કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - ઉઇગુર ભાષામાં અલ્ મુખ્તસર ફી તફસીરિલ્ કુરઆનીલ્ કરીમ કિતાબનું અનુવાદ

external-link copy
20 : 32

وَأَمَّا ٱلَّذِينَ فَسَقُواْ فَمَأۡوَىٰهُمُ ٱلنَّارُۖ كُلَّمَآ أَرَادُوٓاْ أَن يَخۡرُجُواْ مِنۡهَآ أُعِيدُواْ فِيهَا وَقِيلَ لَهُمۡ ذُوقُواْ عَذَابَ ٱلنَّارِ ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ

كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەت بىلەن ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلارغا كەلسەك، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا تەييارلانغان تۇرار جايى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار ھەر قاچان دوزاختىن چىقماقچى بولغىنىدا دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ. ئۇلارنى مات قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا: دۇنيادا پەيغەمبەرلىرىڭلار سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغان چاغدا سىلەر ئىنكار قىلغان دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• إيمان الكفار يوم القيامة لا ينفعهم؛ لأنها دار جزاء لا دار عمل.
قىيامەت كۈنى كاپىرلارنىڭ ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى قىيامەت ئەمەل قىلىدىغان ئەمەس، جازا - مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان جايدۇر. info

• خطر الغفلة عن لقاء الله يوم القيامة.
قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ئۇچرىشىشتىن غەپلەتتە قىلىش خەتەرلىكتۇر. info

• مِن هدي المؤمنين قيام الليل.
كېچىدە قىيامدا تۇرۇش مۇئمىنلەرنىڭ توغرا يولىدىندۇر. info