আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ

পৃষ্ঠা নং:close

external-link copy
116 : 3

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَن تُغۡنِيَ عَنۡهُمۡ أَمۡوَٰلُهُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُهُم مِّنَ ٱللَّهِ شَيۡـٔٗاۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ

ھەقىقەتەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلاردىن ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە ئەۋلادلىرى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن بىر نەرسىنى توساپ قالالمايدۇ، ئازابىنى قايتۇرالمايدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى جەلب قىلالمايدۇ، بەلكى ئازاب ۋە ھەسىرەتنى زىيادە قىلىدۇ، ئۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، .دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ info
التفاسير:

external-link copy
117 : 3

مَثَلُ مَا يُنفِقُونَ فِي هَٰذِهِ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا كَمَثَلِ رِيحٖ فِيهَا صِرٌّ أَصَابَتۡ حَرۡثَ قَوۡمٖ ظَلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ فَأَهۡلَكَتۡهُۚ وَمَا ظَلَمَهُمُ ٱللَّهُ وَلَٰكِنۡ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ

ئاشۇ كاپىرلارنىڭ ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ ساۋابىنى كۈتىۋاتقان نەپىقىلىرىنىڭ مىسالى، گۇناھ-مەسىيەت بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بىر قەۋمنىڭ كۆپ ياخشىلىقىنى كۈتىۋاتقان زىرائەتلىرىگە يېتىپ، ئۇ زىرائەتلەرنى نابۇت قىلىۋەتكەن، قاتتىق سوغۇق شامالغا ئوخشاش بولۇپ شامال زىرائەتلىرىنى نابۇت قىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنەلمىگەن، ئاشۇنىڭغا ئوخشاش كاپىرلارمۇ مەنپەئەتىنى ئۈمىت قىلىۋاتقان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى بىكار قىلىۋىتىدۇ. بۇ ئىشتا ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار ئاللاھغا كاپىر بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
118 : 3

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَّخِذُواْ بِطَانَةٗ مِّن دُونِكُمۡ لَا يَأۡلُونَكُمۡ خَبَالٗا وَدُّواْ مَا عَنِتُّمۡ قَدۡ بَدَتِ ٱلۡبَغۡضَآءُ مِنۡ أَفۡوَٰهِهِمۡ وَمَا تُخۡفِي صُدُورُهُمۡ أَكۡبَرُۚ قَدۡ بَيَّنَّا لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِۖ إِن كُنتُمۡ تَعۡقِلُونَ

ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر! مۆمىنلەردىن باشقىنى سىلەرنىڭ سىرلىرىڭلارنى بىلىدىغان ۋە ھەممە ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەردار بولىدىغان يېقىن-سىرداش دوست تۇتىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە زىيان يەتكۈزۈش ۋە ئەھۋالىڭلارنى بۇزۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىدۇ، سىلەرگە زىيان يېتىشنى ۋە ئىشلىرىڭلارنىڭ قىيىن بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار تىللىرى ئارقىلىق سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا تەنە قىلىش، ئاراڭلارغا ئاداۋەت سېلىش ۋە سىرلىرىڭلارنى پاش قىلىش ئارقىلىق دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارا قىلىدۇ، كۆڭلىگە يوشۇرغان ئۆچمەنلىكى بۇنىڭدىنمۇ كاتتىدۇر. ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئايەتلەرگە ئەقلىڭلارنى ئىشلەتسەڭلار، ئۇنىڭدا دۇنيا-ئاخىرەتتە سىلەرگە پايدىلىق .بولغان روشەن ھۆججەتلەرنى بايان قىلىپ بەردۇق info
التفاسير:

external-link copy
119 : 3

هَٰٓأَنتُمۡ أُوْلَآءِ تُحِبُّونَهُمۡ وَلَا يُحِبُّونَكُمۡ وَتُؤۡمِنُونَ بِٱلۡكِتَٰبِ كُلِّهِۦ وَإِذَا لَقُوكُمۡ قَالُوٓاْ ءَامَنَّا وَإِذَا خَلَوۡاْ عَضُّواْ عَلَيۡكُمُ ٱلۡأَنَامِلَ مِنَ ٱلۡغَيۡظِۚ قُلۡ مُوتُواْ بِغَيۡظِكُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ

