আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ

পৃষ্ঠা নং:close

external-link copy
19 : 44

وَأَن لَّا تَعۡلُواْ عَلَى ٱللَّهِۖ إِنِّيٓ ءَاتِيكُم بِسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٖ

ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنى تەرك ئېتىش ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرىگە چوڭچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار. مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدىم. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 44

وَإِنِّي عُذۡتُ بِرَبِّي وَرَبِّكُمۡ أَن تَرۡجُمُونِ

مەن ھەقىقەتەن ھەممىمىزنىڭ پەرۋەردىگارىغا سىغىنىپ مېنى تاش بوران قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلاردىن پاناھ تىلەيمەن. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 44

وَإِن لَّمۡ تُؤۡمِنُواْ لِي فَٱعۡتَزِلُونِ

مەن ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلەرگە ئىشەنمىسەڭلارمۇ، مەندىن يىراق تۇرۇڭلار، ماڭا يامانلىق قىلماڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 44

فَدَعَا رَبَّهُۥٓ أَنَّ هَٰٓؤُلَآءِ قَوۡمٞ مُّجۡرِمُونَ

مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: شەكسىزكى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇھى دەرھال ئازابلاشقا تېگىشلىك جىنايەتچى قەۋمدۇر، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 44

فَأَسۡرِ بِعِبَادِي لَيۡلًا إِنَّكُم مُّتَّبَعُونَ

شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ مۇسانى كېچىدە قەۋمىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇپ، ئۇنىڭغا پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ ئۇلارنى چوقۇم قوغلاپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 44

وَٱتۡرُكِ ٱلۡبَحۡرَ رَهۡوًاۖ إِنَّهُمۡ جُندٞ مُّغۡرَقُونَ

مۇسا بەنى ئىسرائىل بىلەن بىرلىكتە دېڭىزدىن ئۆتۈپ بولغاندا ئاللاھ تائالا ئۇنى دېڭىزنى (ئىككىگە ئايرىلىپ ئاقماي) تۇرغان پېتى تاشلاپ مېڭىشقا بۇيرۇدى. پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى چوقۇم دېڭىزغا غەرق قىلىنىپ ھالاك قىلىنغۇچىلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 44

كَمۡ تَرَكُواْ مِن جَنَّٰتٖ وَعُيُونٖ

پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى نۇرغۇن باغ - بوستانلارنى ۋە ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 44

وَزُرُوعٖ وَمَقَامٖ كَرِيمٖ

ئۇلار يەنە نۇرغۇن ئېكىنزارلىقلارنى ۋە كۆركەم جايلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 44

وَنَعۡمَةٖ كَانُواْ فِيهَا فَٰكِهِينَ

ئۇلار ھۇزۇر - ھالاۋەت سۈرگەن تۇرمۇشىنىمۇ قالدۇرۇپ كەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 44

كَذَٰلِكَۖ وَأَوۡرَثۡنَٰهَا قَوۡمًا ءَاخَرِينَ

سىلەرگە تەسۋىرلەپ بېرىلگەن ئاشۇنداق ئىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلدى. بىز ئۇلارنىڭ باغ - بوستانلىرى، زىرائەتلىرى ۋە تۇرالغۇلىرىنى باشقىلارغا، يەنى بەنى ئىسرائىلغا بەردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 44

فَمَا بَكَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلسَّمَآءُ وَٱلۡأَرۡضُ وَمَا كَانُواْ مُنظَرِينَ

پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى غەرق قىلىنغان چاغدا ئۇلارغا نە ئاسمان، نە زېمىن يىغلىمىدى. ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشىغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 44

وَلَقَدۡ نَجَّيۡنَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ مِنَ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡمُهِينِ

بىز ھەقىقەتەن بەنى ئىسرائىلنى خارلىغۇچى ئازابتىن قۇتۇلدۇردۇقكى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى تىرىك قالدۇراتتى. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 44

مِن فِرۡعَوۡنَۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَالِيٗا مِّنَ ٱلۡمُسۡرِفِينَ

