Firo maanaaji al-quraan tedduɗo oo - Eggo e haala Uigur wonande deftere Firo Alkur'aana raɓɓinaango.

Tonngoode hello ngoo:close

external-link copy
28 : 6

بَلۡ بَدَا لَهُم مَّا كَانُواْ يُخۡفُونَ مِن قَبۡلُۖ وَلَوۡ رُدُّواْ لَعَادُواْ لِمَا نُهُواْ عَنۡهُ وَإِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ

بۇ ئىش ئۇلارنىڭ «دۇنياغا قايتۇرۇلساق، ئىمان ئېيتىپ مۇئمىنلەردىن بولاتتۇق» دېگەنلىرىدەك بولمايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلارنىڭ پۇت-قوللىرى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھلىق بەرگەندە، ئۇلارنىڭ «ئەزبىرايى خۇدا، بىز مۇشرىك ئەمەستۇق» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق يوشۇرماقچى بولغانلىرى ئاشكارا بولىدۇ. مۇبادا ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە يەنىلا شۇ چەكلەنگەن كۇپرى ۋە شېرىككە قايتىدۇ. شەكسىزكى ئۇلار «دۇنياغا قايتۇرۇلۇپ قالساق ئىمان ئېيتاتتۇق» دېگەن ۋەدىسىدە يالغانچىلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 6

وَقَالُوٓاْ إِنۡ هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنۡيَا وَمَا نَحۡنُ بِمَبۡعُوثِينَ

ئۇ مۇشرىكلار: بىز ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇشۇ ھاياتلىقتىن باشقا ھاياتلىق يوق، بىز ئۆلگـەندىن كېيىن ھېساب بېرىش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلمەيمىز، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 6

وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذۡ وُقِفُواْ عَلَىٰ رَبِّهِمۡۚ قَالَ أَلَيۡسَ هَٰذَا بِٱلۡحَقِّۚ قَالُواْ بَلَىٰ وَرَبِّنَاۚ قَالَ فَذُوقُواْ ٱلۡعَذَابَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡفُرُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئالدىدا تۇرغۇزۇلغان چاغدىكى ھالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ، ئۇلارنىڭ بىچارىلىكىدىن ھەيران قالارلىق بىر مەنزىرىنى كۆرگەن بولاتتىڭ. بۇ چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: سىلەر ئىنكار قىلىپ كەلگەن ئۆلگەندىن كېيىنكى قايتا تىرىلىش شەك-شۈبھىسىز يۈز بېرىدىغان ھەقىقەت ئەمەسمىكەن؟ دەيدۇ. ئۇلار: بىزنى ياراتقان پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئەلۋەتتە بۇ يۈز بېرىشى شەكسىز ھەقىقەت ئىكەن، دەيدۇ. بۇ چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا: ئۇنداق بولسا مۇشۇ كۈنگە كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار. چۈنكى سىلەر ھاياتىي دۇنيادىكى ۋاقىتتا بۇنى ئىنكار قىلغان ئىدىڭلار، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 6

قَدۡ خَسِرَ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِلِقَآءِ ٱللَّهِۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَتۡهُمُ ٱلسَّاعَةُ بَغۡتَةٗ قَالُواْ يَٰحَسۡرَتَنَا عَلَىٰ مَا فَرَّطۡنَا فِيهَا وَهُمۡ يَحۡمِلُونَ أَوۡزَارَهُمۡ عَلَىٰ ظُهُورِهِمۡۚ أَلَا سَآءَ مَا يَزِرُونَ

قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇشنى يىراق سانىغانلار ھەقىقەتەنمۇ زىيان تارتتى. كۈتۈلمىگەندە ھېچبىر شەپىسىز قىيامەت كەلگەن چاغدا ئۇلار قاتتىق پۇشايماندىن: ۋاي ئېسىت! بىز ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، قىيامەت كۈنىگە تەييارلىق قىلماي ئاللاھ ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىمىزگە سەل قارىغانلىقىمىز تۈپەيلىدىن پۈتۈن ئارزۇيىمىز كۆپۈككە ئايلاندى، دېيىشىدۇ. ئۇلار ئۆز گۇناھلىرىنى ئۈستلىرىگە يۈدۈۋالغان بولۇپ، ئۇلار يۈدۈۋالغان ئاشۇ گۇناھلار نېمىدېگەن قەبىھ! info
التفاسير:

external-link copy
32 : 6

وَمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَآ إِلَّا لَعِبٞ وَلَهۡوٞۖ وَلَلدَّارُ ٱلۡأٓخِرَةُ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ يَتَّقُونَۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ

ئۇلار بېرىلىپ كەتكەن دۇنيا ھاياتى ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلمايدىغان كىشىگە نىسبەتەن پەقەت ئويۇن ۋە غەپلەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمما ئاخىرەتتىكى ھايات ئاللاھ بۇيرۇغان ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ھەمدە چەكلىگەن شېرىك ۋەگۇناھ-مەئسىيەتلەردىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ھەممىدىن ياخشىدۇر. ئەي مۇشرىكلار! بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟ (ئەگەر چۈشەنگەن بولساڭلار) ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلاتتىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 6

قَدۡ نَعۡلَمُ إِنَّهُۥ لَيَحۡزُنُكَ ٱلَّذِي يَقُولُونَۖ فَإِنَّهُمۡ لَا يُكَذِّبُونَكَ وَلَٰكِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ يَجۡحَدُونَ

