আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ

পৃষ্ঠা নং:close

external-link copy
13 : 20

وَأَنَا ٱخۡتَرۡتُكَ فَٱسۡتَمِعۡ لِمَا يُوحَىٰٓ

ئى مۇسا! مەن سېنى ئەلچىلىكىمنى يەتكۈزۈشكە تاللىدىم، ساڭا قىلىنغان ۋەھىيگە قۇلاق سالغىن. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 20

إِنَّنِيٓ أَنَا ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّآ أَنَا۠ فَٱعۡبُدۡنِي وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ لِذِكۡرِيٓ

مەن ھەقىقەتەن ئىبادەتكە لايىق ئاللاھدۇرمەن، مەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوق، يالغۇز ماڭا ئىبادەت قىلغىن. مېنى زىكىر قېلىش ئۈچۈن نامازنى مۇكەممەل شەكىلدە ئادا قىلغىن. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 20

إِنَّ ٱلسَّاعَةَ ءَاتِيَةٌ أَكَادُ أُخۡفِيهَا لِتُجۡزَىٰ كُلُّ نَفۡسِۭ بِمَا تَسۡعَىٰ

ھەقىقەتەن قىيامەت شەكسىز بولىدۇ، ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى مەخلۇقلاردىن ھېچ كىشى بىلمەيدىغان دەرىجىدە مەخپى تۇتتۇم، لېكىن ئۇلار قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى پەيغەمبەرنىڭ خەۋەر بېرىشى ئارقىلىق بىلىدۇ. قىيامەتتە ھەر بىر ئىنسان ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن قىلغان ئەمىلى بويىچە جازالىنىدۇ ياكى مۇكاپاتلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 20

فَلَا يَصُدَّنَّكَ عَنۡهَا مَن لَّا يُؤۡمِنُ بِهَا وَٱتَّبَعَ هَوَىٰهُ فَتَرۡدَىٰ

كاپىرلاردىن بولغان قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغان، چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشتا نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىدىغان، شۇنىڭ سەۋەبىدىن ھالاك بولۇپ كېتىدىغان كىشىلەر سېنى قىيامەتنى تەستىقلاشتىن ۋە ياخشى .ئەمەللەر بىلەن ئۇنىڭغا تەييارلىق قېلىشتىن توسۇپ قويمىسۇن info
التفاسير:

external-link copy
17 : 20

وَمَا تِلۡكَ بِيَمِينِكَ يَٰمُوسَىٰ

.ئى مۇسا ئوڭ قولۇڭدىكى ئاۋۇ نېمە نەرسە ئۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
18 : 20

قَالَ هِيَ عَصَايَ أَتَوَكَّؤُاْ عَلَيۡهَا وَأَهُشُّ بِهَا عَلَىٰ غَنَمِي وَلِيَ فِيهَا مَـَٔارِبُ أُخۡرَىٰ

مۇسا ئەلەيھىسسالام: ئۇ مېنىڭ ھاسام، مانغاندا ئۇنىڭغا تايىنىمەن، قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىش ئۈچۈن دەرەخ قاقىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىشلاردا پايدىلىنىمەن. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 20

قَالَ أَلۡقِهَا يَٰمُوسَىٰ

.ئاللاھ تائالا: ئى مۇسا! ئۇنى تاشلىغىن دېدى info
التفاسير:

external-link copy
20 : 20

فَأَلۡقَىٰهَا فَإِذَا هِيَ حَيَّةٞ تَسۡعَىٰ

مۇسا ئۇنى تاشلىدى، ئۇ ناھايتى يەڭگىل ۋە تېز كېتىۋاتقان بىر يىلانغا .ئۆزگەردى info
التفاسير:

external-link copy
21 : 20

قَالَ خُذۡهَا وَلَا تَخَفۡۖ سَنُعِيدُهَا سِيرَتَهَا ٱلۡأُولَىٰ

ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: ھاساڭنى تۇتقىن، ئۇنىڭ يىلانغا ئايلانغانلىقىدىن قورقمىغىن، ئۇنى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ھاسىلىق ھالىتىگە .قايتۇرىمىز دېدى info
التفاسير:

external-link copy
22 : 20

وَٱضۡمُمۡ يَدَكَ إِلَىٰ جَنَاحِكَ تَخۡرُجۡ بَيۡضَآءَ مِنۡ غَيۡرِ سُوٓءٍ ءَايَةً أُخۡرَىٰ

قولۇڭنى قولتۇقۇڭنىڭ ئاستىغا سالغىن، ئاندىن ئۇ ئاق كېسەل بولماستىن ئاپپاق ۋە نۇرلۇق ھالەتتە چېقىدۇ، بۇ سېنىڭ ئىككىنچى مۆجىزەڭدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 20

