કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અનુવાદ - મુહમ્મદ સાલેહ

પેજ નંબર:close

external-link copy
127 : 37

فَكَذَّبُوهُ فَإِنَّهُمۡ لَمُحۡضَرُونَ

ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئازابقا) ھازىر قىلىنىدۇ[127]. info
التفاسير:

external-link copy
128 : 37

إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ

پەقەت ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا[128]. info
التفاسير:

external-link copy
129 : 37

وَتَرَكۡنَا عَلَيۡهِ فِي ٱلۡأٓخِرِينَ

كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى ئىلياسقا) ياخشى نام قالدۇردۇق[129]. info
التفاسير:

external-link copy
130 : 37

سَلَٰمٌ عَلَىٰٓ إِلۡ يَاسِينَ

ئىلياسقا (بىزدىن) سالام بولسۇن![130]. info
التفاسير:

external-link copy
131 : 37

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ

بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[131]. info
التفاسير:

external-link copy
132 : 37

إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

ھەقىقەتەن ئۇ بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر[132]. info
التفاسير:

external-link copy
133 : 37

وَإِنَّ لُوطٗا لَّمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

لۇت ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر[133]. info
التفاسير:

external-link copy
134 : 37

إِذۡ نَجَّيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥٓ أَجۡمَعِينَ

ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق[134]. info
التفاسير:

external-link copy
135 : 37

إِلَّا عَجُوزٗا فِي ٱلۡغَٰبِرِينَ

پەقەت موماي (يەنى لۇتنىڭ ئايالى) نى قالدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق[135]. info
التفاسير:

external-link copy
136 : 37

ثُمَّ دَمَّرۡنَا ٱلۡأٓخَرِينَ

ئاندىن قالغانلارنى (يەنى ئۇنىڭ قەۋمىدىن بولغان كۇففارلارنى) ھالاك قىلدۇق[136]. info
التفاسير:

external-link copy
137 : 37

وَإِنَّكُمۡ لَتَمُرُّونَ عَلَيۡهِم مُّصۡبِحِينَ

(ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟[137 ـ 138]. info
التفاسير:

external-link copy
138 : 37

وَبِٱلَّيۡلِۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ

(ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟[137 ـ 138]. info
التفاسير:

external-link copy
139 : 37

وَإِنَّ يُونُسَ لَمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

يۇنۇس ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر[139] info
التفاسير:

external-link copy
140 : 37

إِذۡ أَبَقَ إِلَى ٱلۡفُلۡكِ ٱلۡمَشۡحُونِ

ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىدىن قېچىپ (كىشىلەر بىلەن) توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى[140]. info
التفاسير:

external-link copy
141 : 37

فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ ٱلۡمُدۡحَضِينَ

(كېمىدىكىلەر چەك چىققان ئادەمنى دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن) چەك تاشلاشتى، يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ (دېڭىزغا تاشلاندى)[141]. info
التفاسير:

external-link copy
142 : 37

فَٱلۡتَقَمَهُ ٱلۡحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٞ

ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ (قەۋمىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز چىققانلىقى ئۈچۈن) ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى[142]. info
التفاسير:

external-link copy
143 : 37

فَلَوۡلَآ أَنَّهُۥ كَانَ مِنَ ٱلۡمُسَبِّحِينَ

ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، [143] info
التفاسير:

external-link copy
144 : 37

لَلَبِثَ فِي بَطۡنِهِۦٓ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ

بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى[-144]. info
التفاسير:

external-link copy
145 : 37

۞ فَنَبَذۡنَٰهُ بِٱلۡعَرَآءِ وَهُوَ سَقِيمٞ

ئۇنى بىز (دېڭىز ساھىلىدىكى) بىر قۇرغاق يەرگە (بېلىقنىڭ قارنىدىن) ئاتتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېسەل ئىدى[145]. info
التفاسير:

external-link copy
146 : 37

وَأَنۢبَتۡنَا عَلَيۡهِ شَجَرَةٗ مِّن يَقۡطِينٖ

ئۇنىڭ ئۈستىگە (سايە تاشلاپ تۇرۇش ئۈچۈن) بىر تۈپ كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق[146]. ئ info
التفاسير:

external-link copy
147 : 37

وَأَرۡسَلۡنَٰهُ إِلَىٰ مِاْئَةِ أَلۡفٍ أَوۡ يَزِيدُونَ

ئۇنى بىز 100 مىڭ، بەلكى (بۇنىڭدىنمۇ) كۆپ (بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق[147]. info
التفاسير:

external-link copy
148 : 37

فَـَٔامَنُواْ فَمَتَّعۡنَٰهُمۡ إِلَىٰ حِينٖ

(ئۇلار ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا) ئىمان ئېيتتى. مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر) ئۇلارنى (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلدۇق[148]. info
التفاسير:

external-link copy
149 : 37

فَٱسۡتَفۡتِهِمۡ أَلِرَبِّكَ ٱلۡبَنَاتُ وَلَهُمُ ٱلۡبَنُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە) دىن سوراپ باققىنكى، قىزلار پەرۋەردىگارىڭغا، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ؟[149] info
التفاسير:

external-link copy
150 : 37

أَمۡ خَلَقۡنَا ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ إِنَٰثٗا وَهُمۡ شَٰهِدُونَ

ياكى بىز پەرىشتىلەرنى چىشى ياراتقان بولۇپ، ئۇلار (بىزنىڭ ياراتقانلىقىمىزنى) كۆرۈپ تۇرغانمۇ؟ (شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەمدۇ؟)[150]. info
التفاسير:

external-link copy
151 : 37

أَلَآ إِنَّهُم مِّنۡ إِفۡكِهِمۡ لَيَقُولُونَ

بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر[151- 152]. info
التفاسير:

external-link copy
152 : 37

وَلَدَ ٱللَّهُ وَإِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ

بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر[151- 152]. info
التفاسير:

external-link copy
153 : 37

أَصۡطَفَى ٱلۡبَنَاتِ عَلَى ٱلۡبَنِينَ

ئاللاھ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟[153] info
التفاسير: