আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ

مائىدە

ছুৰাৰ উদ্দেশ্য:
الأمر بالوفاء بالعقود، والتحذير من مشابهة أهل الكتاب في نقضها.
ئەھدىگە ۋاپا قىلىشقا بۇيرىدى، ئەھدىنى بۇزۇشتا ئەھلى كىتابقا ئوخشاپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى. info

external-link copy
1 : 5

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَوۡفُواْ بِٱلۡعُقُودِۚ أُحِلَّتۡ لَكُم بَهِيمَةُ ٱلۡأَنۡعَٰمِ إِلَّا مَا يُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ غَيۡرَ مُحِلِّي ٱلصَّيۡدِ وَأَنتُمۡ حُرُمٌۗ إِنَّ ٱللَّهَ يَحۡكُمُ مَا يُرِيدُ

ئى مۆئمىنلەر! سىلەر بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىكى ۋە سىلەر بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى تەكىتلەنگەن ئەھدىلەرنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ۋاپا قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىپ، تۆگە، كالا ۋە قويدىن ئىبارەت چارۋىلارنى ھالال قىلىپ بەردى، پەقەت ھاراملىقى بەلگىلەپ بېرىلگەن چارۋىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. شۇنداقلا سىلەر ھەج-ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەن ۋاقتىڭلاردا قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانلارنى ئوۋلاش ھارام قىلىندى. ھەقىقەتەن ئاللاھ نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ ھېكمىتىگە مۇۋاپىق ھالەتتە ھالال-ھارام قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھنى مەجبۇرلىغۇچى يوق .شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئىتىراز قىلغۇچىمۇ يوق info
التفاسير:

external-link copy
2 : 5

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُحِلُّواْ شَعَٰٓئِرَ ٱللَّهِ وَلَا ٱلشَّهۡرَ ٱلۡحَرَامَ وَلَا ٱلۡهَدۡيَ وَلَا ٱلۡقَلَٰٓئِدَ وَلَآ ءَآمِّينَ ٱلۡبَيۡتَ ٱلۡحَرَامَ يَبۡتَغُونَ فَضۡلٗا مِّن رَّبِّهِمۡ وَرِضۡوَٰنٗاۚ وَإِذَا حَلَلۡتُمۡ فَٱصۡطَادُواْۚ وَلَا يَجۡرِمَنَّكُمۡ شَنَـَٔانُ قَوۡمٍ أَن صَدُّوكُمۡ عَنِ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ أَن تَعۡتَدُواْۘ وَتَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ وَلَا تَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئېھرامدىكى ۋاقتىڭلاردا ئاللاھ چەكلىگەن ۋە سىلەرنى ئۇلۇغلاشقا بۇيرىغان ئىشلارغا دىققەت قىلىڭلار، ئېھراملىق ھالەتتە: يېڭنىدە تېكىلگەن كىيىملەرگە ئوخشاش چەكلەنگەن ئىشلاردىن قول يىغىڭلار، ئوۋ ئوۋلاشقا ئوخشاش ھەرەم دائىرىسىدە چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىڭلار، ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئايلاردا ئۇرۇش قىلىشنى ھالال دەپ قارىماڭلار، ئۇ ئايلار: زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم ۋە رەجەبتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھەرەمدە ئۆلتۈرۈشكە ئېلىپ ماڭغان چارۋىلارنى بۇلاش ۋە ئۆلتۈرۈشنى ھالال دەپ قارىماڭلار، ھەرەمنىڭ ھەدىيەسى دەپ يۇڭ ياكى قىلادە ئېسىپ بەلگە قىلىنغان چارۋىلارنى ھالال سانىماڭلار، ئاللاھنىڭ بەيتىنى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قوشۇمچە تىجارەت قىلىپ مەنپەئەتلىنىشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەرگە چېقىلىشنى ھالال سانىماڭلار. سىلەر ھەج-ئۆمرە پائالىيىتىنى تۈگىتىپ، ھەرەم دائىرىسىدىن چىققاندىن كېيىن خالىساڭلار ئوۋ ئوۋلىساڭلار بولىدۇ، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىك ئۇلارنىڭ سىلەرنى ھەرەم مەسچىتىدىن توسقانلىقىنى سىلەرنى ئۇلار توغرىسىدا زۇلۇم قىلىشقا ۋە ئادىللىق قىلماسلىققا ئېلىپ بارمىسۇن. ئى مۇئمىنلەر! سىلەر بۇيرۇلغان ئىشنى قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشنى تەرك قىلىشتا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىڭلار. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئاسىيلىقتىن يېراق بولۇش بىلەن قورقۇڭلار. ھەقىقەتەن گۇناھكارلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھ بولۇڭلار. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• عناية الله بجميع أحوال الورثة في تقسيم الميراث عليهم.
ئاللاھ تائالا مىراس تەقسىماتىدا ۋارىسلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆرە مىراس تەقسىماتىنى قىلغان. info

• الأصل هو حِلُّ الأكل من كل بهيمة الأنعام، سوى ما خصه الدليل بالتحريم، أو ما كان صيدًا يعرض للمحرم في حجه أو عمرته.
ئەسلىدە ھاراملىقى توغرىسىدا مەخسۇس دەلىل كەلگەن ۋە ھەج-ئۆمرىگە ئېھرام كەيگەن ھالەتتىە ئوۋلىغان چارۋىلاردىن باشقا چارۋىلارنىڭ ھەممىسىنى يېيىش ھالالدۇر. info

• النهي عن استحلال المحرَّمات، ومنها: محظورات الإحرام، والصيد في الحرم، والقتال في الأشهر الحُرُم، واستحلال الهدي بغصب ونحوه، أو مَنْع وصوله إلى محله.
چەكلەنگەن نەرسىلەرنى ھالال ساناشنى توسۇش بۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئېھرام كىيگەندىن كېيىن چەكلىنىدىغان ئىشلار، ھەرەم دائىرىسىدە ئوۋ ئوۋلاش، ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئايلاردا ئۇرۇش قىلىش، ھەرەمگە ئېلىپ ماڭغان ھەدىيىلەرنى بۇلاش ياكى بارىدىغان مەنزىلىگە بېرىشتىن .چەكلەش قاتارلىقلار info