ترجمهٔ معانی قرآن کریم - ترجمه‌ى اویغوری كتاب مختصر در تفسير قرآن كريم

شماره صفحه:close

external-link copy
102 : 4

وَإِذَا كُنتَ فِيهِمۡ فَأَقَمۡتَ لَهُمُ ٱلصَّلَوٰةَ فَلۡتَقُمۡ طَآئِفَةٞ مِّنۡهُم مَّعَكَ وَلۡيَأۡخُذُوٓاْ أَسۡلِحَتَهُمۡۖ فَإِذَا سَجَدُواْ فَلۡيَكُونُواْ مِن وَرَآئِكُمۡ وَلۡتَأۡتِ طَآئِفَةٌ أُخۡرَىٰ لَمۡ يُصَلُّواْ فَلۡيُصَلُّواْ مَعَكَ وَلۡيَأۡخُذُواْ حِذۡرَهُمۡ وَأَسۡلِحَتَهُمۡۗ وَدَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡ تَغۡفُلُونَ عَنۡ أَسۡلِحَتِكُمۡ وَأَمۡتِعَتِكُمۡ فَيَمِيلُونَ عَلَيۡكُم مَّيۡلَةٗ وَٰحِدَةٗۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ إِن كَانَ بِكُمۡ أَذٗى مِّن مَّطَرٍ أَوۡ كُنتُم مَّرۡضَىٰٓ أَن تَضَعُوٓاْ أَسۡلِحَتَكُمۡۖ وَخُذُواْ حِذۡرَكُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ أَعَدَّ لِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٗا مُّهِينٗا

ئەي پەيغەمبەر! دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ۋاقىتتا قوشۇن ئىچىدە ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوشۇننى ئىككى گۇرۇپقا ئايرىپ، ئۇلاردىن بىر گۇرۇپ سەن بىلەن بىرگە نامازغا تۇرسۇن، ئەمما نامازدىمۇ قوراللىرىنى ئېلىۋالسۇن. يەنە بىر گۇرۇپ سىلەرنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرسۇن. بىرىنچى گۇرۇپ ئىمام بىلەن بىر رەكئەت نامازنى ئوقۇپ بولغاندا، قالغىنىنى ئۆزلىرى تاماملىسۇن. نامازنى ئوقۇپ بولغاندا كەينىڭلارغا دۈشمەن تەرەپكە ئۆتۈپ تۇرسۇن ۋە مۇھاپىزەتچىلىكتە تۇرۇپ ناماز ئوقۇيالمىغان گۇرۇپ كېلىپ، ئىمام بىلەن بىرگە بىر رەكئەت ناماز ئوقۇسۇن. ئىمام سالام بەرگەندە نامازلىرىدىن قېپقالغىنىنى تولۇقلىۋالسۇن، دۈشمەنلىرىدىن پەخەس بولسۇن، قوراللىرىنىمۇ يانلىرىدا ئېلىۋالسۇن. شەكسىزكى كاپىرلار قوراللىرىڭلاردىن ۋە يۈك-تاقلىرىڭلاردىن بىخۇد قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇبادا ھەممىڭلار بىراقلا نامازغا تۇرساڭلار، ئۇلار سىلەرنى بىخۇد ھالىتىڭلاردا بىر ھۇجۇم بىلەنلا يوقىتىشنى ئويلايدۇ. ئەگەر يامغۇر سەۋەبىدىن قىينىلىپ قالساڭلار ياكى كېسەل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزرىلىك بوپقالساڭلار، قوراللىرىڭلارنى يېنىڭلاردا قويۇپ، قولۇڭلارغا ئالمىساڭلارمۇ سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. قولۇڭلاردىن كېلىشىچە دۈشمىنىڭلاردىن ھۇشيار بولۇڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى. info
التفاسير:

external-link copy
103 : 4

فَإِذَا قَضَيۡتُمُ ٱلصَّلَوٰةَ فَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ قِيَٰمٗا وَقُعُودٗا وَعَلَىٰ جُنُوبِكُمۡۚ فَإِذَا ٱطۡمَأۡنَنتُمۡ فَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَۚ إِنَّ ٱلصَّلَوٰةَ كَانَتۡ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ كِتَٰبٗا مَّوۡقُوتٗا

