আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ

ئىنشىقاق

ছুৰাৰ উদ্দেশ্য:
تذكير الإنسان برجوعه لربه، وبيان ضعفه، وتقلّب الأحوال به.
ئىنسانغا ئۆز رەببىگە قايتىدىغانلىقىنى ئەسلىتىش، ئۇنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ بايانى . info

external-link copy
1 : 84

إِذَا ٱلسَّمَآءُ ٱنشَقَّتۡ

.پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلغان چاغدا info
التفاسير:

external-link copy
2 : 84

وَأَذِنَتۡ لِرَبِّهَا وَحُقَّتۡ

پەرۋەردىگارىنىڭ (ئەمرىنى) ئاڭلاپ باش ئەگكەن ھەمدە شۇنىڭغا لايىق بولغان چاغدا. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 84

وَإِذَا ٱلۡأَرۡضُ مُدَّتۡ

ئاللاھ تائالا زېمىننى خۇددى چەم سوزۇلغاندەك سوزغان چاغدا. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 84

وَأَلۡقَتۡ مَا فِيهَا وَتَخَلَّتۡ

زېمىن قوينىدىكى مەدەنلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى چىقىرىپ، قۇرۇقدالغان چاغدا. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 84

وَأَذِنَتۡ لِرَبِّهَا وَحُقَّتۡ

پەرۋەردىگارىنىڭ (ئەمرىنى) ئاڭلاپ باش ئەگكەن ھەمدە شۇنىڭغا لايىق بولغان چاغدا. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 84

يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡإِنسَٰنُ إِنَّكَ كَادِحٌ إِلَىٰ رَبِّكَ كَدۡحٗا فَمُلَٰقِيهِ

ئەي ئىنسان! سەن چوقۇم ياخشى ياكى يامان ئەمەل قىلغۇچى بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ سېنىڭ شۇ قىلمىشىڭغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىشى ئۈچۈن ئەمەللىرىڭ بىلەن ئۇچرىشىسەن. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 84

فَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ

نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك، info
التفاسير:

external-link copy
8 : 84

فَسَوۡفَ يُحَاسَبُ حِسَابٗا يَسِيرٗا

ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن ئاسان ھېساب ئالىدۇكى، ئۇ ئەيىبلەنمەستىن پەقەت ئەمەللىرى ئۆزىگە شۇنداقلا كۆرسىتىپ قويۇلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 84

وَيَنقَلِبُ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦ مَسۡرُورٗا

ئۇ جەننەتتە ئائىلىسى بىلەن خۇشال ـ خۇرام جەم بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 84

وَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ وَرَآءَ ظَهۡرِهِۦ

نامە - ئەمالى كەينى تەرىپىدىن سول قولىغا بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 84

فَسَوۡفَ يَدۡعُواْ ثُبُورٗا

ئۇ ئۆزىگە ھالاكەت تىلەپ نىدا قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 84

وَيَصۡلَىٰ سَعِيرًا

ئۇ جەھەننەم ئوتىغا ئۇنىڭ ھارارىتىنى تېتىغان ھالەتتە كىرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 84

إِنَّهُۥ كَانَ فِيٓ أَهۡلِهِۦ مَسۡرُورًا

شەكسىزكى ئۇ دۇنيادىكى چېغىدا ئائىلىسىدە كۇپرى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن شاد - خۇرام ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 84

إِنَّهُۥ ظَنَّ أَن لَّن يَحُورَ

شەكسىزكى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن قەتئىي تىرىلمەيدىغاندەك ئويلايتتى. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 84

بَلَىٰٓۚ إِنَّ رَبَّهُۥ كَانَ بِهِۦ بَصِيرٗا

ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ ئۇنى دەسلەپ ياراتقىنىدەك چوقۇم ھاياتلىققا قايتۇرىدۇ. شەكسىزكى پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ ھالىنى كۆرۈپ تۇراتتى، پەرۋەردىگارىغا ئۇنىڭ ھالىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايتتى. پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ ئەمىلىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 84

فَلَآ أُقۡسِمُ بِٱلشَّفَقِ

ئاللاھ تائالا قۇياش پاتقاندىن كېيىن ئۇپۇقتا پەيدا بولىدىغان قىزىللىق بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 84

وَٱلَّيۡلِ وَمَا وَسَقَ

ئاللاھ يەنە كېچە ۋە كېچىدە توپلانغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 84

وَٱلۡقَمَرِ إِذَا ٱتَّسَقَ

ئاي پۈتۈنلىنىپ، تولۇن ھالىتىگە كەلگەن ۋاقتى بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 84

لَتَرۡكَبُنَّ طَبَقًا عَن طَبَقٖ

ئەي ئىنسانلار! سىلەر چوقۇم بىر ھالەتتىن بىر ھالەتكە يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر، يەنى مەنىي، ئاندىن لەختە قان، ئاندىن بىر چىشلەم گۆش، ئاندىن ھاياتلىق، ئاندىن ئۆلۈم، ئاندىن قايتا تىرىلىشتىن ئىبارەت باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 84

فَمَا لَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ

بۇ كاپىرلار نېمە دەپ ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتمايدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
21 : 84

وَإِذَا قُرِئَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقُرۡءَانُ لَا يَسۡجُدُونَۤ۩

ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇپ بېرىلسە نېمىشقا پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 84

بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يُكَذِّبُونَ

ئەكسىچە كاپىرلار پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى ئىنكار قىلىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 84

وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا يُوعُونَ

ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 84

فَبَشِّرۡهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان دەرتلىك ئازابتىن خەۋەر بەرگىن. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• خضوع السماء والأرض لربهما.
ئاسمان ۋە زېمىنمۇ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنىدۇ. info

• كل إنسان ساعٍ إما لخير وإما لشرّ.
ئەمەل قىلغۇچى ھەر بىر ئىنسان يا ياخشى ئەمەل قىلىدۇ ياكى يامان ئەمەل قىلىدۇ. info

• علامة السعادة يوم القيامة أخذ الكتاب باليمين، وعلامة الشقاء أخذه بالشمال.
قىيامەت كۈنىدىكى بەخت - سائادەتنىڭ ئالامىتى نامە - ئەمالىنى ئوڭ قولى بىلەن ئېلىش، بەدبەختلىكنىڭ ئالامىتى بولسا سول قولى بىلەن ئېلىشتۇر. info

external-link copy
25 : 84

إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُمۡ أَجۡرٌ غَيۡرُ مَمۡنُونِۭ

ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇلارغا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مەڭگۈلۈك مۇكاپات، يەنى جەننەت بېرىلىدۇ. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• يكون ابتلاء المؤمن على قدر إيمانه.
مۇئمىننىڭ بېشىغا كېلىدىغان سىناق ئۇنىڭ ئىمانىغا قاراپ بولىدۇ. info

• إيثار سلامة الإيمان على سلامة الأبدان من علامات النجاة يوم القيامة.
ئىماننىڭ ساغلام بولۇشىغا تەن ساغلاملىقتىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش قىيامەت كۈنىدە ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. info

• التوبة بشروطها تهدم ما قبلها.
شەرتلىرى تولۇق بەجا كەلتۈرۈلۈپ قىلىنغان تەۋبە ئىلگىرىكى پۈتۈن گۇناھلارنى يوققا چىقىرىدۇ. info