আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ

جىن

ছুৰাৰ উদ্দেশ্য:
إبطال دين المشركين، ببيان حال الجنّ وإيمانهم بعد سماع القرآن.
مۇشرىكلارنىڭ دىنىنىڭ باتىل ئىكەنلىكى، جىنلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ قۇرئاننى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنىڭ بايانى . info

external-link copy
1 : 72

قُلۡ أُوحِيَ إِلَيَّ أَنَّهُ ٱسۡتَمَعَ نَفَرٞ مِّنَ ٱلۡجِنِّ فَقَالُوٓاْ إِنَّا سَمِعۡنَا قُرۡءَانًا عَجَبٗا

ئەي پەيغەمبەر! ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ماڭا مۇنداق ۋەھيى قىلدى: بەتن نەخلە دېگەن جايدا بىر توپ جىنلار مېنىڭ قۇرئان ئوقۇشۇمغا قۇلاق ساپتۇ، ئاندىن ئۇلار قەۋمىنىڭ يېنىغا بارغانلىرىدا قەۋمىگە مۇنداق دەپتۇ: ھەقىقەتەن بىز بالاغەت ۋە پاساھەتتە ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوقۇلىدىغان بىر سۆزنى ئاڭلىدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 72

يَهۡدِيٓ إِلَى ٱلرُّشۡدِ فَـَٔامَنَّا بِهِۦۖ وَلَن نُّشۡرِكَ بِرَبِّنَآ أَحَدٗا

بىز ئاڭلىغان بۇ سۆز بىزنى ئېتىقادتا، گەپ - سۆزدە ۋە ئىش - ھەرىكەتتە توغرا يولغا باشلايدىكەن. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، بىز ئۇنى بەندىسىگە نازىل قىلغان پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمىز. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 72

وَأَنَّهُۥ تَعَٰلَىٰ جَدُّ رَبِّنَا مَا ٱتَّخَذَ صَٰحِبَةٗ وَلَا وَلَدٗا

بىز ئۇلۇغلۇقى ۋە بۈيۈكلۈكى يۈكسەك بولغان پەرۋەردىگارىمىزنىڭ مۇشرىكلار ئېيتقاندەك خوتۇنى ۋە بالىسى يوقلۇقىغا ئىمان ئېيتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 72

وَأَنَّهُۥ كَانَ يَقُولُ سَفِيهُنَا عَلَى ٱللَّهِ شَطَطٗا

ھەقىقەتەن ئىبلىس ئاللاھ تائالانىڭ خوتۇنى ۋە بالىسى بار دېگەندەك يالغان گەپنى دەيتتى. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 72

وَأَنَّا ظَنَنَّآ أَن لَّن تَقُولَ ٱلۡإِنسُ وَٱلۡجِنُّ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا

بىز ھەقىقەتەن ئىنسان ۋە جىنلاردىن بولغان مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ خوتۇنى ۋە بالىسى بار دېگەن سۆزلەرنى قىلغاندا ئۇلارنى يالغان سۆزلىمەيدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتۇق، ئاندىن ئۇلارنى دوراپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 72

وَأَنَّهُۥ كَانَ رِجَالٞ مِّنَ ٱلۡإِنسِ يَعُوذُونَ بِرِجَالٖ مِّنَ ٱلۡجِنِّ فَزَادُوهُمۡ رَهَقٗا

ھەقىقەتەن جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر بۆلۈك ئىنسانلار قورقۇنچلۇق بىرەر جايغا چۈشكۈن قىلغانلىرىدا بىر قىسىم جىنلارغا سىغىنىپ: مەن مۇشۇ ۋادىنىڭ خوجىسىغا سىغىنىپ ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئەقىلسىزلىرىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىق تىلەيمەن، دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار جىنلاردىن تېخىمۇ قورقىدىغان ۋە ئەيمىنىدىغان بوپكەتكەن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 72

وَأَنَّهُمۡ ظَنُّواْ كَمَا ظَنَنتُمۡ أَن لَّن يَبۡعَثَ ٱللَّهُ أَحَدٗا

ئەي جىنلار! ئىنسانلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، ئاللاھ تائالا ھېچكىمنى ئۆلگەندىن كېيىن ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن تىرىلدۈرەلمەيدۇ، دەپ ئويلاپ قالدى. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 72

