আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ

نازىئات

ছুৰাৰ উদ্দেশ্য:
التذكير بالله واليوم الآخر.
ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئەسلەش. info

external-link copy
1 : 79

وَٱلنَّٰزِعَٰتِ غَرۡقٗا

ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ جېنىنى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن سىلكىپ ئالىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 79

وَٱلنَّٰشِطَٰتِ نَشۡطٗا

يەنە مۇئمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ئاۋايلاپ، ئاستا ئالىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 79

وَٱلسَّٰبِحَٰتِ سَبۡحٗا

ئاسمان ۋە زېمىندىن ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تەخىرسىز ئېلىپ چۈشىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 79

فَٱلسَّٰبِقَٰتِ سَبۡقٗا

ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈشكە ئالدىرايدىغان بىر قسىىم پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 79

فَٱلۡمُدَبِّرَٰتِ أَمۡرٗا

بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغان پەرىشتىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلدى. ئاللاھ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بەندىلەرنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن چوقۇم قايتا تىرگۈزىدىغانلىقىغا قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 79

يَوۡمَ تَرۡجُفُ ٱلرَّاجِفَةُ

ئۇ كۈندە تۇنجى سۈر چېلىنىشى بىلەن تەڭ زېمىن تەۋرەپ كېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 79

تَتۡبَعُهَا ٱلرَّادِفَةُ

ئارقىدىنلا ئىككىنچى قېتىم سۈر چېلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 79

قُلُوبٞ يَوۡمَئِذٖ وَاجِفَةٌ

ئۇ كۈندە كاپىرلار ۋە پاسىقلارنىڭ دىللىرىنى قورقۇنچ باسىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 79

أَبۡصَٰرُهَا خَٰشِعَةٞ

بۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىدىن بىچارىلىكنىڭ ئالامىتى چىقىپلا تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 79

يَقُولُونَ أَءِنَّا لَمَرۡدُودُونَ فِي ٱلۡحَافِرَةِ

ئۇلار: بىز ئۆلگەندىن كېيىن قايتا ھاياتلىققا قايتامدۇق؟ info
التفاسير:

external-link copy
11 : 79

أَءِذَا كُنَّا عِظَٰمٗا نَّخِرَةٗ

بىز چىرىپ، كېرەكسىز سۆڭەككە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە قايتامدۇق؟ دېيىشەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 79

قَالُواْ تِلۡكَ إِذٗا كَرَّةٌ خَاسِرَةٞ

ئۇلار: ناۋادا بىز قايتىپ قالساق، ئۇ تولىمۇ زىيانلىق، ساھىبى ئالدانغان بىر قايتىش بولىدۇ، دېيىشەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 79

فَإِنَّمَا هِيَ زَجۡرَةٞ وَٰحِدَةٞ

قايتا تىرگۈزۈش ئىشى ئىنتايىن قولاي بولۇپ، ئۇ پەقەت سۈر چېلىشقا مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتە تەرەپتىن كېلىدىغان بىرلا ئاۋازدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 79

فَإِذَا هُم بِٱلسَّاهِرَةِ

بۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل جانلىقلار زېمىننىڭ قاتلاملىرىدىكى ئۆلۈك ھالىتىدىن كېيىن تىرىكلەرگە ئايلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 79

هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ مُوسَىٰٓ

ئەي پەيغەمبەر! ساڭا مۇسانىڭ پەرۋەردىگارى ھەمدە دۈشمىنى پىرئەۋن بىلەن بولغان ۋەقەلىكىنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
16 : 79

إِذۡ نَادَىٰهُ رَبُّهُۥ بِٱلۡوَادِ ٱلۡمُقَدَّسِ طُوًى

ئۆز ۋاقىتدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا تۇۋا ناملىق پاك بىر ۋادىدا نىدا قىلدى. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• التقوى سبب دخول الجنة.
تەقۋادارلىق جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدۇ. info

• تذكر أهوال القيامة دافع للعمل الصالح.
قىيامەتنىڭ قورقۇنچلىرىنى ئەسلەش ياخشى ئەمەلگە تۈرتكە بولىدۇ. info

• قبض روح الكافر بشدّة وعنف، وقبض روح المؤمن برفق ولين.
كاپىرنىڭ جېنى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن سىلكىپ ئېلىنىدۇ، مۇئمىننىڭ جېنى ئاستا، سىلىق ئېلىنىدۇ. info

external-link copy
17 : 79

ٱذۡهَبۡ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ

ئاللاھ تائالا مۇساغا ئېيتتى: پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ زۇلۇم ۋە كۆرەڭلەشتە ھەددىدىن تولىمۇ ئاشتى. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 79

