আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ

ۋاقىئە

ছুৰাৰ উদ্দেশ্য:
بيان أحوال العباد يوم المعاد.
بەندىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالىنىڭ بايانى info

external-link copy
1 : 56

إِذَا وَقَعَتِ ٱلۡوَاقِعَةُ

قىيامەت قايىم بولغاندا (بولۇشىدا شەك يوق)، info
التفاسير:

external-link copy
2 : 56

لَيۡسَ لِوَقۡعَتِهَا كَاذِبَةٌ

ئۇنى دۇنيادا ئىنكار قىلغاندەك ئىنكار قىلىدىغان ھېچكىم بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 56

خَافِضَةٞ رَّافِعَةٌ

زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا قىيامەت بولىدۇ. ئۇ گۇناھكار كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ. تەقۋادار مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 56

إِذَا رُجَّتِ ٱلۡأَرۡضُ رَجّٗا

زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا قىيامەت بولىدۇ. ئۇ گۇناھكار كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ. تەقۋادار مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 56

وَبُسَّتِ ٱلۡجِبَالُ بَسّٗا

زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا قىيامەت بولىدۇ. ئۇ گۇناھكار كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ. تەقۋادار مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 56

فَكَانَتۡ هَبَآءٗ مُّنۢبَثّٗا

زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا قىيامەت بولىدۇ. ئۇ گۇناھكار كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ. تەقۋادار مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 56

وَكُنتُمۡ أَزۡوَٰجٗا ثَلَٰثَةٗ

سىلەر ئۇ كۈندە ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 56

فَأَصۡحَٰبُ ٱلۡمَيۡمَنَةِ مَآ أَصۡحَٰبُ ٱلۡمَيۡمَنَةِ

نامە - ئەماللىرىنى ئوڭ قوللىرى بىلەن ئالىدىغان سائادەتمەنلەرنىڭ مەرتىۋىسى نېمىدېگەن يۈكسەك ھەم كاتتا!. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 56

وَأَصۡحَٰبُ ٱلۡمَشۡـَٔمَةِ مَآ أَصۡحَٰبُ ٱلۡمَشۡـَٔمَةِ

نامە - ئەماللىرىنى سول قوللىرى بىلەن ئالىدىغان بەختسىزلەرنىڭ مەرتىۋىسى نېمىدېگەن پەس! info
التفاسير:

external-link copy
10 : 56

وَٱلسَّٰبِقُونَ ٱلسَّٰبِقُونَ

دۇنيادا ياخشىلىقنى ئالدىدا قىلغۇچىلار ئاخىرەتتىمۇ جەننەتكە ئالدىدا كىرىدىغانلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 56

أُوْلَٰٓئِكَ ٱلۡمُقَرَّبُونَ

ئەنە شۇلار ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلار بولۇپ، نازۇنېئمەتلىك جەننەتلەردە تۈرلۈك نېئمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 56

فِي جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ

ئەنە شۇلار ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلار بولۇپ، نازۇنېئمەتلىك جەننەتلەردە تۈرلۈك نېئمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 56

ثُلَّةٞ مِّنَ ٱلۡأَوَّلِينَ

ئۇلار مۇشۇ ئۈممەتتىن ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن بىر توپ كىشىلەردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 56

وَقَلِيلٞ مِّنَ ٱلۡأٓخِرِينَ

كېيىنكىلەرنىڭ ئېچىدە ئازدۇر. ئۇلار ياخشى ئەمەللەردە مۇسابىقىلىشىپ ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 56

عَلَىٰ سُرُرٖ مَّوۡضُونَةٖ

ئۇلار ئالتۇندىن بىزەلگەن تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ، بىر - بىرىگە ئارقىسىنى قىلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 56

