Firo maanaaji al-quraan tedduɗo oo - Eggo e haala Uigur wonande deftere Firo Alkur'aana raɓɓinaango.

Tonngoode hello ngoo:close

external-link copy
44 : 7

وَنَادَىٰٓ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِ أَصۡحَٰبَ ٱلنَّارِ أَن قَدۡ وَجَدۡنَا مَا وَعَدَنَا رَبُّنَا حَقّٗا فَهَلۡ وَجَدتُّم مَّا وَعَدَ رَبُّكُمۡ حَقّٗاۖ قَالُواْ نَعَمۡۚ فَأَذَّنَ مُؤَذِّنُۢ بَيۡنَهُمۡ أَن لَّعۡنَةُ ٱللَّهِ عَلَى ٱلظَّٰلِمِينَ

ئەھلى جەننەت بىلەن ئەھلى دوزىخىيلاردىن ھەربىرى ئۆزلىرىگە تەييارلانغان ئورۇنلىرىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن جەننەت ئەھلى دوزاخ ئەھلىگە: پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان جەننەتنىڭ راستىنلا ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدۇق، چۈنكى ئۇ بىزنى ئۇنىڭغا كىرگۈزدى. ئەي كاپىرلار! سىلەرمۇ ئاللاھ سىلەرگە تەھدىت قىلغان دوزاخنىڭ راستىنلا ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدىڭلارمۇ؟ دەپ توۋلايدۇ. كاپىرلار: بىزمۇ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىز تەھدىت قىلغان دوزاخنىڭ راستلىقىنى بىلدۇق، دەيدۇ. ئارقىدىنلا بىر جاكارچى ئاللاھقا دۇئا قىلىپ: ئاللاھ زالىملارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلسۇن، چۈنكى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت ئىشىكلىرى ئېچىلغان ئىدى، ئەمما ئۇلار ھاياتىي دۇنيادا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن، دەپ نىدا قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 7

ٱلَّذِينَ يَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَيَبۡغُونَهَا عِوَجٗا وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ كَٰفِرُونَ

بۇ زالىملار ئاللاھنىڭ يولىدىن ئۆزلىرىمۇ يۈز ئۆرۈپ، باشقىلارنىمۇ يۈز ئۆرۈشكە مەجبۇرلايتتى. ئۇلار كىشىلەرنىڭ ھەق يولدا ماڭماسلىقى ئۈچۈن بۇ يولنىڭ ئەگرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشاتتى. شۇنداقلا ئۇلار ئاخىرەتكە كاپىر بولغاچقا، ئۇنىڭغا ھېچقانداق تەييارلىقمۇ قىلمىغان. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 7

وَبَيۡنَهُمَا حِجَابٞۚ وَعَلَى ٱلۡأَعۡرَافِ رِجَالٞ يَعۡرِفُونَ كُلَّۢا بِسِيمَىٰهُمۡۚ وَنَادَوۡاْ أَصۡحَٰبَ ٱلۡجَنَّةِ أَن سَلَٰمٌ عَلَيۡكُمۡۚ لَمۡ يَدۡخُلُوهَا وَهُمۡ يَطۡمَعُونَ

جەننەت ئەھلى ۋە دەۋزەخ ئەھلىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى گۇرۇھ ئارىسىدا «ئەئراف» دېيىلىدىغان ئېگىز بىر توسما بار بولۇپ، بۇ توسمىنىڭ ئۈستىدە ياخشىلىقى بىلەن يامانلىقى تەڭلىشىپ قالغان بىر توپ كىشىلەر بار. ئۇلار جەننەت ئەھلىنى يۈزلىرىنىڭ ئاقلىقىغا ئوخشاش ئالامەتلىرىدىن، دوزاخ ئەھلىنى يۈزلىرىنىڭ قارىلىقىغا ئوخشاش ئالامەتلىرىدىن تونۇيدۇ. بۇلار جەننەت ئەھلىنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن: سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز، دەپ توۋلايدۇ. جەننەت ئەھلى تېخىچە جەننەتكە كىرمىگەن بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن جەننەتكە كىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 7

۞ وَإِذَا صُرِفَتۡ أَبۡصَٰرُهُمۡ تِلۡقَآءَ أَصۡحَٰبِ ٱلنَّارِ قَالُواْ رَبَّنَا لَا تَجۡعَلۡنَا مَعَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ

ئەئرافتىكىلەر ئەھلى دوزاخ تەرەپكە بۇرۇلۇپ، ئۇلار دۇچار بولغان قاتتىق ئازابنى كۆرگىنىدە ئاللاھقا دۇئا قىلىپ: « ئەي رەببىمىز! بىزنى ساڭا كاپىر بولغان ۋە شېرىك كەلتۈرگەن زالىملار بىلەن بىرگە قىلمىغىن، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 7

وَنَادَىٰٓ أَصۡحَٰبُ ٱلۡأَعۡرَافِ رِجَالٗا يَعۡرِفُونَهُم بِسِيمَىٰهُمۡ قَالُواْ مَآ أَغۡنَىٰ عَنكُمۡ جَمۡعُكُمۡ وَمَا كُنتُمۡ تَسۡتَكۡبِرُونَ