وَأَنَّا لَمَسۡنَا ٱلسَّمَآءَ فَوَجَدۡنَٰهَا مُلِئَتۡ حَرَسٗا شَدِيدٗا وَشُهُبٗا

ھەقىقەتەن بىز ئاسمان خەۋەرلىرىنى (تىڭشىۋېلىشقا) ئۇرۇنۇپ باقتۇق. نەتىجىدە ئاسماننىڭ پەرىشتىلەردىن تەركىب تاپقان كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئۇ مۇھاپىزەتچىلەر ئاسماننى بىز ئىلگىرى قىلىپ كەلگەن ئوغرىلىقچە خەۋەر تىڭشاشتىن مۇھاپىزەت قىلىدىكەن. يەنە ئاسمان لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرىدىغان ئوتقا توشقۇزۇلغان بولۇپ، ئاسمانغا يېقىنلاشماقچى بولغان ھەر كىمگە شۇ ئوت ئېتىلىدىكەن. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 72

وَأَنَّا كُنَّا نَقۡعُدُ مِنۡهَا مَقَٰعِدَ لِلسَّمۡعِۖ فَمَن يَسۡتَمِعِ ٱلۡأٓنَ يَجِدۡ لَهُۥ شِهَابٗا رَّصَدٗا

بىز ئىلگىرى ھەمىشە پەرىشتىلەر ئارىسىدا بولۇنغان سۆزلەرنى ئوغرىلىقچە تىڭشىۋېلىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئورۇنلىرىمىزنى ئالاتتۇق، ئاندىن ئۇنى يەر يۈزىدىكى كاھىنلارغا ئېيتىپ بېرەتتۇق. ئەمدى ئىش باشقىچە بوپقاپتۇ. يەنى ھازىر بىزدىن كىمكى (ئاسمان خەۋىرىنى) تىڭشىماقچى بولسا، ئۆزى ئۈچۈن تەييارلانغان لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتنى تاپىدۇ. ئۇ قاچان ئاسمانغا يېقىنلاشماقچى بولغاندا ئۇنىڭغا شۇ ئوت ئېتىلىپ، ئۇنى كۆيدۈرۈۋېتىدىكەن. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 72

وَأَنَّا لَا نَدۡرِيٓ أَشَرٌّ أُرِيدَ بِمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ أَمۡ أَرَادَ بِهِمۡ رَبُّهُمۡ رَشَدٗا

بىز ھەقىقەتەن (ئاسمان خەۋەرلىرىنىڭ) بۇنداق قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى، يەنى يەر يۈزىدىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز. چۈنكى بىزدىن ئاسماننىڭ خەۋىرى ئۈزۈلۈپ قالدى. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 72

وَأَنَّا مِنَّا ٱلصَّٰلِحُونَ وَمِنَّا دُونَ ذَٰلِكَۖ كُنَّا طَرَآئِقَ قِدَدٗا

ئەي جىنلار! بىزنىڭ ئىچىمىزدە تەقۋادار، ياخشىلارمۇ بار، كاپىر ۋە پاسىقلارمۇ بار. دېمەك، بىز قىزىقىشى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان خىلمۇخىل تۈرلەرگە بۆلۈندۇق. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 72

وَأَنَّا ظَنَنَّآ أَن لَّن نُّعۡجِزَ ٱللَّهَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَن نُّعۡجِزَهُۥ هَرَبٗا

بىز ھەقىقەتەن شۇنىڭغا ئىشەندۇقكى، ئەگەر ئاللاھ بىزگە بىرەر ئىشنى ئىرادە قىلغان بولسا، بىز ئۇنىڭدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايمىز، ئۇ بىزنى ھەر تەرەپتىن قورشىغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 72

وَأَنَّا لَمَّا سَمِعۡنَا ٱلۡهُدَىٰٓ ءَامَنَّا بِهِۦۖ فَمَن يُؤۡمِنۢ بِرَبِّهِۦ فَلَا يَخَافُ بَخۡسٗا وَلَا رَهَقٗا

ھەقىقەتەن بىز ئەڭ توغرا يولغا باشلايدىغان ئاشۇ قۇرئاننى ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدىلا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق. كىمكى پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتىدىكەن، ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن ھەمدە ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىغا بىرەر گۇناھنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• تأثير القرآن البالغ فيمَنْ يستمع إليه بقلب سليم.
قۇرئاننى ساغلام قەلب بىلەن تىڭشىغان كىشىگە قۇرئان كەرىم قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. info

• الاستغاثة بالجن من الشرك بالله، ومعاقبةُ فاعله بضد مقصوده في الدنيا.
جىنلاردىن ياردەم تىلىگەنلىك ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولۇپ، بۇنداق قىلغۇچى مۇشۇ دۇنيادىلا مەقسىتىنىڭ ئەكسىچە جازالىنىدۇ. info

• بطلان الكهانة ببعثة النبي صلى الله عليه وسلم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى بىلەن كاھىنلىق بەربات بولدى. info

• من أدب المؤمن ألا يَنْسُبَ الشرّ إلى الله.
يامانلىقنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلماسلىق مۇئمىننىڭ ئەدەب - ئەخلاقىدىندۇر. info