আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ

زۇھا

ছুৰাৰ উদ্দেশ্য:
بيان عناية الله بنبيه في أول أمره وآخره.
ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىشنىڭ ئاۋۋىلىدىمۇ ۋە ئاخىرىدىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ بايانى. info

external-link copy
1 : 93

وَٱلضُّحَىٰ

ئاللاھ تائالا كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلى بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 93

وَٱلَّيۡلِ إِذَا سَجَىٰ

قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان)، كىشىلەر ھەرىكەتتىن توختىغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 93

مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَىٰ

ئەي پەيغەمبەر! ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتتا مۇشرىكلار ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنى يوق، شۇنداقلا سېنى يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 93

وَلَلۡأٓخِرَةُ خَيۡرٞ لَّكَ مِنَ ٱلۡأُولَىٰ

ساڭا نىسبەتەن ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر. چۈنكى ئۇنىڭغا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مەڭگۈلۈك نېئمەت بار. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 93

وَلَسَوۡفَ يُعۡطِيكَ رَبُّكَ فَتَرۡضَىٰٓ

ئاللاھ چوقۇم ساڭا ۋە ئۈممىتىڭگە سىلەر مەمنۇن بولغۇدەك دەرىجىدە كۆپ ساۋاب - مۇكاپاتلارنى بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 93

أَلَمۡ يَجِدۡكَ يَتِيمٗا فَـَٔاوَىٰ

ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن يېتىم ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ، ساڭا پاناھلىنىدىغان جاي بەردى. يەنى بوۋاڭ ئابدۇلمۇتتەلىب، ئۇنىڭدىن كېيىن تاغاڭ ئەبۇتالىب ساڭا مېھرىبانلىق قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 93

وَوَجَدَكَ ضَآلّٗا فَهَدَىٰ

سېنىڭ كىتاب نېمە، ئىمان نېمە بىلمەيدىغانلىقىڭنى بىلىپ، ساڭا بىلمىگەننى ئۆگەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 93

وَوَجَدَكَ عَآئِلٗا فَأَغۡنَىٰ

سېنى يوقسۇل بىلىپ، بىھاجەت قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 93

فَأَمَّا ٱلۡيَتِيمَ فَلَا تَقۡهَرۡ

شۇڭا كىچىك تۇرۇپ دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان يېتىمگە قاتتىق مۇئامىلە قىلما، ئۇنى خارلىما. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 93

وَأَمَّا ٱلسَّآئِلَ فَلَا تَنۡهَرۡ

مۇھتاج بوپقالغان سائىلغا قوپاللىق قىلما. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 93

وَأَمَّا بِنِعۡمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثۡ

ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىپ، باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگىن. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• منزلة النبي صلى الله عليه وسلم عند ربه لا تدانيها منزلة.
بۇ ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى مەرتىۋىسىگە ھېچبىر مەرتىۋىنىڭ تەڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. info

• شكر النعم حقّ لله على عبده.
نېئمەتلەرگە شۈكرى قىلىش ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. info

• وجوب الرحمة بالمستضعفين واللين لهم.
ئاجىزلارغا شەپقەتلىك بولۇش ۋە سىلىق مۇئامىلە قىلىش ۋاجىبتۇر. info