আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ

تارىق

ছুৰাৰ উদ্দেশ্য:
بيان قدرة الله وإحاطته في خلق الإنسان وإعادته.
ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى يارىتىش ۋە قايتىدىن تېرىلدۈرۈشى ھەممىنى قورشاپ تۇرغۇچى چەكسىز قۇدىرتىنىڭ بايانىدۇر . info

external-link copy
1 : 86

وَٱلسَّمَآءِ وَٱلطَّارِقِ

ئاللاھ تائالا ئاسمان بىلەن ۋە كېچىدە چىقىدىغان يۇلتۇز بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 86

وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا ٱلطَّارِقُ

ئەي پەيغەمبەر! بۇ كاتتا يۇلتۇزنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟ info
التفاسير:

external-link copy
3 : 86

ٱلنَّجۡمُ ٱلثَّاقِبُ

ئۇ ئۆتكۈر نۇرى بىلەن ئاسماننىمۇ تېشىۋېتىدىغان يۇلتۇزدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 86

إِن كُلُّ نَفۡسٖ لَّمَّا عَلَيۡهَا حَافِظٞ

ھەر قانداق بىر جانغا ئاللاھ بىر پەرىشتىنى ۋەكىل قىلغان بولۇپ، ئۇ پەرىشتە قىيامەت كۈنىدىكى ھېساب ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى نازارەت قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 86

فَلۡيَنظُرِ ٱلۡإِنسَٰنُ مِمَّ خُلِقَ

ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ۋە مەخلۇقنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۆزىنى نېمىدىن ياراتقانلىقى ھەققىدە ئويلانسۇن! info
التفاسير:

external-link copy
6 : 86

خُلِقَ مِن مَّآءٖ دَافِقٖ

ئاللاھ ئىنساننى ئېتىلىپ چىقىپ، بالىياتقۇغا تۆكۈلىدىغان سۇدىن ياراتتى. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 86

يَخۡرُجُ مِنۢ بَيۡنِ ٱلصُّلۡبِ وَٱلتَّرَآئِبِ

بۇ سۇ ئەر كىشىنىڭ ئومۇرتقا سۆڭىكى بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 86

إِنَّهُۥ عَلَىٰ رَجۡعِهِۦ لَقَادِرٞ

ئۆز ۋاقتىدا ئىنساننى ئاشۇ ئەرزىمەس سۇدىن ياراتقان ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆلگەندىن كېيىن ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن تىرگۈزۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 86

يَوۡمَ تُبۡلَى ٱلسَّرَآئِرُ

ئۇ كۈندە بارچە سىرلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئاندىن دىللارغا يوشۇرۇنغان نىيەتلەر، ئېتىقادلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ئىشلار ئاشكارا بولۇپ، ياخشى ياماندىن ئايرىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 86

فَمَا لَهُۥ مِن قُوَّةٖ وَلَا نَاصِرٖ

ئۇ كۈندە ئىنساننى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالالايدىغان ھېچبىر كۈچ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلەيدىغان ھېچبىر ياردەمچى بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 86

وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلرَّجۡعِ

ئاللاھ تائالا يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەم قىلدى. چۈنكى ئاللاھ شۇ بۇلۇت ئارقىلىق پات - پات يامغۇر ياغدۇرۇپ تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 86

وَٱلۡأَرۡضِ ذَاتِ ٱلصَّدۡعِ

ئاللاھ ئۆسۈملۈكلەر، مېۋىلەر ۋە دەل - دەرەخلەر يېرىپ چىقىدىغان زېمىن بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 86

إِنَّهُۥ لَقَوۡلٞ فَصۡلٞ

شەكسىزكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان كەرىم ئەلۋەتتە ھەق بىلەن باتىلنىڭ، راست بىلەن يالغاننىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىيدىغان سۆزدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 86

وَمَا هُوَ بِٱلۡهَزۡلِ

ئۇ ئويۇن، چاقچاق ئەمەس، بەلكى چىن ھەقىقەتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 86

إِنَّهُمۡ يَكِيدُونَ كَيۡدٗا

شەكسىزكى پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار پەيغەمبىرىنىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلىش ۋە ئۇنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ سۇيىقەستلەرنى قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 86

وَأَكِيدُ كَيۡدٗا

مەن دىننى غالىب قىلىش ھەمدە باتىلنى بەربات قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 86

فَمَهِّلِ ٱلۡكَٰفِرِينَ أَمۡهِلۡهُمۡ رُوَيۡدَۢا

ئەي پەيغەمبەر! بۇ كاپىرلارغا مۆھلەت بەرگىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن، ئۇلارنىڭ ئازابى ۋە ھالاك قىلىنىشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• تحفظ الملائكة الإنسان وأعماله خيرها وشرها ليحاسب عليها.
پەرىشتىلەر ئىنساننى ۋە ئۇنىڭ ياخشى - يامان پۈتۈن ئەمەللىرىنى ھېساب ئۈچۈن كۆزىتىپ تۇرىدۇ. info

• ضعف كيد الكفار إذا قوبل بكيد الله سبحانه.
كاپىرلارنىڭ ھىيلە - مىكرى ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئالدىدا تولىمۇ ئاجىزدۇر. info

• خشية الله تبعث على الاتعاظ.
ئاللاھتىن قورقۇش ئىبرەت ئېلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. info