بىز ئۇلارنى پىرئەۋننىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇردۇق. شەكسىزكى پىرئەۋن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە دىنىدا چەكتىن ئېشىپ، تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلاردىن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 44

وَلَقَدِ ٱخۡتَرۡنَٰهُمۡ عَلَىٰ عِلۡمٍ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ

بىز ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدە كۆپلەپ پەيغەمبەرلەرنى چىقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز زامانىسىدىكى پۈتكۈل جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 44

وَءَاتَيۡنَٰهُم مِّنَ ٱلۡأٓيَٰتِ مَا فِيهِ بَلَٰٓؤٞاْ مُّبِينٌ

بىز ئۇلارغا مۇسانى كۈچەيتكەن دەلىل - پاكىتلارنى بەردۇقكى، ئۇنىڭدا تەرەنجىبىن، بۆدۈنە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاشكارا نېئمەتلەر بار. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 44

إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ لَيَقُولُونَ

ھەقىقەتەن بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: info
التفاسير:

external-link copy
35 : 44

إِنۡ هِيَ إِلَّا مَوۡتَتُنَا ٱلۡأُولَىٰ وَمَا نَحۡنُ بِمُنشَرِينَ

بىزنىڭ ئۆلۈمىمىز پەقەت بىرلا قېتىم بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھاياتلىق بولمايدۇ، بىز مۇشۇ ئۆلگەنچە قايتا تىرىلمەيمىز info
التفاسير:

external-link copy
36 : 44

فَأۡتُواْ بِـَٔابَآئِنَآ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

ئەي مۇھەممەد! ئەگەر سىلەر چوقۇم ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ، دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئەگەشكۈچىلىرىڭ بىلەن بىرلىكتە بىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى تىرىلدۈرۈپ بېقىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 44

أَهُمۡ خَيۡرٌ أَمۡ قَوۡمُ تُبَّعٖ وَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ أَهۡلَكۡنَٰهُمۡۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ مُجۡرِمِينَ

ئەي پەيغەمبەر! سېنى ئىنكار قىلغان بۇ مۇشرىكلار كۈچ - قۇۋۋەتتە ئۈستۈنمۇ ياكى تۇببەئ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمى ئۈستۈنمۇ؟ بىز شۇلارنىمۇ پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن جىنايەتچى قەۋم ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 44

وَمَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا لَٰعِبِينَ

بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتلارنى بىكار ياراتمىدۇق (بەلكى قۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرى سۈپىتىدە ياراتتۇق). info
التفاسير:

external-link copy
39 : 44

مَا خَلَقۡنَٰهُمَآ إِلَّا بِٱلۡحَقِّ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ

بىز ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى پەقەت چوڭقۇر ھېكمەت ئۈچۈن ياراتتۇق. لېكىن مۇشرىكلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇنى بىلمەيدۇ. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• وجوب لجوء المؤمن إلى ربه أن يحفظه من كيد عدوّه.
مۇئمىنلەر دۈشمەنلىرىنىڭ ھىيلە - نەيرەڭلىرىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن پەرۋەردىگارىغا سىغىنىشى كېرەك. info

• مشروعية الدعاء على الكفار عندما لا يستجيبون للدعوة، وعندما يحاربون أهلها.
كاپىرلار دەۋەتنى قوبۇل قىلماي، دەۋەچىلەرگە قارشىلىق كۆرسەتكەن چاغدا ئۇلارغا بەددۇئا قىلىش يوللۇق. info

• الكون لا يحزن لموت الكافر لهوانه على الله.
كاپىرلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھېچ نېمىگە ئەرزىمەيدىغان بولغاچقا، پۈتكۈل كائىنات ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگە قايغۇرمايدۇ. info

• خلق السماوات والأرض لحكمة بالغة يجهلها الملحدون.
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى چوڭقۇر ھېكمەت ئۈچۈن بولۇپ، دىنسىزلار بۇنى بىلمەيدۇ. info