فَقُلۡ هَل لَّكَ إِلَىٰٓ أَن تَزَكَّىٰ

ئۇنىڭغا: - ئەي پىرئەۋن!- كۇپرى ۋە گۇناھلاردىن پاك بولۇشنى خالامسەن؟ info
التفاسير:

external-link copy
19 : 79

وَأَهۡدِيَكَ إِلَىٰ رَبِّكَ فَتَخۡشَىٰ

سېنى ياراتقان ۋە پەرۋىش قىلغان پەرۋەردىگارىڭنى تونۇشقا يېتەكلەيمەن، (ئۇنى تونۇساڭ پەرۋەردىگارىڭدىن) قورقىسەن، ئاندىن ئۇنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىسەن، ئۇنى غەزەبلەندۈرىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىسەن، دېگىن. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 79

فَأَرَىٰهُ ٱلۡأٓيَةَ ٱلۡكُبۡرَىٰ

مۇسا ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتتى، ئۇ بولسا قول ۋە ھاسا ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 79

فَكَذَّبَ وَعَصَىٰ

پىرئەۋننىڭ بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسى پەقەت بۇ مۆجىزىنى ئىنكار قىلىش ھەمدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇغانلىرىغا ئاسىيلىق قىلىش بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 79

ثُمَّ أَدۡبَرَ يَسۡعَىٰ

ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن توغرا دىنغا ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتتى، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش ۋە ھەقكە قارشى تۇرۇشتا بوشاشمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 79

فَحَشَرَ فَنَادَىٰ

پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا غالىب كېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە قەۋمىنى توپلىدى ۋە مۇنداق دېدى: info
التفاسير:

external-link copy
24 : 79

فَقَالَ أَنَا۠ رَبُّكُمُ ٱلۡأَعۡلَىٰ

مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن، شۇڭا سىلەر مەندىن باشقا بىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 79

فَأَخَذَهُ ٱللَّهُ نَكَالَ ٱلۡأٓخِرَةِ وَٱلۡأُولَىٰٓ

ئاللاھ ئۇنى دۇنيادا دېڭىزغا غەرق قىلىۋېتىش ئارقىلىق، ئاخىرەتتە بولسا ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىش ئارقىلىق جازالىدى. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 79

إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبۡرَةٗ لِّمَن يَخۡشَىٰٓ

شەكسىزكى بىز پىرئەۋنگە بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەرگەن جازايىمىزدا ئاللاھتىن قورقىدىغان كىشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە پەند - نەسىھەت بار. دېمەك بۇنداق ئادەم پەند - نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 79

ءَأَنتُمۡ أَشَدُّ خَلۡقًا أَمِ ٱلسَّمَآءُۚ بَنَىٰهَا

ئەي ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار! ئاللاھقا سىلەرنى يوقتىن بار قىلىش قىيىنمۇ ياكى ئاسماننى بەرپا قىلىشمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
28 : 79

رَفَعَ سَمۡكَهَا فَسَوَّىٰهَا

ئاللاھ ئاسماننىڭ ئالامىتىنى ئۇنىڭ تولىمۇ يۈكسەكلىكىدە قىلدى. ئاندىن ئۇنى چەك كەتمىگەن، يېرىلىپ كەتمىگەن، ئەيىبسىز ھالەتتە تەكشى قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 79

وَأَغۡطَشَ لَيۡلَهَا وَأَخۡرَجَ ضُحَىٰهَا

ئاسماننىڭ قۇياشى پاتقاندا ئۇنىڭ كېچىسىنى قاراڭغۇ قىلدى، ئەتىگىنى پارلىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ نۇرىنى ئاشكارا قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 79

وَٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ ذَٰلِكَ دَحَىٰهَآ

ئاللاھ ئاسماننى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن زېمىننى يايدى ھەمدە ئۇنىڭدا تۈرلۈك مەنپەئەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 79

أَخۡرَجَ مِنۡهَا مَآءَهَا وَمَرۡعَىٰهَا

ئۇنىڭدىن سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلارنى چىقاردى، چارىپايلار يايلايدىغان ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈردى. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 79