ئەئرافتىكىلەر دوزاخقا كىرگەن كاپىرلارنى يۈزلىرىنىڭ قارىلىقى ۋە كۆزلىرىنىڭ كۆكلىكىدىن تونۇپ ئۇلارغا: توپلىغان ماللىرىڭلار ۋە ئادەملىرىڭلار سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمايدۇ، سىلەرنىڭ تەكەببۇرلۇق ۋە چوڭچىلىق قىلىپ ھەقتىن يۈز ئۆرۈگىنىڭلارمۇ ئەسقاتمايدۇ، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 7

أَهَٰٓؤُلَآءِ ٱلَّذِينَ أَقۡسَمۡتُمۡ لَا يَنَالُهُمُ ٱللَّهُ بِرَحۡمَةٍۚ ٱدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ لَا خَوۡفٌ عَلَيۡكُمۡ وَلَآ أَنتُمۡ تَحۡزَنُونَ

ئاللاھ كاپىرلارغا كايىپ: سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ دەيدۇ. ئاللاھ مۇئمىنلەرگە: ئەي مۇئمىنلەر! جەننەتكە كىرىڭلار، ئۈزۈلمەس نېئمەتكە ئېرىشكىنىڭلار ئۈچۈن كەلگۈسىدە ھېچقانداق قورقۇنچ بولمايدۇ، دۇنيادا قولدىن كەتكەن مەنپەئەتلەرگىمۇ قايغۇرمايسىلەر، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 7

وَنَادَىٰٓ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِ أَصۡحَٰبَ ٱلۡجَنَّةِ أَنۡ أَفِيضُواْ عَلَيۡنَا مِنَ ٱلۡمَآءِ أَوۡ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُۚ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ حَرَّمَهُمَا عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ

دوزاخ ئەھلى جەننەتتىكىلەرگە يالۋۇرۇپ: ئەي جەننەت ئەھلى! بىزگە سۇ ياكى ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن يېمەكلىكتىن بېرىڭلار، دەپ توۋلايدۇ. جەننەت ئەھلى ئۇلارغا جاۋابەن: شەكسىزكى ئاللاھ كاپىرلارغا كۇپرىسى تۈپەيلىدىن يېمەك-ئىچمەكنى ھارام قىلدى، شۇڭا بىز ئاللاھ سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەر بىلەن ياردەم قىلالمايمىز، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
51 : 7

ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ دِينَهُمۡ لَهۡوٗا وَلَعِبٗا وَغَرَّتۡهُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَاۚ فَٱلۡيَوۡمَ نَنسَىٰهُمۡ كَمَا نَسُواْ لِقَآءَ يَوۡمِهِمۡ هَٰذَا وَمَا كَانُواْ بِـَٔايَٰتِنَا يَجۡحَدُونَ

بۇ كاپىرلار دىنلىرىنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىۋالدى، ئۇلارنى ھاياتىي دۇنيانىڭ زىبۇ-زىننەتلىرى ئالداپ كەتتى. ئۇلار قىيامەت كۈنىدىكى بۇ ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلىپ تەييارلىق قىلمىغىنىغا ئوخشاش، ئاللاھمۇ قىيامەت كۈنى ئۇلارنى ئۇنتۇيدۇ ھەمدە ئۇلار ئاللاھنىڭ دەلىل-پاكىتلىرىغا تېنىپ، ئۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئازابلانغان ھالەتلىرىدە تاشلاپ قويىدۇ. info
التفاسير:
Ina jeyaa e nafoore aayeeje ɗee e ngol hello:
• عدم الإيمان بالبعث سبب مباشر للإقبال على الشهوات.
قايتا تىرىلىشكە ئىمان كەلتۈرمەسلىك شەھۋەتلەرگە بېرىلىشنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبىدۇر. info

• يتيقن الناس يوم القيامة تحقق وعد الله لأهل طاعته، وتحقق وعيده للكافرين.
بارلىق ئىنسانلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ تەقۋادارلارغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىغا، كاپىرلارغا قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭمۇ ئىشقا ئاشقانلىقىغا چىن پۈتىدۇ. info

• الناس يوم القيامة فريقان: فريق في الجنة وفريق في النار، وبينهما فريق في مكان وسط لتساوي حسناتهم وسيئاتهم، ومصيرهم إلى الجنة.
بارلىق ئىنسانلار قىيامەت كۈنى ئىككى پىرقىگە بۆلۈنىدۇ: بىر پىرقە جەننەتتە، يەنە بىر پىرقە دوزاختا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياخشىلىقى بىلەن يامانلىقى تەڭلىشىپ قالغان يەنە بىر پىرقە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ بارىدىغان جايى جەننەت بولىدۇ. info

• على الذين يملكون المال والجاه وكثرة الأتباع أن يعلموا أن هذا كله لن يغني عنهم من الله شيئًا، ولن ينجيهم من عذاب الله.
مال-دۇنيا، يۈز-ئابروي، ئەگەشكۈچىلىرى كۆپ بولغانلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۇلاردىن ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھەرگىزمۇ قۇتقۇزالمايدۇ. info