مُّتَّكِـِٔينَ عَلَيۡهَا مُتَقَٰبِلِينَ

ئۇلار ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ، بىر - بىرىگە ئارقىسىنى قىلمايدۇ. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• دوام تذكر نعم الله وآياته سبحانه موجب لتعظيم الله وحسن طاعته.
ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ۋە ئايەتلىرىنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇش ئاللاھنى ئۇلۇغلاشقا ھەم ئۇنىڭغا مۇكەممەل ئىتائەت قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. info

• انقطاع تكذيب الكفار بمعاينة مشاهد القيامة.
كاپىرلار قىيامەتنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەندە ئىنكار قىلالمايدۇ. info

• تفاوت درجات أهل الجنة بتفاوت أعمالهم.
جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا قاراپ دەرىجىلىرىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. info

external-link copy
17 : 56

يَطُوفُ عَلَيۡهِمۡ وِلۡدَٰنٞ مُّخَلَّدُونَ

قېرىماي ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، ئېقىپ تۇرغان شارابلارنى پىيالە، چەينەك ۋە جاملارغا تولدۇرۇپ سۇنۇپ تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 56

بِأَكۡوَابٖ وَأَبَارِيقَ وَكَأۡسٖ مِّن مَّعِينٖ

قېرىماي ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، ئېقىپ تۇرغان شارابلارنى پىيالە، چەينەك ۋە جاملارغا تولدۇرۇپ سۇنۇپ تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 56

لَّا يُصَدَّعُونَ عَنۡهَا وَلَا يُنزِفُونَ

جەننەتنىڭ شارابلىرى بۇ دۇنيانىڭ شارابلىرىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنى ئىچكەنلەرنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ ۋە ئەقلىنى يوقاتمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 56

وَفَٰكِهَةٖ مِّمَّا يَتَخَيَّرُونَ

بۇ غىلمانلار جەننەت ئەھلى خالىغان مېۋە - چېۋىلەرنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 56

وَلَحۡمِ طَيۡرٖ مِّمَّا يَشۡتَهُونَ

ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرىنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 56

وَحُورٌ عِينٞ

ئۇلارغا جەننەتتە سەدەپنىڭ ئىچىدىكى مەرۋايىتقا ئوخشاش شەھلا كۆزلۈك، گۈزەل ھۆرلەر بېرىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 56

كَأَمۡثَٰلِ ٱللُّؤۡلُوِٕ ٱلۡمَكۡنُونِ

ئۇلارغا جەننەتتە سەدەپنىڭ ئىچىدىكى مەرۋايىتقا ئوخشاش شەھلا كۆزلۈك، گۈزەل ھۆرلەر بېرىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 56

جَزَآءَۢ بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

بۇ ئۇلارنى دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە قارىتا مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 56

لَا يَسۡمَعُونَ فِيهَا لَغۡوٗا وَلَا تَأۡثِيمًا

ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە سۆزلەرنى ۋە گۇناھ بولىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 56

إِلَّا قِيلٗا سَلَٰمٗا سَلَٰمٗا

ئۇلار پەقەت پەرىشتىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن سالاملىرىنى ۋە جەننەت ئەھلىنىڭ ئۆزئارا قىلىشقان سالاملىرىنىلا ئاڭلايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 56

وَأَصۡحَٰبُ ٱلۡيَمِينِ مَآ أَصۡحَٰبُ ٱلۡيَمِينِ

ئەسھابۇل يەمىن دېگەن: نام-ئەمەل كىتابى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەر بولۇپ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇلارنىڭ مەرتىۋېىسى ۋە ئورنى نېمە دېگەن كاتتا!. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 56

فِي سِدۡرٖ مَّخۡضُودٖ

ئۇلار تىكەنلىرى ئېلىۋېتىلگەن، كىشىگە زىيان قىلمايدىغان سىدر مېۋىلىرىدىن، سانجاق - سانجاق بولۇپ بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن مەۋزلەردىن، يوقىلىپ كەتمەي ئۈزلۈكسىز تاشلىنىپ تۇرىدىغان سايىلاردىن، توختاپ قالماي ئېقىپ تۇرىدىغان سۇلاردىن، توساقسىز، ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتتا چەكلىمىسىز يېيەلەيدىغان مېۋىلەردىن، كارىۋاتلار ئۈستىگە سېلىنغان ئېگىز تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 56

وَطَلۡحٖ مَّنضُودٖ

30 : 56

وَظِلّٖ مَّمۡدُودٖ

31 : 56

وَمَآءٖ مَّسۡكُوبٖ

32 : 56

وَفَٰكِهَةٖ كَثِيرَةٖ

33 : 56

لَّا مَقۡطُوعَةٖ وَلَا مَمۡنُوعَةٖ

34 : 56

وَفُرُشٖ مَّرۡفُوعَةٍ

35 : 56

إِنَّآ أَنشَأۡنَٰهُنَّ إِنشَآءٗ

ھەقىقەتەن بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھۆرلەرنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىچە گۈزەللىكتە ياراتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 56

فَجَعَلۡنَٰهُنَّ أَبۡكَارًا

بىز ئۇلارنى ئىلگىرى ھېچكىم يېقىن كېلىپ باقمىغان قىزلار قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 56

عُرُبًا أَتۡرَابٗا

ئۇلار ئەرلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان، ياشتىمۇ تەڭتۇش جۈپتلەردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 56

لِّأَصۡحَٰبِ ٱلۡيَمِينِ

بىز بۇ ھۆرلەرنى نامە - ئەمالى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەن سائادەتمەنلەرنىڭ بەخت - سائادىتىنىڭ ئالامىتى قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 56

ثُلَّةٞ مِّنَ ٱلۡأَوَّلِينَ

بۇلار ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممىتى ئىچىدە كۆپتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 56

وَثُلَّةٞ مِّنَ ٱلۡأٓخِرِينَ

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئىچىدىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى ئۈممەتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 56

وَأَصۡحَٰبُ ٱلشِّمَالِ مَآ أَصۡحَٰبُ ٱلشِّمَالِ

ئەسھابۇل شىمال دېگەن: نام-ئەمەل دەپتىرى سول تەرەپتىن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئاقىۋېتى نېمە دېگەن يامان!. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 56

فِي سَمُومٖ وَحَمِيمٖ

ئۇلار تولىمۇ ئاتەشلىك شامال ۋە ئىنتايىن ھارارەتلىك قايناق سۇنىڭ، قاپقارا ئىس - تۈتەكتىن شەكىللەنگەن، سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 56

وَظِلّٖ مِّن يَحۡمُومٖ

ئۇلار تولىمۇ ئاتەشلىك شامال ۋە ئىنتايىن ھارارەتلىك قايناق سۇنىڭ، قاپقارا ئىس - تۈتەكتىن شەكىللەنگەن، سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 56

لَّا بَارِدٖ وَلَا كَرِيمٍ

ئۇلار تولىمۇ ئاتەشلىك شامال ۋە ئىنتايىن ھارارەتلىك قايناق سۇنىڭ، قاپقارا ئىس - تۈتەكتىن شەكىللەنگەن، سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 56

إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَبۡلَ ذَٰلِكَ مُتۡرَفِينَ

ھەقىقەتەن ئۇلار مۇشۇ ئازابقا دۇچار بولۇشتىن بۇرۇن دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا تولىمۇ باياشات، شەھۋەتلىرىنى قاندۇرۇشتىن باشقا غېمى يوق كىشىلەر ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 56

وَكَانُواْ يُصِرُّونَ عَلَى ٱلۡحِنثِ ٱلۡعَظِيمِ

ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلىرىغا چوقۇنۇشتا قاتتىق چىڭ تۇراتتى. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 56

وَكَانُواْ يَقُولُونَ أَئِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗا وَعِظَٰمًا أَءِنَّا لَمَبۡعُوثُونَ

ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقتىن (مۇسۇلمانلارنى) مەسخىرە قىلىپ ھەمدە (قايتا تىرىلىشنى) يىراق ساناپ: بىز ئۆلۈپ، تۇپراققا ۋە چىرىپ كەتكەن سۆڭەككە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە قايتا تىرىلىمىزمۇ؟ بىزدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - ئەجدادلىرىمىزمۇ قايتا تىرىلەمدۇ؟ دەيتتى. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 56

أَوَءَابَآؤُنَا ٱلۡأَوَّلُونَ

ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقتىن (مۇسۇلمانلارنى) مەسخىرە قىلىپ ھەمدە (قايتا تىرىلىشنى) يىراق ساناپ: بىز ئۆلۈپ، تۇپراققا ۋە چىرىپ كەتكەن سۆڭەككە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە قايتا تىرىلىمىزمۇ؟ بىزدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - ئەجدادلىرىمىزمۇ قايتا تىرىلەمدۇ؟ دەيتتى. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 56

قُلۡ إِنَّ ٱلۡأَوَّلِينَ وَٱلۡأٓخِرِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پۈتۈن خالايىقلار ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن شەكسىز بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئەلۋەتتە توپلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 56

لَمَجۡمُوعُونَ إِلَىٰ مِيقَٰتِ يَوۡمٖ مَّعۡلُومٖ

ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پۈتۈن خالايىقلار ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن شەكسىز بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئەلۋەتتە توپلىنىدۇ. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• العمل الصالح سبب لنيل النعيم في الآخرة.
ياخشى ئەمەل ئاخىرەتتە نېئمەتلەرگە ئېرىشىشكە سەۋەب بولىدۇ. info

• الترف والتنعم من أسباب الوقوع في المعاصي.
راھەت - پاراغەت ۋە باي - باياشاتلىق گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە پېتىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر. info

• خطر الإصرار على الذنب.
گۇناھتا چىڭ تۇرۇش خەتەرلىكتۇر. info

external-link copy
51 : 56

ثُمَّ إِنَّكُمۡ أَيُّهَا ٱلضَّآلُّونَ ٱلۡمُكَذِّبُونَ

ئاندىن سىلەر ئەي ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى ۋە توغرا يولدىن ئازغۇچىلار! قىيامەت كۈنى ئۇلار ئەلۋەتتە زەققۇم دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ، بۇ بەك نىجىس ۋە ناچار مېۋىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 56

لَأٓكِلُونَ مِن شَجَرٖ مِّن زَقُّومٖ

ئاندىن سىلەر ئەي ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى ۋە توغرا يولدىن ئازغۇچىلار! قىيامەت كۈنى ئۇلار ئەلۋەتتە زەققۇم دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ، بۇ بەك نىجىس ۋە ناچار مېۋىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
53 : 56

فَمَالِـُٔونَ مِنۡهَا ٱلۡبُطُونَ

ئاشۇ دەرەخنىڭ ئاچچىق مېۋىسىدىن ئېچىپ كەتكەن قورسىقىڭلارنى تولدۇرىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
54 : 56

فَشَٰرِبُونَ عَلَيۡهِ مِنَ ٱلۡحَمِيمِ

ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇنى ئىچىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
55 : 56

فَشَٰرِبُونَ شُرۡبَ ٱلۡهِيمِ

يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇنى خۇددى قاتتىق چاڭقاپ كەتكەنلىكتىن كۆپ ئىچىدىغان تۆگىدەك ئىچىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
56 : 56

هَٰذَا نُزُلُهُمۡ يَوۡمَ ٱلدِّينِ

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەنە شۇ ئاچچىق يېمەكلىك ۋە قايناق سۇ ئۇلارنىڭ زىياپىتى بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنى شۇ زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
57 : 56

نَحۡنُ خَلَقۡنَٰكُمۡ فَلَوۡلَا تُصَدِّقُونَ

ئەي ئىنكارچىلار! بىز سىلەرنى يوقلۇقتىن بار قىلغان تۇرساق. ئەمدىلىكتە بىزنىڭ سىلەرنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەنمەمسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
58 : 56