وَٱلۡجِبَالَ أَرۡسَىٰهَا

تاغلارنى زېمىن ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 79

مَتَٰعٗا لَّكُمۡ وَلِأَنۡعَٰمِكُمۡ

ئەي ئىنسانلار! ئاشۇنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ ۋە چارىپايلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر. مۇشۇلارنى ياراتقان زات ئۇلاردىن يېڭىدىن يارىتىشتىن ئاجىز كەلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 79

فَإِذَا جَآءَتِ ٱلطَّآمَّةُ ٱلۡكُبۡرَىٰ

ئىككىنچى قېتىم سۈر چېلىنغان چاغدا ھەممە نەرسىنى قورقۇنچ قاپلايدۇ ۋە قىيامەت مەيدانغا كېلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 79

يَوۡمَ يَتَذَكَّرُ ٱلۡإِنسَٰنُ مَا سَعَىٰ

قىيامەت بولغاندا ئىنسان ئىلگىرى قىلغان پۈتۈن ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرىنى ئېسىگە ئالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 79

وَبُرِّزَتِ ٱلۡجَحِيمُ لِمَن يَرَىٰ

جەھەننەم كەلتۈرۈلۈپ، كۆزى كۆرىدىغان ئادەملەرگە ئوپئوچۇق كۆرۈنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 79

فَأَمَّا مَن طَغَىٰ

ئازغۇنلۇقتا چەكتىن ئاشقان، info
التفاسير:

external-link copy
38 : 79

وَءَاثَرَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا

ئۆتكۈنچى دۇنيا ھاياتىنى مەڭگۈلۈك ئاخىرەت ھاياتىدىن ئارتۇق كۆرگەن ئادەمگە كەلسەك، info
التفاسير:

external-link copy
39 : 79

فَإِنَّ ٱلۡجَحِيمَ هِيَ ٱلۡمَأۡوَىٰ

ئۇنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 79

وَأَمَّا مَنۡ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِۦ وَنَهَى ٱلنَّفۡسَ عَنِ ٱلۡهَوَىٰ

پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشتىن قورققان، نەپسىنى ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىگە بېرىلىشتىن تىزگىنلىگەن ئادەمنىڭ بارار جايى جەننەت بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 79

فَإِنَّ ٱلۡجَنَّةَ هِيَ ٱلۡمَأۡوَىٰ

پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشتىن قورققان، نەپسىنى ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىگە بېرىلىشتىن تىزگىنلىگەن ئادەمنىڭ بارار جايى جەننەت بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 79

يَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلسَّاعَةِ أَيَّانَ مُرۡسَىٰهَا

ئەي پەيغەمبەر! قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان بۇ كاززاپلار سەندىن: قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ دەپ سورىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 79

فِيمَ أَنتَ مِن ذِكۡرَىٰهَآ

سېنىڭ ئۇنى دەپ بېرىدىغان ئىلمىڭ يوق، چۈنكى بۇ سېنىڭ ئىشىڭ ئەمەس. سېنىڭ ئىشىڭ پەقەتلا شۇ كۈن ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 79

إِلَىٰ رَبِّكَ مُنتَهَىٰهَآ

قىيامەتنىڭ ئىلمى يالغۇز پەرۋەردىگارىڭغا ئائىتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 79

إِنَّمَآ أَنتَ مُنذِرُ مَن يَخۡشَىٰهَا

سەن پەقەت قىيامەتتىن قورقىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، چۈنكى قورقىدىغان ئادەم سېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇڭدىن پايدىلىنالايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 79

كَأَنَّهُمۡ يَوۡمَ يَرَوۡنَهَا لَمۡ يَلۡبَثُوٓاْ إِلَّا عَشِيَّةً أَوۡ ضُحَىٰهَا

ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە گويا ئۆزلىرىنى دۇنيا ھاياتلىرىدا پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەكلا ئويلايدۇ. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• وجوب الرفق عند خطاب المدعوّ.
دەۋەت قىلىنغۇچىغا سۆز قىلغان چاغدا سىلىق - سىپايە بولۇش ۋاجىبتۇر. info

• الخوف من الله وكفّ النفس عن الهوى من أسباب دخول الجنة.
ئاللاھتىن قورقۇش، نەپسىنى ھاۋايى - ھەۋەستىن تىزگىنلەش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر. info

• علم الساعة من الغيب الذي لا يعلمه إلا الله.
قىيامەتنىڭ ئىلمى غەيىبنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. info

• بيان الله لتفاصيل خلق السماء والأرض.
ئاللاھ ئاسمان - زېمىننىڭ يارىتىلىش تەپسىلاتىنى بايان قىلدى. info