আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ

ئىنپىتار

ছুৰাৰ উদ্দেশ্য:
تحذير الإنسان من الاغترار ونسيان يوم القيامة.
ئىنساننىڭ ئۆزىدىن مەغرۇرلىنىپ كىتىپ، قىيامەت كۈنىنى ئۇنتۇپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش. info

external-link copy
1 : 82

إِذَا ٱلسَّمَآءُ ٱنفَطَرَتۡ

.پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلغان چاغدا info
التفاسير:

external-link copy
2 : 82

وَإِذَا ٱلۡكَوَاكِبُ ٱنتَثَرَتۡ

يۇلتۇزلار چېچىلغان ھالەتتە تۆكۈلگەن چاغدا. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 82

وَإِذَا ٱلۡبِحَارُ فُجِّرَتۡ

دېڭىزلار بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ، ئارىلىشىپ كەتكەن چاغدا. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 82

وَإِذَا ٱلۡقُبُورُ بُعۡثِرَتۡ

ئۆلۈكلەرنىڭ قايتا تىرىلىپ چىقىشى ئۈچۈن قەبرىلەر ئاستى - ئۈستى قىلىنغان چاغدا. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 82

عَلِمَتۡ نَفۡسٞ مَّا قَدَّمَتۡ وَأَخَّرَتۡ

ئاشۇ چاغدا ھەر كىم ئىلگىرى قىلغان ھەمدە قىلماي قالغان ئەمەللىرىنى بىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 82

يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡإِنسَٰنُ مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ ٱلۡكَرِيمِ

ئەي پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولغان ئىنسان! سېنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىشقا نېمە مەجبۇرلىدى؟ ئۆز ۋاقىتدا ئۇ ساڭا مۆھلەت بېرىپ، مەرھەمەت يۈزىسىدىن سېنى جازالاشقا ئالدىرىمىغان ئىدىغۇ! info
التفاسير:

external-link copy
7 : 82

ٱلَّذِي خَلَقَكَ فَسَوَّىٰكَ فَعَدَلَكَ

ئۇ سېنى يوقتىن بار قىلىپ، ئەزالىرىڭنى ساپ - ساق ھالەتتە نورمال قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 82

فِيٓ أَيِّ صُورَةٖ مَّا شَآءَ رَكَّبَكَ

ئاللاھ سېنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە ياراتتى، ئۇ ساڭا نېئمەت ئاتا قىلدى. چۈنكى ئۇ سېنى ئېشەك، مايمۇن، ئىت ياكى باشقا بىر ھايۋاننىڭ شەكلىدە يارىتىپ قويمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 82

كَلَّا بَلۡ تُكَذِّبُونَ بِٱلدِّينِ

ئەي ئالدانغۇچىلار! ئەمەلىي ئەھۋال سىلەر خىيال قىلغاندەك ئەمەس. بەلكى سىلەر جازا - مۇكاپات كۈنىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلمايۋاتىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 82

وَإِنَّ عَلَيۡكُمۡ لَحَٰفِظِينَ

شەكسىزكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا ئەمەللىرىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بار. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 82

كِرَامٗا كَٰتِبِينَ

ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتلىكتۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدىغان كاتىبلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 82

يَعۡلَمُونَ مَا تَفۡعَلُونَ

ئۇلار سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلارنى بىلىپ، يېزىپ تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 82

إِنَّ ٱلۡأَبۡرَارَ لَفِي نَعِيمٖ

شەكسىزكى ياخشىلىق ۋە تائەت - ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلغۇچى قىيامەتتە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان نېئمەتلەر ئىچىدە بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 82

وَإِنَّ ٱلۡفُجَّارَ لَفِي جَحِيمٖ

شەكسىزكى گۇناھكارلار يالقۇنجاپ يېنىپ تۇرىدىغان دوزاختا بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 82

يَصۡلَوۡنَهَا يَوۡمَ ٱلدِّينِ

ئۇلار جازا - مۇكاپات كۈنى دوزاخقا كىرىپ، دوزاخنىڭ ھارارىتىنى تېتىيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 82

وَمَا هُمۡ عَنۡهَا بِغَآئِبِينَ

ئۇلار دوزاختىن ھەرگىز ئايرىلالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 82

وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا يَوۡمُ ٱلدِّينِ

ئەي پەيغەمبەر! جازا - مۇكاپات كۈنىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ info
التفاسير:

external-link copy
18 : 82

ثُمَّ مَآ أَدۡرَىٰكَ مَا يَوۡمُ ٱلدِّينِ

جازا - مۇكاپات كۈنىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ info
التفاسير:

external-link copy
19 : 82

يَوۡمَ لَا تَمۡلِكُ نَفۡسٞ لِّنَفۡسٖ شَيۡـٔٗاۖ وَٱلۡأَمۡرُ يَوۡمَئِذٖ لِّلَّهِ

ئۇ كۈندە ھېچكىم ھېچكىمگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇ كۈندە پۈتۈن ئىشلار يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئۇ ئۆزى خالىغانچە ئىدارە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۇنداق ھوقۇقى بولمايدۇ. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• التحذير من الغرور المانع من اتباع الحق.
تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەقكە ئەگىشىشتىن چەكلەپ قويۇدىغان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. info

• الجشع من الأخلاق الذميمة في التجار ولا يسلم منه إلا من يخاف الله.
سودا - سېتىقتىكى ئاچكۆزلۈكتىن ئىبارەت ناچار خۇيلاردىن ئاگاھلاندۇرۇشنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق خۇيلاردىن پەقەت ئاللاھتىن قورققان كىشىلا ساقلىنىپ قالالايدۇ. info

• تذكر هول القيامة من أعظم الروادع عن المعصية.
قىيامەت كۈنىنىڭ قورقۇنچىسىنى ئەسلەش گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن توسىدىغان ئەڭ چوڭ ۋاسىتىدۇر. info