أَفَرَءَيۡتُم مَّا تُمۡنُونَ

ئەي ئىنسانلار! سىلەر ئاياللىرىڭلارنىڭ بەچچىدانلىرىغا تۆكۈۋاتقان مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ! info
التفاسير:

external-link copy
59 : 56

ءَأَنتُمۡ تَخۡلُقُونَهُۥٓ أَمۡ نَحۡنُ ٱلۡخَٰلِقُونَ

ئاشۇ مەنىنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتىۋاتامسىلەر ياكى بىز يارىتىۋاتامدۇق؟ info
التفاسير:

external-link copy
60 : 56

نَحۡنُ قَدَّرۡنَا بَيۡنَكُمُ ٱلۡمَوۡتَ وَمَا نَحۡنُ بِمَسۡبُوقِينَ

بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بېكىتتۇقكى، ھەر بىرىڭلارنىڭ قىلچە ئىلگىرى - كېيىن بولمايدىغان مۇئەييەن ئۆلۈش ۋاقتىڭلار بار. بىز سىلەرنى ئۆزۈڭلارغا تونۇشلۇق بولغان ھازىرقى يارىتىلىشىڭلار ۋە شەكلىڭلاردىن باشقا بىر ھالەتكە ئالماشتۇرۇپ، سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان باشقا بىر يارىتىش ۋە شەكىلدە پەيدا قىلىشتىنمۇ ئاجىز ئەمەسمىز. info
التفاسير:

external-link copy
61 : 56

عَلَىٰٓ أَن نُّبَدِّلَ أَمۡثَٰلَكُمۡ وَنُنشِئَكُمۡ فِي مَا لَا تَعۡلَمُونَ

بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بېكىتتۇقكى، ھەر بىرىڭلارنىڭ قىلچە ئىلگىرى - كېيىن بولمايدىغان مۇئەييەن ئۆلۈش ۋاقتىڭلار بار. بىز سىلەرنى ئۆزۈڭلارغا تونۇشلۇق بولغان ھازىرقى يارىتىلىشىڭلار ۋە شەكلىڭلاردىن باشقا بىر ھالەتكە ئالماشتۇرۇپ، سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان باشقا بىر يارىتىش ۋە شەكىلدە پەيدا قىلىشتىنمۇ ئاجىز ئەمەسمىز. info
التفاسير:

external-link copy
62 : 56

وَلَقَدۡ عَلِمۡتُمُ ٱلنَّشۡأَةَ ٱلۡأُولَىٰ فَلَوۡلَا تَذَكَّرُونَ

ھەقىقەتەن سىلەر بىزنىڭ ئۆزۈڭلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقانلىقىمىزنى بىلىسىلەر. شۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان زاتنىڭ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
63 : 56

أَفَرَءَيۡتُم مَّا تَحۡرُثُونَ

قېنى ئۆزۈڭلار يەرگە تېرىۋاتقان ئۇرۇقلارنى دەپ بېقىڭلارچۇ! info
التفاسير:

external-link copy
64 : 56

ءَأَنتُمۡ تَزۡرَعُونَهُۥٓ أَمۡ نَحۡنُ ٱلزَّٰرِعُونَ

ئاشۇ ئۇرۇقلارنى سىلەر ئۈندۈرۈۋاتامسىلەر ياكى بىز ئۈندۈرۈۋاتىمىزمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
65 : 56

لَوۡ نَشَآءُ لَجَعَلۡنَٰهُ حُطَٰمٗا فَظَلۡتُمۡ تَفَكَّهُونَ

ئەگەر بىز خالىساق ئىدۇق، ئاشۇ زىرائەتلەر پىشىپ، ھوسۇل بېرەي دېگەندە قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇرۇۋېتەتتۇق - دە، ئاندىن سىلەر بۇ ئەھۋالدىن ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
66 : 56

إِنَّا لَمُغۡرَمُونَ

سىلەر: بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا سەرپ قىلغان (ئەمگەك كۈچى ھەم ئۇرۇقلاردىن) قۇرۇق قېلىش بىلەن جازالاندۇق، بەلكى بىز رىزىقتىن مەھرۇم قالدۇق، دەيتتىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
67 : 56

بَلۡ نَحۡنُ مَحۡرُومُونَ

سىلەر: بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا سەرپ قىلغان (ئەمگەك كۈچى ھەم ئۇرۇقلاردىن) قۇرۇق قېلىش بىلەن جازالاندۇق، بەلكى بىز رىزىقتىن مەھرۇم قالدۇق، دەيتتىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
68 : 56

أَفَرَءَيۡتُمُ ٱلۡمَآءَ ٱلَّذِي تَشۡرَبُونَ

قېنى سىلەر ئۇسسىغاندا ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ! info
التفاسير:

external-link copy
69 : 56

ءَأَنتُمۡ أَنزَلۡتُمُوهُ مِنَ ٱلۡمُزۡنِ أَمۡ نَحۡنُ ٱلۡمُنزِلُونَ

ئۇنى ئاسماندىكى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
70 : 56

لَوۡ نَشَآءُ جَعَلۡنَٰهُ أُجَاجٗا فَلَوۡلَا تَشۡكُرُونَ

ئەگەر بىز خالىساق، ئاشۇ سۇنى ئىنتايىن تۇزلۇق قىلىۋېتەتتۇق - دە، ئۇنى نە ئىچكىلى، نە يەر سۇغارغىلى بولمايتتى. ئاللاھنىڭ سىلەرگە شەپقەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنى تاتلىق قىلىپ چۈشۈرۈپ بەرگىنىگە نېمىشقا شۈكرى قىلمايسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
71 : 56

أَفَرَءَيۡتُمُ ٱلنَّارَ ٱلَّتِي تُورُونَ

ئۆز مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن يېقىلغۇ قىلىۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ! info
التفاسير:

external-link copy
72 : 56

ءَأَنتُمۡ أَنشَأۡتُمۡ شَجَرَتَهَآ أَمۡ نَحۡنُ ٱلۡمُنشِـُٔونَ

يېقىلغۇ قىلىنىدىغان دەرەخنى سىلەر پەيدا قىلدىڭلارمۇ ياكى سىلەرگە شەپقەت قىلىپ بىز پەيدا قىلدۇقمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
73 : 56

نَحۡنُ جَعَلۡنَٰهَا تَذۡكِرَةٗ وَمَتَٰعٗا لِّلۡمُقۡوِينَ

بىز بۇ ئوتنى سىلەرگە ئاخىرەتنىڭ ئوتىنى ئەسلىتىدىغان قىلدۇق، شۇنداقلا ئۇنى ئاراڭلاردىن سەپەرگە چىققانلارغا پايدىلىق قىلىپ بەردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
74 : 56

فَسَبِّحۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلۡعَظِيمِ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى ئۇنىڭغا لايىق كەلمەيدىغان نەرسىلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن. info
التفاسير:

external-link copy
75 : 56

۞ فَلَآ أُقۡسِمُ بِمَوَٰقِعِ ٱلنُّجُومِ

ئاللاھ تائالا يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇن ھەم جايلىرى بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
76 : 56

وَإِنَّهُۥ لَقَسَمٞ لَّوۡ تَعۡلَمُونَ عَظِيمٌ

ھەقىقەتەن بۇ ئورۇنلار بىلەن قەسەم قىلىش -ئەگەر ئۇنىڭ كاتتىلىقىنى بىلسەڭلار- ئەلۋەتتە بۈيۈك قەسەمدۇركى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر ۋە چەكسىز ئىبرەتلەر بار. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• دلالة الخلق الأول على سهولة البعث ظاهرة.
دەسلەپكى يارىتىش ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشنىڭ نەقەدەر ئاسانلىقىنىڭ يارقىن ئالامىتىدۇر. info

• إنزال الماء وإنبات الأرض والنار التي ينتفع بها الناس نعم تقتضي من الناس شكرها لله، فالله قادر على سلبها متى شاء.
يامغۇر ياغدۇرۇش، زېمىننى كۆكەرتىش ۋە ئىنسانلار پايدىلىنىدىغان ئوتلارنى (يارىتىش) قاتارلىقلار ئىنسانلارنىڭ ئاللاھقا شۈكرى قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان نېئمەتلەردۇر. چۈنكى ئاللاھ خالىغان ۋاقىتتا ئۇ نېئمەتلەرنى تارتىۋېلىشقىمۇ قادىردۇر. info

• الاعتقاد بأن للكواكب أثرًا في نزول المطر كُفْرٌ، وهو من عادات الجاهلية.
يامغۇرنىڭ يېغىشىدا يۇلتۇزلارنىڭ تەسىرى بار دەپ ئېتىقاد قىلىش كۇپۇرلۇق بولۇپ، ئۇ جاھىلىيەتنىڭ ئادەتلىرىدىندۇر. info

external-link copy
77 : 56

إِنَّهُۥ لَقُرۡءَانٞ كَرِيمٞ

ئەي ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقىنى ئۇلۇغ قۇرئاندۇركى، ئۇنىڭدا كاتتا مەنپەئەتلەر باردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
78 : 56

فِي كِتَٰبٖ مَّكۡنُونٖ

ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرى كۆرەلمەيدىغان كىتاب، يەنى لەۋھۇلمەھپۇزغا (پۈتۈلگەندۇر). info
التفاسير:

external-link copy
79 : 56

لَّا يَمَسُّهُۥٓ إِلَّا ٱلۡمُطَهَّرُونَ

ئۇنى پەقەت گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ۋە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك بولغان پەرىشتىلەرلا تۇتالايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
80 : 56

تَنزِيلٞ مِّن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

ئۇ پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغاندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
81 : 56

أَفَبِهَٰذَا ٱلۡحَدِيثِ أَنتُم مُّدۡهِنُونَ

ئەي مۇشرىكلار! سىلەر مۇشۇ قۇرئانغا ئىشەنمەي، ئىنكار قىلامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
82 : 56

وَتَجۡعَلُونَ رِزۡقَكُمۡ أَنَّكُمۡ تُكَذِّبُونَ

ئاللاھنىڭ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئىنكار قىلىپ، يامغۇرنىڭ يېغىشىنى پېتىش ئالدىدىكى يۇلتۇزغا مەنسۇپ قىلىپ: بىز پالان ۋە پۇستان يۇلتۇز سەۋەبىدىن يامغۇر ياغدۇرۇلدۇق، دەمسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
83 : 56

فَلَوۡلَآ إِذَا بَلَغَتِ ٱلۡحُلۡقُومَ

جان ھەلقۇمغا كەلگەندە سىلەر (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەرغۇ!؟ info
التفاسير:

external-link copy
84 : 56

وَأَنتُمۡ حِينَئِذٖ تَنظُرُونَ

ئاشۇ چاغدا سىلەر كۆز ئالدىڭلاردا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان كىشىگە قاراپ تۇرىسىلەر، (يەنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قولۇڭلاردىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ). info
التفاسير:

external-link copy
85 : 56

وَنَحۡنُ أَقۡرَبُ إِلَيۡهِ مِنكُمۡ وَلَٰكِن لَّا تُبۡصِرُونَ

بىز ئىلمىمىز، قۇدرىتىمىز ۋە پەرىشتىلىرىمىز بىلەن مېيىتلىرىڭلارغا سىلەردىنمۇ يېقىنراقمىز. لېكىن سىلەر ئۇ پەرىشتىلەرنى كۆرەلمەيسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
86 : 56

فَلَوۡلَآ إِن كُنتُمۡ غَيۡرَ مَدِينِينَ

ئەگەر سىلەر ئويلىغىنىڭلاردەك ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلمەيدىغان، ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار، مېيىتىڭلاردىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئاشۇ جاننى نېمىشقا قايتۇرمايسىلەر؟ سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، (قېنى شۇنداق قىلىپ باقمامسىلەر؟). ئۇنداق قىلالمايسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
87 : 56

تَرۡجِعُونَهَآ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

ئەگەر سىلەر ئويلىغىنىڭلاردەك ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلمەيدىغان، ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار، مېيىتىڭلاردىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئاشۇ جاننى نېمىشقا قايتۇرمايسىلەر؟ سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، (قېنى شۇنداق قىلىپ باقمامسىلەر؟). ئۇنداق قىلالمايسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
88 : 56

فَأَمَّآ إِن كَانَ مِنَ ٱلۡمُقَرَّبِينَ

ئەگەر مېيىت ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىرىغۇچىلاردىن بولسا، ئۇنىڭغا ئۆلگەندىن كېيىنلا راھەت، ياخشى رىزىق، رەھمەت ۋە كۆڭلى تارتقان نەرسىدىن بەھرىلىنەلەيدىغان جەننەت بار. info
التفاسير:

external-link copy
89 : 56

فَرَوۡحٞ وَرَيۡحَانٞ وَجَنَّتُ نَعِيمٖ

ئەگەر مېيىت ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىرىغۇچىلاردىن بولسا، ئۇنىڭغا ئۆلگەندىن كېيىنلا راھەت، ياخشى رىزىق، رەھمەت ۋە كۆڭلى تارتقان نەرسىدىن بەھرىلىنەلەيدىغان جەننەت بار. info
التفاسير:

external-link copy
90 : 56

وَأَمَّآ إِن كَانَ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلۡيَمِينِ

ئەگەر مېيىت سائادەتمەنلەردىن بولسا (ئۇلارغا): ئەنسىرىمىگىن. چۈنكى سائادەتمەنلەرگە تىنچ - ئامانلىق بار، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
91 : 56

فَسَلَٰمٞ لَّكَ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلۡيَمِينِ

ئەگەر مېيىت سائادەتمەنلەردىن بولسا (ئۇلارغا): ئەنسىرىمىگىن. چۈنكى سائادەتمەنلەرگە تىنچ - ئامانلىق بار، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
92 : 56

وَأَمَّآ إِن كَانَ مِنَ ٱلۡمُكَذِّبِينَ ٱلضَّآلِّينَ

ئەگەر مېيىت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى، توغرا يولدىن ئازغان گۇمراھلاردىن بولسا، ئۇ يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
93 : 56

فَنُزُلٞ مِّنۡ حَمِيمٖ

ئەگەر مېيىت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى، توغرا يولدىن ئازغان گۇمراھلاردىن بولسا، ئۇ يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
94 : 56

وَتَصۡلِيَةُ جَحِيمٍ

ئۇ جەھەننەمنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرۈلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
95 : 56

إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ حَقُّ ٱلۡيَقِينِ

ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا سۆزلەپ بەرگەن بۇ قىسسە شەكسىز چىن ھەقىقەتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
96 : 56

فَسَبِّحۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلۡعَظِيمِ

ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ بىلگىن، ئۇنى ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• شدة سكرات الموت وعجز الإنسان عن دفعها.
ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، ئىنسان ئۇنى دەپئى قىلىشتىن ئاجىزدۇر. info

• الأصل أن البشر لا يرون الملائكة إلا إن أراد الله لحكمة.
ئىنسانلارنىڭ پەرىشتىلەرنى كۆرەلمەسلىكى ئۆزگەرمەس پىرىنسىپ بولۇپ، ئاللاھ بىرەر ھېكمەت يۈزىسىدىن كۆرسىتىشنى خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. info

• أسماء الله (الأول، الآخر، الظاهر، الباطن) تقتضي تعظيم الله ومراقبته في الأعمال الظاهرة والباطنة.
ئەلئەۋۋەل، ئەلئاخىر، ئەززاھىر ۋە ئەلباتىن قاتارلىقلار ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقى ھەمدە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلارنىڭ ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. info