કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અલ્ મુખ્તસર ફી તફસીરિલ્ કુરઆનીલ્ કરીમ કિતાબનું અનુવાદ

لەيل

સૂરતના હેતુઓ માંથી:
بيان أحوال الخلق في الإيمان والإنفاق وحال كل فريق.
خالايىقلارنىڭ ئىمان، خەيرى-ئېھسان قىلىشتىكى ئەھۋالىنى ۋە ھەر بىر پىرقىنىڭ ئەھۋالىنىڭ بايانى . info

external-link copy
1 : 92

وَٱلَّيۡلِ إِذَا يَغۡشَىٰ

ئاللاھ تائالا قاراڭغۇلۇقى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىنى قاپلىغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 92

وَٱلنَّهَارِ إِذَا تَجَلَّىٰ

تاڭ يورۇپ، ئاشكارا بولغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 92

وَمَا خَلَقَ ٱلذَّكَرَ وَٱلۡأُنثَىٰٓ

ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنسنى يارىتىشى بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 92

إِنَّ سَعۡيَكُمۡ لَشَتَّىٰ

ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار خىلمۇخىلدۇر. يەنى ئەمەللىرىڭلاردىن ياخشىلىقلارمۇ بار بولۇپ، بۇنداق ئەمەللەر جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبىدۇر، يامانلىقلارمۇ بار بولۇپ، بۇنداق ئەمەللەر دوزاخقا كىرىشنىڭ سەۋەبىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 92

فَأَمَّا مَنۡ أَعۡطَىٰ وَٱتَّقَىٰ

زاكات، نەپىقە ۋە كاپپارەت دېگەندەك بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مالنى بەرگەن ھەمدە ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلانغان، info
التفاسير:

external-link copy
6 : 92

وَصَدَّقَ بِٱلۡحُسۡنَىٰ

شۇنداقلا ئاللاھ ۋەدە قىلغان ساۋاب - مۇكاپاتلارغا ئىشەنگەن ئادەمگە كەلسەك، info
التفاسير:

external-link copy
7 : 92

فَسَنُيَسِّرُهُۥ لِلۡيُسۡرَىٰ

بۇ بۇنداق ئادەمگە ياخشى ئەمەللەرنى ۋە ئاللاھ يولىدا مال سەرپ قىلىشنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 92

وَأَمَّا مَنۢ بَخِلَ وَٱسۡتَغۡنَىٰ

مېلىغا بېخىللىق قىلىپ، بېرىشكە تېگىشلىك مالنىمۇ بەرمىگەن ھەمدە ئۆز مېلى ئارقىلىق ئاللاھتىن ئۆزىنى بىھاجەت ساناپ، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن ھېچنەرسە تىلىمىگەن، info
التفاسير:

external-link copy
9 : 92

وَكَذَّبَ بِٱلۡحُسۡنَىٰ

ھەمدە ئاللاھ تائالا ئۆز يولىدا سەرپ قىلىنغان ماللارنىڭ بەدىلىگە بېرىشنى ۋەدە قىلغان ساۋاب - مۇكاپاتلارنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك، info
التفاسير:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• أهمية تزكية النفس وتطهيرها.
نەپسنى پاكلاش ئىنتايىن مۇھىم ئەمەلدۇر. info

• المتعاونون على المعصية شركاء في الإثم.
ئاسىيلىقتىكى ھەمكارلىق گۇناھكارلىقتىكى ئورتاقلىقتۇر. info

• الذنوب سبب للعقوبات الدنيوية.
گۇناھ - مەئسىيەتلەر مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىمۇ ئازابقا دۇچار بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ. info

• كلٌّ ميسر لما خلق له فمنهم مطيع ومنهم عاصٍ.
ھەر كىم ئۆزى يارىتىلغان ئەمەلنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىتائەت قىلغۇچىمۇ، ئاسىيلىق قىلغۇچىمۇ بار. info