَنَا فَمَن يُجِيرُ ٱلۡكَٰفِرِينَ مِنۡ عَذَابٍ أَلِيمٖ

(ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ئۆلۈمىڭنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ (سىلەر ئارزۇ قىلغاندەك) مېنى ۋە مەن بىلەن بولغان (مۆمىنلەرنى) ھالاك قىلىدىغان بولسا، ياكى (بىزنىڭ ئەجىلىمىزنى كېچىكتۈرۈپ) بىزگە رەھىم قىلىدىغان بولسا، كاپىرلارنى قاتتىق ئازابتىن كىم قۇتۇلدۇرىدۇ؟»[28] info
التفاسير:

external-link copy
29 : 67

قُلۡ هُوَ ٱلرَّحۡمَٰنُ ءَامَنَّا بِهِۦ وَعَلَيۡهِ تَوَكَّلۡنَاۖ فَسَتَعۡلَمُونَ مَنۡ هُوَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ

ئېيتقىنكى، «ئۇ ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھتۇر، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدۇق، سىلەر كىمنىڭ روشەن گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى كەلگۈسىدە بىلىسىلەر»[29]. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 67

قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِنۡ أَصۡبَحَ مَآؤُكُمۡ غَوۡرٗا فَمَن يَأۡتِيكُم بِمَآءٖ مَّعِينِۭ

(ئۇلارغا) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ (سۈيىڭلار يەر ئاستىغا) سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ» دېگىن[30]. info
التفاسير: