ترجمهٔ معانی قرآن کریم - ترجمه‌ى اویغوری كتاب مختصر در تفسير قرآن كريم

قەلەم

از اهداف این سوره:
شهادة الله للنبي بحسن الخُلق، والدفاع عنه وتثبيته.
ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىغا گۇۋاھلىق بېرىشى، ئۇنى مۇداپىئە قىلىشى ۋە ھەقتە مۇستەھكەم قىلىشىنىڭ بايانى. info

external-link copy
1 : 68

نٓۚ وَٱلۡقَلَمِ وَمَا يَسۡطُرُونَ

سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولدى. ئاللاھ قەلەم بىلەن ھەمدە ئىنسانلار قەلەملىرى ئارقىلىق يازىدىغان خەتلەر بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 68

مَآ أَنتَ بِنِعۡمَةِ رَبِّكَ بِمَجۡنُونٖ

ئەي پەيغەمبەر! سەن ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىك نېئمىتى بىلەن مەجنۇن ئەمەسسەن. ئەكسىچە سەن مۇشرىكلار ساڭا چاپلىغان مەجنۇنلۇقتىن خالىيدۇرسەن. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 68

وَإِنَّ لَكَ لَأَجۡرًا غَيۡرَ مَمۡنُونٖ

ھەقىقەتەن سەن پەيغەمبەرلىك ۋەزىپەڭنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش يولىدا چەككەن ئازار - كۈلپەتلەرنىڭ بەدىلىگە ئۈزۈلمەس ساۋابقا ئېرىشىسەنكى، بۇ ساۋابقا قارىتا ھېچكىمنىڭ ساڭا مىننەت قىلىش ھەققى يوق. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 68

وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٖ

سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەنكى، بۇ سۈپەتنى قۇرئان ئېلىپ كەلدى. دېمەك، سەن ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئەخلاق بىلەن زىننەتلەنگەن كىشىسەن. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 68

فَسَتُبۡصِرُ وَيُبۡصِرُونَ

پات يېقىندا ھەقىقەت ئاشكارا بولغان چاغدا (قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى) سەنمۇ كۆرىسەن، ئاۋۇ ئىنكارچىلارمۇ كۆرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 68

بِأَييِّكُمُ ٱلۡمَفۡتُونُ

پات يېقىندا ھەقىقەت ئاشكارا بولغان چاغدا (قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى) سەنمۇ كۆرىسەن، ئاۋۇ ئىنكارچىلارمۇ كۆرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 68

إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِۦ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُهۡتَدِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭ كىمنىڭ ئۆز يولىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇ توغرا يول تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. دېمەك، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئازغۇنلىقىنىمۇ، سېنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىڭنىمۇ بىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 68

فَلَا تُطِعِ ٱلۡمُكَذِّبِينَ

ئەي پەيغەمبەر! سەن ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 68

وَدُّواْ لَوۡ تُدۡهِنُ فَيُدۡهِنُونَ

ئۇلار سېنىڭ دىندىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە ئۇلار بىلەن مادارا قىلىپ، ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىشىڭنى، ئاندىن ئۇلارمۇ سەن بىلەن مادارا قىلىپ، ساڭا سىلىق مۇئامىلە قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 68

وَلَا تُطِعۡ كُلَّ حَلَّافٖ مَّهِينٍ

يالغاندىن كۆپ قەسەم قىلغۇچى، پەسكەش، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى تولا قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن گەپ توشۇيدىغان، بېخىل، باشقىلارنىڭ ماللىرىغا، يۈز - ئابرۇيلىرىغا ۋە جانلىرىغا تاجاۋۇز قىلغۇچى، گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى كۆپ قىلغۇچى، قوپال، توڭ، قەۋمى ئىچىدە ھارامدىن بولغان دەپ نامى بار ئادەمگە ئىتائەت قىلمىغىن. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 68

هَمَّازٖ مَّشَّآءِۭ بِنَمِيمٖ

يالغاندىن كۆپ قەسەم قىلغۇچى، پەسكەش، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى تولا قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن گەپ توشۇيدىغان، بېخىل، باشقىلارنىڭ ماللىرىغا، يۈز - ئابرۇيلىرىغا ۋە جانلىرىغا تاجاۋۇز قىلغۇچى، گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى كۆپ قىلغۇچى، قوپال، توڭ، قەۋمى ئىچىدە ھارامدىن بولغان دەپ نامى بار ئادەمگە ئىتائەت قىلمىغىن. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 68

مَّنَّاعٖ لِّلۡخَيۡرِ مُعۡتَدٍ أَثِيمٍ

يالغاندىن كۆپ قەسەم قىلغۇچى، پەسكەش، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى تولا قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن گەپ توشۇيدىغان، بېخىل، باشقىلارنىڭ ماللىرىغا، يۈز - ئابرۇيلىرىغا ۋە جانلىرىغا تاجاۋۇز قىلغۇچى، گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى كۆپ قىلغۇچى، قوپال، توڭ، قەۋمى ئىچىدە ھارامدىن بولغان دەپ نامى بار ئادەمگە ئىتائەت قىلمىغىن. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 68

عُتُلِّۭ بَعۡدَ ذَٰلِكَ زَنِيمٍ

يالغاندىن كۆپ قەسەم قىلغۇچى، پەسكەش، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى تولا قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن گەپ توشۇيدىغان، بېخىل، باشقىلارنىڭ ماللىرىغا، يۈز - ئابرۇيلىرىغا ۋە جانلىرىغا تاجاۋۇز قىلغۇچى، گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى كۆپ قىلغۇچى، قوپال، توڭ، قەۋمى ئىچىدە ھارامدىن بولغان دەپ نامى بار ئادەمگە ئىتائەت قىلمىغىن. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 68

أَن كَانَ ذَا مَالٖ وَبَنِينَ

ئۇ مال - مۈلكى ۋە بالا - چاقىلىرى كۆپ بولغاچقا، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 68

إِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِ ءَايَٰتُنَا قَالَ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ

ناۋادا ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇ: بۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان نەرسىدۇر، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 68

سَنَسِمُهُۥ عَلَى ٱلۡخُرۡطُومِ

بىز ئۇنىڭ بۇرنىغا ئەسكىلىكىنىڭ ئالامىتى قىلىپ بەلگە سېلىپ قويىمىز، ئۇ ئالامەت ئۇنىڭدىن ئۆمۈر بويى ئايرىلمايدۇ. info
التفاسير:
از فواید آیات این صفحه:
• اتصاف الرسول صلى الله عليه وسلم بأخلاق القرآن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاننىڭ ئەخلاقى بىلەن زىننەتلەنگەندۇر. info

• صفات الكفار صفات ذميمة يجب على المؤمن الابتعاد عنها، وعن طاعة أهلها.
كاپىرلارنىڭ سۈپەتلىرى ناچار سۈپەتلەر بولۇپ، مۇئمىنلەر بۇنداق سۈپەتلەردىن ۋە شۇ سۈپەت كىشىلەرگە ئىتائەت قىلىشتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. info

• من أكثر الحلف هان على الرحمن، ونزلت مرتبته عند الناس.
كۆپ قەسەم قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ ئالدىدا خار بولىدۇ، ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىمۇ ئابرۇيى چۈشۈپ كېتىدۇ. info