ترجمهٔ معانی قرآن کریم - ترجمه‌ى اویغوری كتاب مختصر در تفسير قرآن كريم

شماره صفحه: 162:151 close

external-link copy
96 : 7

وَلَوۡ أَنَّ أَهۡلَ ٱلۡقُرَىٰٓ ءَامَنُواْ وَٱتَّقَوۡاْ لَفَتَحۡنَا عَلَيۡهِم بَرَكَٰتٖ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلَٰكِن كَذَّبُواْ فَأَخَذۡنَٰهُم بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ

ئەگەر بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئەۋەتكەن شەھەر ئاھالىسى پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئىشەنگەن بولسا، كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ-مەئسىيەتنى تەرك ئېتىش ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق پەرۋەردىگارىغا تەقۋادار بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن ياخشىلىق ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتكەن بولاتتۇق، لېكىن ئۇلار پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمىدى ۋە ئاللاھتىن قورقمىدى، بەلكى پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى ئىنكار قىلدى، شۇڭا ئۇلارنى گۇناھ-مەئسىيەتلىرى تۈپەيلى تۇيۇقسىز جازالىدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
97 : 7

أَفَأَمِنَ أَهۡلُ ٱلۡقُرَىٰٓ أَن يَأۡتِيَهُم بَأۡسُنَا بَيَٰتٗا وَهُمۡ نَآئِمُونَ

پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان شەھەر ئاھالىسى ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى ئۇخلاۋاتقانلىرىدا تۇيۇقسىز كېلىشىدىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
98 : 7

أَوَأَمِنَ أَهۡلُ ٱلۡقُرَىٰٓ أَن يَأۡتِيَهُم بَأۡسُنَا ضُحٗى وَهُمۡ يَلۡعَبُونَ

شەھەرلەر ئاھالىسى ئازابىمىزنىڭ ئەتتىگەندە ئۇلار دۇنيا بىلەن مەشغۇل بولۇپ، غەپلەتتە تۇرغانلىرىدا كېلىشىدىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟. info
التفاسير:

external-link copy
99 : 7

أَفَأَمِنُواْ مَكۡرَ ٱللَّهِۚ فَلَا يَأۡمَنُ مَكۡرَ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡقَوۡمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ

سىلەر ئاللاھنىڭ ئۇلارنى تەدرىجى جازالاش ئۈچۈن ئۇلارغا مۆھلەت بەرگەنلىكىگە، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە كەڭرى رىزىق ئاتا قىلغانلىقىغا قاراڭلار. ئۇلار ئاللاھنىڭ مەكرىدىن (يەنى ئۇلار تۇيۇقسىز تۇرغاندا ئازاپ نازىل قىلىشىدىن) ئەمىن بولالامدۇ؟، پەقەت ھالاك بولغۇچى قەۋىملا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن خاتىرجەم بولالايدۇ، ئەمما ھىدايەتكە ئېرىشكەنلەر بولسا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن قورقىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نەرسىگە ئالدانمايدۇ، پەقەتلا ئۇنى ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان سىنىقى دەپ قارايدۇ-دە ئاللاھقا شۈكرى قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
100 : 7

أَوَلَمۡ يَهۡدِ لِلَّذِينَ يَرِثُونَ ٱلۡأَرۡضَ مِنۢ بَعۡدِ أَهۡلِهَآ أَن لَّوۡ نَشَآءُ أَصَبۡنَٰهُم بِذُنُوبِهِمۡۚ وَنَطۡبَعُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ فَهُمۡ لَا يَسۡمَعُونَ

زېمىننىڭ ئىلگىرىكى ئىگىلىرى گۇناھلىرى تۈپەيلى ھالاك بولغاندىن كېيىن، زېمىنغا ۋارىس بولغان ئاندىن ئۆزلىرىگە چۈشكەن ئازابلاردىن ئىبرەت ئالماستىن بەلكى ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلارنى گۇناھى تۈپەيلى جازالاش قانۇنيىتى بويىچە جازالايتتى. بۇ ئۇلارغا ئايان بولمىدىمۇ؟. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پىچەتلەپ ۋەز-نەسىھەت ئالمايدىغان ۋە نەسىھەتنىڭ پايدىسى بولمايدىغان قىلىپ قويدى. info
التفاسير:

external-link copy
101 : 7

تِلۡكَ ٱلۡقُرَىٰ نَقُصُّ عَلَيۡكَ مِنۡ أَنۢبَآئِهَاۚ وَلَقَدۡ جَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَمَا كَانُواْ لِيُؤۡمِنُواْ بِمَا كَذَّبُواْ مِن قَبۡلُۚ كَذَٰلِكَ يَطۡبَعُ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِ ٱلۡكَٰفِرِينَ