ئەي پەيغەمبەر! قارىماققا ئۇلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشلىرىنىڭ سېنى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز. سەنمۇ شۇنى بىلگىنكى، ئۇلار سېنى چىن كۆڭلىدە يالغانچى دېمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار سېنىڭ راستچىل ۋە ئامانەتچانلىقىڭنى بىلىدۇ. لېكىن ئۇلار زالىم كىشىلەر بولغاچقا، قارىماققا سېنىڭ ئىشىڭنى ئىنكار قىلغاندەك قىلىدۇ - يۇ، كۆڭۈللىرىدە ئۇنىڭغا چىن پۈتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 6

وَلَقَدۡ كُذِّبَتۡ رُسُلٞ مِّن قَبۡلِكَ فَصَبَرُواْ عَلَىٰ مَا كُذِّبُواْ وَأُوذُواْ حَتَّىٰٓ أَتَىٰهُمۡ نَصۡرُنَاۚ وَلَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَٰتِ ٱللَّهِۚ وَلَقَدۡ جَآءَكَ مِن نَّبَإِيْ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

ئۇلارنىڭ بۇ ئىنكارچىلىقىنى پەقەت ئۆزۈڭ ئېلىپ كەلگەن نەرسىگىلا خاس دەپ ئويلاپ قالمىغىن. چۈنكى سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىنغان، قەۋمى ئۇلارغا كۆپ ئەزىيەت بەرگەن ئىدى. لېكىن پەيغەمبەرلەر بۇ ئەزىيەتلەرگە تاكى ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنگە قەدەر دىنغا دەۋەت قىلىش ۋە ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىشتا سەۋرچان بولۇش ئارقىلىق تاقابىل تۇردى. ئاللاھ تەقدىردە پۈتۈۋەتكەن ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ۋەدە قىلغان ياردەمنى ئۆزگەرتىۋەتكۈچى يوق. ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن ساڭا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلار ئۆز قەۋملىرىدىن ئۇچرىغان ئازار-كۈلپەتلەر ھەمدە ئاللاھنىڭ ئۇلارغا دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلىش ئارقىلىق بەرگەن ياردەملىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر يېتىپ كەلدى. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 6

وَإِن كَانَ كَبُرَ عَلَيۡكَ إِعۡرَاضُهُمۡ فَإِنِ ٱسۡتَطَعۡتَ أَن تَبۡتَغِيَ نَفَقٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ أَوۡ سُلَّمٗا فِي ٱلسَّمَآءِ فَتَأۡتِيَهُم بِـَٔايَةٖۚ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَجَمَعَهُمۡ عَلَى ٱلۡهُدَىٰۚ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡجَٰهِلِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ ئىنكارچىلىقى ۋە سەن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈشى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، يەر ئاستىغا كىرىدىغان بىرەر تۆشۈك ياكى ئاسمانغا چىقىدىغان شوتا تېپىپ بىز ساڭا بەرگەندىن باشقا بىرەر دەلىل-پاكىت كەلتۈرەلىسەڭ، كەلتۈرۈپ باققىن. ئەگەر ئاللاھ بارلىق كىشىلەرنى سەن ئىلىپ كەلگەن توغرا يول ئۈستىدە بىرلەشتۈرۈشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە بىرلەشتۈرگەن بولاتتى. لېكىن ئۇ چوڭقۇر ھېكمىتى بىلەن بۇنداق قىلىشنى خالىمىدى، سەن بۇنى چۈشەنمەيدىغانلاردىن بولمىغىن. بولمىسا ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا ھەسرەتلىنىپ ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويىسەن. info
التفاسير:
Ina jeyaa e nafoore aayeeje ɗee e ngol hello:
• من عدل الله تعالى أنه يجمع العابد والمعبود والتابع والمتبوع في عَرَصات القيامة ليشهد بعضهم على بعض.
يۇقىرىقى ئايەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئابىد ۋە مەبۇد، ئەگەشكۈچى ۋە ئەگەشتۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىنى بىر-بىرىگە گۇۋاھچى قىلىش ئۈچۈن قىيامەت مەيدانىغا توپلىشى ئۇنىڭ ئادالىتىدىن ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. info

• ليس كل من يسمع القرآن ينتفع به، فربما يوجد حائل مثل ختم القلب أو الصَّمَم عن الانتفاع أو غير ذلك.
قۇرئاننى ئاڭلىغان ھەركىم ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ. چۈنكى بەزىدە قەلب مۆھۈرى ياكى قۇلاق مۆھۈرىگە ئوخشاش مەنپەئەتلىنىش ۋە باشقا ئىشلاردىن توسۇپ قالىدىغان توسالغۇلار مەۋجۇتتۇر. info

• بيان أن المشركين وإن كانوا يكذبون في الظاهر فهم يستيقنون في دواخلهم بصدق النبي عليه الصلاة والسلام.
مۇشرىكلارنىڭ كۆرۈنۈشتە يالغانغا چىقارغاندەك قىلسىمۇ، ئىچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىللىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. info

• تسلية النبي عليه الصلاة والسلام ومواساته بإعلامه أن هذا التكذيب لم يقع له وحده، بل هي طريقة المشركين في معاملة الرسل السابقين.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ ئىنكارچىلىققا يالغۇز ئۆزىنىڭلا ئۇچرىمىغانلىقىنى، بەلكى بۇ، مۇشرىكلارنىڭ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىش ۋە ھېسداشلىق قىلىشنى ئىپادىلەيدۇ. info