لِنُرِيَكَ مِنۡ ءَايَٰتِنَا ٱلۡكُبۡرَى

ئى مۇسا ساڭا بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى بىلدۈرىدىغان چوڭ مۆجىزىلىرىمىزنى كۆرسۈتۈش ئۈچۈن بۇ ئىككى ئالامەتنى كۆرسەتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 20

ٱذۡهَبۡ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ

ئى مۇسا! پىرئەۋننىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن كۇپۇرلىقتا ۋە .ئاللاھقا گەردەنكەشلىك قىلىشتا بەك ھەددىدىن ئاشتى info
التفاسير:

external-link copy
25 : 20

قَالَ رَبِّ ٱشۡرَحۡ لِي صَدۡرِي

مۇسا ئەلەيسھىسسالام: پەرۋەردىگارىم! ئەزىيەتلەرنى كۆتۈرەلىگۈدەك .مېنىڭ كۆڭۈل-كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن دېدى info
التفاسير:

external-link copy
26 : 20

وَيَسِّرۡ لِيٓ أَمۡرِي

.مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن info
التفاسير:

external-link copy
27 : 20

وَٱحۡلُلۡ عُقۡدَةٗ مِّن لِّسَانِي

.مېنى سۆزنى چۈشۈنۈشلۈك بايان قىلىشقا قادىر قىلغىن info
التفاسير:

external-link copy
28 : 20

يَفۡقَهُواْ قَوۡلِي

سېنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپەڭنى يەتكۈزگۈنۈمدە مېنىڭ سۆزۈمنى .چۈشەنسۇن info
التفاسير:

external-link copy
29 : 20

وَٱجۡعَل لِّي وَزِيرٗا مِّنۡ أَهۡلِي

ماڭا ئائىلەمدىن مېنىڭ ئىشلىرىمغا ياردەم بېرىدىغان بىر ياردەمچى تەيىن قىلغىن. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 20

هَٰرُونَ أَخِي

قېرىندىشىم ھارۇن ئىبنى ئىمراننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 20

ٱشۡدُدۡ بِهِۦٓ أَزۡرِي

ئۇنىڭ بىلەن مېنى كۇچلاندۇرغىن info
التفاسير:

external-link copy
32 : 20

وَأَشۡرِكۡهُ فِيٓ أَمۡرِي

مېنىڭ ئەلچىلىك ئىشىمدا ئۇنى ماڭا ياردەمچى قىلغىن info
التفاسير:

external-link copy
33 : 20

كَيۡ نُسَبِّحَكَ كَثِيرٗا

بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 20

وَنَذۡكُرَكَ كَثِيرًا

ساڭا كۆپ زىكىر ئېيتقايمىز info
التفاسير:

external-link copy
35 : 20

إِنَّكَ كُنتَ بِنَا بَصِيرٗا

سەن ھەقىقەتەن بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن، بىزنىڭ ئىشىمىزدىن ھېچ .نەرسە ساڭا مەخپى قالمايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
36 : 20

قَالَ قَدۡ أُوتِيتَ سُؤۡلَكَ يَٰمُوسَىٰ

ئاللاھ تائالا: ئى مۇسا! سەن تەلەپ قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بېرىلدى، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 20

وَلَقَدۡ مَنَنَّا عَلَيۡكَ مَرَّةً أُخۡرَىٰٓ

.ھەقىقەتەن ساڭا يەنە بىر قېتىم نېئمەت بەرگەن ئىدۇق info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• وجوب حسن الاستماع في الأمور المهمة، وأهمها الوحي المنزل من عند الله.
مۇھىم ئىشلارغا چېرايلىق قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش زۆرۈر بولىدۇ، بۇنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل بولغان ۋەھيىدۇر. info

• اشتمل أول الوحي إلى موسى على أصلين في العقيدة وهما: الإقرار بتوحيد الله، والإيمان بالساعة (القيامة)، وعلى أهم فريضة بعد الإيمان وهي الصلاة.
مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى قېلىنغان ۋەھيى ئەقىدىدىكى ئاساسلىق ئىككى مۇھىم ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرى: ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىقرار قىلىش، يەنە بىرى: قىيامەتكە ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىمان ئېيتقاندىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم پەرز نامازدۇر. info

• التعاون بين الدعاة ضروري لإنجاح المقصود؛ فقد جعل الله لموسى أخاه هارون نبيَّا ليعاونه في أداء الرسالة.
دەۋەتچىلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مەقسەتنى ئەمەلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈردۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭ ئەلچىلىك مەسئۇلىتىنى ئادا قىلىشقا ياردەم .بېرىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلدى info

• أهمية امتلاك الداعية لمهارة الإفهام للمدعوِّين.
دەۋەت قىلغۇچىنىڭ دەۋەت قېلىنغۇچىلارغا سۆزنى چۈشەندۈرۈش .ماھارىتىگە ئىگە بولىشى ئىنتايىن مۇھىم info