ئى پەيغەمبەر! ئىبرەت ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىبرەت ئېلىشى، ۋەز-نەسىھەت قۇبۇل قىلىدىغان كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت بولىشى ئۈچۈن ئىلگىرىكى ئاشۇ شەھەرلەر (يەنى نوھ، ھۇد، سالىھ، لۇت ۋە شۇئەيىبلەرنىڭ قەۋىملىرىنىڭ شەھەرلىرى) ئاھالىسىنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىشلىرىنى، ۋە ئۇلارغا چۈشكەن ئازابلارنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز. شەك-شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاللاھنىڭ ئەزەلى ئىلمىدە ئۇلارنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىدىغانلىقى بار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر كەلگەن چاغدا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمىدى. ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان شەھەر ئاھالىسىنىڭ دىللىرىغا پىچەت ئۇرغىنىدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلارنىڭ دىللىرىنىمۇ پىچەتلەيدۇ، شۇڭا ئۇلار ئىمانغا ھىدايەت قىلىنمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
102 : 7

وَمَا وَجَدۡنَا لِأَكۡثَرِهِم مِّنۡ عَهۡدٖۖ وَإِن وَجَدۡنَآ أَكۡثَرَهُمۡ لَفَٰسِقِينَ

بىز پەيغەمبەرلىرى ئەۋەتىلگەن ئۈممەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاللاھ تەۋىسيە قىلغان نەرسىلەرگە ۋاپا قىلىدىغانلىقىنى بايقىمىدۇق، بىز ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنىدىغانلىقىنىمۇ بايقىمىدۇق، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ تائىتىدىن چىققۇچى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
103 : 7

ثُمَّ بَعَثۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِم مُّوسَىٰ بِـَٔايَٰتِنَآ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِۦ فَظَلَمُواْ بِهَاۖ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُفۡسِدِينَ

ئاندىن بىز مەزكۇر پەيغەمبەرلەردىن كېيىن مۇسانى راستچىللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روشەن دەلىل پاكىتلىرىمىز بىلەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇلار ئۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭغا كاپىر بولدى. ئى پەيغەمبەر! پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنى سۇغا غەرق قىلدى ۋە ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە لەنەتكە دۇچار قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
104 : 7

وَقَالَ مُوسَىٰ يَٰفِرۡعَوۡنُ إِنِّي رَسُولٞ مِّن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

ئاللاھ مۇسانى پىرئەۋننىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن چاغدا ئۇ پىرئەۋننىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى پىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى، ئۇلارنىڭ ئىگىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى زات تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇرمەن، دېدى. info
التفاسير:
از فواید آیات این صفحه:
• الإيمان والعمل الصالح سبب لإفاضة الخيرات والبركات من السماء والأرض على الأمة.
ئىيمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىش؛ ئۈممەتكە ئاسمان-زېمىندىن ياخشىلىق ۋە بەرىكەتلەرنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولىدۇ. info

• الصلة وثيقة بين سعة الرزق والتقوى، وإنْ أنعم الله على الكافرين فإن هذا استدراج لهم ومكر بهم.
تەقۋادارلىق بىلەن رىزىقنىڭ كەڭرى بولىشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت زىچتۇر. ئەگەر ئاللاھ كاپىرلارغا نېئمەت ئاتا قىلغان بولسا، بۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى تەدرىجى جازالايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. info

• على العبد ألا يأمن من عذاب الله المفاجئ الذي قد يأتي في أية ساعة من ليل أو نهار.
كېچە- كۈندۈزنىڭ ھەرقانداق ۋاقتىدا كېلىشى مۇمكىن بولغان ئاللاھنىڭ تۇيۇقسىز ئازابىدىن بەندە دىققەت قىلىشى كېرەك. info

• يقص القرآن أخبار الأمم السابقة من أجل تثبيت المؤمنين وتحذير الكافرين.
قۇرئان مۆئمىنلەرنىڭ قەلىبلىرىنى مۇستەھكەم قىلىش، كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. info