আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ

قارىئە

ছুৰাৰ উদ্দেশ্য:
قرع القلوب لاستحضار هول القيامة وأحوال الناس في موازينها.
قىيامەتنىڭ دەھشىتى، مىزاندا ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن دىللارنى چېكىش info

external-link copy
1 : 101

ٱلۡقَارِعَةُ

قورقۇنچىسىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان ۋاقىت، info
التفاسير:

external-link copy
2 : 101

مَا ٱلۡقَارِعَةُ

قورقۇنچىسىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان بۇ قايسى ۋاقىت؟ info
التفاسير:

external-link copy
3 : 101

وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا ٱلۡقَارِعَةُ

ئەي پەيغەمبەر! قورقۇنچىسىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان بۇ ۋاقىتنىڭ نېمىلىكىنى سەن قانداق بىلىسەن؟ شەكسىزكى ئۇ قىيامەت كۈنىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 101

يَوۡمَ يَكُونُ ٱلنَّاسُ كَٱلۡفَرَاشِ ٱلۡمَبۡثُوثِ

ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرى لەرزىگە كېلىدىغان كۈندە ئىنسانلار بەئەينى ئۇ يەر، بۇ يەرلەرگە تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىلەردەك بوپكېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 101

وَتَكُونُ ٱلۡجِبَالُ كَٱلۡعِهۡنِ ٱلۡمَنفُوشِ

تاغلار مېڭىشى ۋە ھەرىكىتىنىڭ يەڭگىللىكىدە خۇددى ئېتىلغان يۇڭدەك بوپكېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 101

فَأَمَّا مَن ثَقُلَتۡ مَوَٰزِينُهُۥ

ياخشى ئەمەللىرى يامان ئەمەللىرىنى بېسىپ چۈشكەن كىشىگە كەلسەك، info
التفاسير:

external-link copy
7 : 101

فَهُوَ فِي عِيشَةٖ رَّاضِيَةٖ

ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ، بۇ تۇرمۇشقا جەننەتتە ئېرىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 101

وَأَمَّا مَنۡ خَفَّتۡ مَوَٰزِينُهُۥ

يامان ئەمەللىرى ياخشى ئەمەللىرىنى بېسىپ چۈشكەن ئادەمگە كەلسەك، info
التفاسير:

external-link copy
9 : 101

فَأُمُّهُۥ هَاوِيَةٞ

ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى تۇرىدىغان جايى جەھەننەم بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 101

وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا هِيَهۡ

ئەي پەيغەمبەر! ھاۋىيەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلىسەن؟ info
التفاسير:

external-link copy
11 : 101

نَارٌ حَامِيَةُۢ

ئۇ ھارارىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئوتتۇر. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• خطر التفاخر والتباهي بالأموال والأولاد.
مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقىلار بىلەن كۆز - كۆز قىلىشىش خەتەرلىكتۇر. info

• القبر مكان زيارة سرعان ما ينتقل منه الناس إلى الدار الآخرة.
قەبرە بىر زىيارەتگاھدۇركى، ئىنسانلار ئۇنىڭدىن ناھايىتى تېزلا ئاخىرەت ھاياتىغا يۆتكىلىدۇ. info

• يوم القيامة يُسْأل الناس عن النعيم الذي أنعم به الله عليهم في الدنيا.
قىيامەت كۈنى ئىنسانلار ئاللاھ بۇ دۇنيادا ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلەر ھەققىدە سوراق قىلىنىدۇ. info

• الإنسان مجبول على حب المال.
ئىنسان مال - دۇنيانى ياخشى كۆرىدىغان خاراكتېر بىلەن يارىتىلغان. info