ئى مۆئمىنلەر! سىلەر ئاشۇ قەۋمنى ياخشى كۆرىسىلەر، ياخشىلىقنى ئۈمىت قىلىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ، سىلەرگە ياخشىلىقنى ئۈمىت قىلمايدۇ، بەلكى سىلەرنى ئۆچ كۆرۈدۇ، سىلەر كىتابلارنىڭ ھەممىسىگە ۋە ئۇلارنىڭ كىتابىغىمۇ ئىمان ئېيتتىڭلار، ھالبۇكى ئۇلار سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلارغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىشەنمەيدۇ. سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، تىلىنىڭ ئۇچىدا سىلەرگە ئىشەندۇق دەيدۇ، بەزىسى بەزىسى بىلەن يالغۇز قالغاندا، سىلەرنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىغىڭلارغا ۋە ئىسلامنىڭ كۈچلىنىشىگە چىدىماي، ئۆزلىرى خارلىق، ئاھانەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئاچچىقتىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئۆلگۈچە ئاچچىق يۇتقان ھالەتتە بولۇڭلار. ئاللاھنىڭ ئىنسانلار قەلبىدىكى ئىمان، كۇپىر، ياخشىلىق ۋە يامانلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىشىدە ھېچ شۈبھە يوقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
120 : 3

إِن تَمۡسَسۡكُمۡ حَسَنَةٞ تَسُؤۡهُمۡ وَإِن تُصِبۡكُمۡ سَيِّئَةٞ يَفۡرَحُواْ بِهَاۖ وَإِن تَصۡبِرُواْ وَتَتَّقُواْ لَا يَضُرُّكُمۡ كَيۡدُهُمۡ شَيۡـًٔاۗ إِنَّ ٱللَّهَ بِمَا يَعۡمَلُونَ مُحِيطٞ

ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە دۈشمەنلەرگە غالىپ كىلىش بىلەن غەلبە-نۇسرەت يەتسە ياكى مال-دۇنيا، پەرزەنتىڭلار كۆپەيسە، ئۇلارغا غەم-قايغۇ يېتىدۇ، ئەگەر سىلەرگە دۈشمەنلەردىن مەغلۇبىيەت يەتسە ياكى مال-دۇنيا، پەرزەنتلىرىڭلار كىمەيسە، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇرسەن بولىدۇ، سىلەرگە دەشنام قىلىدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرىقى ۋە تەقدىرىگە سەۋىر قىلساڭلار، غەزىۋىدىن ساقلانساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىلە-مىكىر، ئەزىيەتلىرىنىڭ سىلەرگە زېيىنى بولمايدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ .ھىلە-مىكرىنى بەربات قىلغۇچىدۇر ۋە خارلىققا قايتۇرغۇچىدۇر info
التفاسير:

external-link copy
121 : 3

وَإِذۡ غَدَوۡتَ مِنۡ أَهۡلِكَ تُبَوِّئُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ مَقَٰعِدَ لِلۡقِتَالِۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئوھۇد ئۇرۇشى بولغاندا مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مەدىنىدىن ئەتتىگەندە چىققان ۋاقتىڭدىكى ئەھۋالنى ئەسلىگىن، مۆئمىنلەرنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇردۇڭ، ھەر بىرىنىڭ تۇرىدىغان ئورنىنى بەلگىلەپ بەردىڭ، ئاللاھ سىلەرنىڭ .سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىغۇچىدۇر ۋە قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلگۈچىدۇر info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• نَهْي المؤمنين عن موالاة الكافرين وجَعْلهم أَخِلّاء وأصفياء يُفْضَى إليهم بأحوال المؤمنين وأسرارهم.
مۆمىنلەر كاپىرلارنى دوست تۇتۇش، ئۇلارنى يېقىن سىرداش بىلىپ مۆئمىنلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە سىرلىرىنى ئىچىپ بېرىشتىن چەكلەندى. info

• من صور عداوة الكافرين للمؤمنين فرحهم بما يصيب المؤمنين من بلاء ونقص، وغيظهم إن أصابهم خير.
كاپىرلارنىڭ مۆئمىنلەرنى ئۆچ كۆرۈشىنىڭ شەكىللىرىدىن بىرى: مۆئمىنلەرگە بالا-مۇسىيبەت ۋە قېيىنچىلىق يەتسە خۇرسەن بولىدۇ، ئۇلارغا بىرەر .ياخشىلىق يەتسە ئاچچىق يۇتۇپ ھەسرەت چېكىدۇ. info

• الوقاية من كيد الكفار ومكرهم تكون بالصبر وعدم إظهار الخوف، ثم تقوى الله والأخذ بأسباب القوة والنصر.
كاپىرلارنىڭ ھىلە-مىكىر، ئالدامچىلىقىدىن ساقلىنىش سەۋىرچانلىق ۋە قورقۇنچىنى ئاشكارا قىلماسلىق، ئاندىن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىپ غەلبە .ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ سەۋەبلىرىنى لازىم تۇتۇش بىلەن بولىدۇ info