আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ

পৃষ্ঠা নং:close

external-link copy
7 : 58

أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۖ مَا يَكُونُ مِن نَّجۡوَىٰ ثَلَٰثَةٍ إِلَّا هُوَ رَابِعُهُمۡ وَلَا خَمۡسَةٍ إِلَّا هُوَ سَادِسُهُمۡ وَلَآ أَدۡنَىٰ مِن ذَٰلِكَ وَلَآ أَكۡثَرَ إِلَّا هُوَ مَعَهُمۡ أَيۡنَ مَا كَانُواْۖ ثُمَّ يُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُواْ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٌ

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالانىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئۇلاردىكى ھېچ نەرسىنىڭ مەخپىي قالمايدىغانلىقىنى بىلمىدىڭمۇ؟ قانداقتۇر ئۈچ كىشى مەخپىي پىچىرلىشىدىكەن، چوقۇم ئاللاھ ئۆز ئىلمى بىلەن ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسىدۇر. بەش كىشى مەخپىي پىچىرلىشىدىكەن، چوقۇم ئاللاھ ئۆز ئىلمى بىلەن ئۇلارنىڭ ئالتىنچىسىدۇر. مەيلى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ كىشى پىچىرلاشسۇن، ئۇلار قەيەردە بولسۇن چوقۇم ئاللاھ ئۆز ئىلمى ئارقىلىق ئۇلار بىلەن بىرگىدۇر. ئاللاھقا ئۇلارنىڭ پىچىرلىشىشلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاندىن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 58

أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ نُهُواْ عَنِ ٱلنَّجۡوَىٰ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا نُهُواْ عَنۡهُ وَيَتَنَٰجَوۡنَ بِٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِ وَمَعۡصِيَتِ ٱلرَّسُولِۖ وَإِذَا جَآءُوكَ حَيَّوۡكَ بِمَا لَمۡ يُحَيِّكَ بِهِ ٱللَّهُ وَيَقُولُونَ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ لَوۡلَا يُعَذِّبُنَا ٱللَّهُ بِمَا نَقُولُۚ حَسۡبُهُمۡ جَهَنَّمُ يَصۡلَوۡنَهَاۖ فَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ

ئەي پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرنى كۆرگەندە پىچىرلىشىدىغان يەھۇدىيلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى پىچىرلىشىشتىن چەكلىگەن ئىدى. ئەمما ئۇلار ئاللاھ چەكلىگەن ئىشنى قىلىپ، مۇئمىنلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش، ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلىش ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىشقا ئوخشاش گۇناھ بولىدىغان قىلمىشلار ھەققىدە ئۆزئارا پىچىرلىشىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ناۋادا ئۇلار سېنىڭ قېشىڭغا كەلسە ئاللاھ تائالا ساڭا قىلىپ باقمىغان سالام بىلەن سالام قىلىدۇكى، ئۇ سالام بولسا ئۇلارنىڭ سېنىڭ ئۆلۈمىڭنى تىلەپ: ئەسسامۇ ئەلەيكە، دېگەن سۆزىدۇر. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يالغانچى قىلىش مەقسىتىدە: بىزنىڭ دېگەن سۆزلىرىمىز تۈپەيلىدىن ئاللاھ نېمىشقا بىزنى ئازابلىمايدۇ؟ ئەگەر ئۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دېگەن دەۋاسىدا راستچىل بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھ بىزنى دېگەن گەپلىرىمىز تۈپەيلىدىن ئازابلىغان بولاتتى، دېيىشىدۇ. ئۇلارنى دېگەنلىرىگە قارىتا جەھەننەم يېتەرلىك ئازابتۇركى، ئۇلار ئۇنىڭ قاتتىق ھارارىتىنى تېتىيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق!؟ info
التفاسير:

external-link copy
9 : 58

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا تَنَٰجَيۡتُمۡ فَلَا تَتَنَٰجَوۡاْ بِٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِ وَمَعۡصِيَتِ ٱلرَّسُولِ وَتَنَٰجَوۡاْ بِٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ ٱلَّذِيٓ إِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ

ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! يەھۇدىيلارغا ئوخشاش بوپقالماسلىقىڭلار ئۈچۈن گۇناھ - مەئسىيەت، زۇلۇم قىلىش ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىش ھەققىدە پىچىرلاشماي، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان ۋە ئاسىيلىقتىن قول يىغىدىغان ئىشلار ھەققىدە پىچىرلىشىڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولۇڭلار. چۈنكى قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 58

إِنَّمَا ٱلنَّجۡوَىٰ مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ لِيَحۡزُنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَلَيۡسَ بِضَآرِّهِمۡ شَيۡـًٔا إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ

ھەقىقەتەن گۇناھ - مەئسىيەت، زۇلۇم ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىچىرلىشىش بولسا شەيتاننىڭ ئۆز يېقىنلىرىنى ۋەسۋەسە قىلىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىش مۇئمىنلەرنى قايغۇغا سېلىش ئۈچۈندۇر. شەيتان ۋە ئۇنىڭ ۋەسۋەسىلىرى ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئىرادىسى بولمىسا مۇئمىنلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. شۇڭا مۇئمىنلەر بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھقا تايانسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 58

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا قِيلَ لَكُمۡ تَفَسَّحُواْ فِي ٱلۡمَجَٰلِسِ فَٱفۡسَحُواْ يَفۡسَحِ ٱللَّهُ لَكُمۡۖ وَإِذَا قِيلَ ٱنشُزُواْ فَٱنشُزُواْ يَرۡفَعِ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنكُمۡ وَٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ دَرَجَٰتٖۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ

ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بويىچە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ناۋادا سىلەرگە: سورۇنلاردا (باشقىلارنى يېنىڭلارغا) سىغدۇرۇۋېلىڭلار دېيىلسە، (يېنىڭلارغا كەلگەنلەرنى) سىغدۇرۇۋېلىڭلاركى، ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سىلەرگىمۇ كەڭچىلىك قىلغاي. ناۋادا سىلەرگە: بەزى سورۇنلاردا پەزىلەت ئىگىلىرىگە ئورنۇڭلارنى بوشىتىپ بېرىڭلار دېيىلسە، ئورنۇڭلارنى بوشىتىپ بېرىڭلاركى، ئاللاھ تائالا ئاراڭلاردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ دەرىجىسىنى ناھايىتى كاتتا مەرتىۋىلەرگە يۈكسەلدۈرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• مع أن الله عالٍ بذاته على خلقه؛ إلا أنه مطَّلع عليهم بعلمه لا يخفى عليه أي شيء.
ئاللاھ تائالا ئۆز زاتىدا پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆز ئىلىمى بىلەن ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئەھۋالىدىن خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info

• لما كان كثير من الخلق يأثمون بالتناجي أمر الله المؤمنين أن تكون نجواهم بالبر والتقوى.
كۆپلىگەن ئىنسانلار پىچىرلىشىش ئارقىلىق گۇناھكار بولىدىغان بولغاچقا، ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىق توغرىسىدا پىچىرلىشىشقا بۇيرۇيدۇ. info

• من آداب المجالس التوسيع فيها للآخرين.
باشقىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش سورۇنلارنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرىدىندۇر. info