ئەي مۇئمىنلەر! نامازدىن بىكار بولغىنىڭلاردا ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھەر قانداق ھالىتىڭلاردا تەسبىھ ئېيتىش، ھەمدۇسانا ئېيتىش ۋە تەھلىل ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرۇڭلار. ئەنسىزلىك يوقىلىپ، خاتىرجەم بولغان ۋاقتىڭلاردا نامازنى بارلىق ئەركانلىرى، ۋاجىبلىرى ۋە مۇستەھەبلىرى بىلەن ئەسلى بۇيرۇلغىنىڭلار بويىچە تولۇق ئادا قىلىڭلار. شەكسىزكى ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلگەن پەرزدۇر، ئۇنى ھېچبىر ئۆزرىسىز بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن كېچىكتۈرۈش توغرا ئەمەس. بۇ، مۇقىم تۇرغان ھالەتتىكى ھۆكۈمدۇر. ئەمما سەپەر ھالىتىدە نامازلارنى جۇغلاپ ۋە قىسقارتىپ ئوقۇساڭلار بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
104 : 4

وَلَا تَهِنُواْ فِي ٱبۡتِغَآءِ ٱلۡقَوۡمِۖ إِن تَكُونُواْ تَأۡلَمُونَ فَإِنَّهُمۡ يَأۡلَمُونَ كَمَا تَأۡلَمُونَۖ وَتَرۡجُونَ مِنَ ٱللَّهِ مَا لَا يَرۡجُونَۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا

ئەي مۇئمىنلەر! كاپىر دۈشمىنىڭلارنى قوغلاشتا بوشاڭلىق، ھۇرۇنلۇق قىلماڭلار. چۈنكى سىلەر ئۆلتۈرۈلۈش ۋە يارىلىنىشتىن بىئارام بولغىنىڭلاردەك، دۈشمىنىڭلارمۇ بىئارام بولىدۇ. سىلەرگە كەلگەن خاپىلىق ئوخشاشلا ئۇلارغىمۇ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ چىدامچانلىقى سىلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن. چۈنكى سىلەر ئاللاھتىن ساۋاب، غەلىبە ۋە ياردەم كۈتىسىلەر، ئەمما ئۇلار ئۇنى كۈتەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە يولغا قويغان ھۆكۈملىرىدە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
105 : 4

إِنَّآ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّ لِتَحۡكُمَ بَيۡنَ ٱلنَّاسِ بِمَآ أَرَىٰكَ ٱللَّهُۚ وَلَا تَكُن لِّلۡخَآئِنِينَ خَصِيمٗا

ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى بىز ساڭا ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا ئۆز خاھىشىڭ ۋە كۆز-قارىشىڭ بويىچە ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ساڭا ئۆگەتكەن ۋە ئىلھام قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ تامامەن توغرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدۇق. ھەق تەرەپدارلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ ئۆزلىرىگە ۋە ئامانەتلەرگە خىيانەت قىلغان خائىنلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن. info
التفاسير:
از فواید آیات این صفحه:
• استحباب صلاة الخوف وبيان أحكامها وصفتها.
يۇقىرىقى ئايەتلەردە سالاتۇلخەۋپ (قورقۇنچ نامىزى) ئوقۇشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى ۋە قانداق ئوقۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ . info

• الأمر بالأخذ بالأسباب في كل الأحوال، وأن المؤمن لا يعذر في تركها حتى لو كان في عبادة.
ھەرقانداق ئەھۋالدا سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، مۇئمىننىڭ باھانە-سەۋەب كۆرسىتىپ، ھەتتا بىرەر ئىبادەتنىمۇ تەرك ئەتسە بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. info

• مشروعية دوام ذكر الله تعالى على كل حال، فهو حياة القلوب وسبب طمأنينتها.
ھەر قانداق ھالەتتە ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرۇش يولغا قويۇلغان، چۈنكى زىكىر قەلبنىڭ باھارى ۋە كۆڭۈل ئارامىدۇر. info

• النهي عن الضعف والكسل في حال قتال العدو، والأمر بالصبر على قتاله.
دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ۋاقىتتا بوشاڭلىق ۋە ھۇرۇنلۇق قىلىش چەكلەنگەن، جەڭنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا سەۋر قىلىشقا بۇيرۇلغان. info