আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ

يۇنۇس

ছুৰাৰ উদ্দেশ্য:
تقرير النبوة بالأدلة، ودعوة المكذبين للإيمان مع تهديدهم بالعذاب.
پەيغەمبەرلىكنى دەلىللەر بىلەن بېكىتىش، ھەقىقەتكە ئىشەنمىگەنلەرنى ئازاب بىلەن تەھدىد قىلىش بىلەن بىرگە ئىمانغا دەۋەت قىلىش. info

external-link copy
1 : 10

الٓرۚ تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡحَكِيمِ

ئەلىف، لام، را. ئىلگىرى سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا بۇنىڭغا ئوخشاش (مۇتەشابىھ ئايەتلەر) ھەققىدە سۆزلىنىپ بولدى. بۇ سۈرىدە تىلاۋەت قىلىنغان ئايەتلەر ھېكمەت ۋە ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مەنالىرى ئېنىق قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 10

أَكَانَ لِلنَّاسِ عَجَبًا أَنۡ أَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ رَجُلٖ مِّنۡهُمۡ أَنۡ أَنذِرِ ٱلنَّاسَ وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنَّ لَهُمۡ قَدَمَ صِدۡقٍ عِندَ رَبِّهِمۡۗ قَالَ ٱلۡكَٰفِرُونَ إِنَّ هَٰذَا لَسَٰحِرٞ مُّبِينٌ

بىزنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئادەمنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇپ ۋەھيى نازىل قىلغانلىقىمىز ئۇلارنىڭ ئەجەپلىنىشىگە سەۋەب بولدىمۇ؟! ئى پەيغەمبەر! مۆئمىنلەرگە پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇلار ئىلگىرى قىلغان ياخشى ئەمىلىنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە يۈكسەك مەرتىۋە بار ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان نەرسە بىلەن خەۋەر بەرگىن. كاپىرلار: بۇ ئايەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن بۇ ئادەم ئاشكارا سېھرىگەردۇر، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 10

إِنَّ رَبَّكُمُ ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ يُدَبِّرُ ٱلۡأَمۡرَۖ مَا مِن شَفِيعٍ إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ إِذۡنِهِۦۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمۡ فَٱعۡبُدُوهُۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ

ئى ھەيران قالغان كىشىلەر! شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار كاتتا ئاسمانلارنى، كەڭرى زېمىنلارنى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق ئورۇن ئالغان ئاللاھتۇر. ئىش ئۇنداقكەن، ئاللاھنىڭ ئىچىڭلاردىن بىر ئادەمنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىگە قانداقمۇ ھەيران قالىسىلەر؟!. ئۇ، ئۆز شانۇ-شەۋكىتىدە يالغۇز ھۆكۈم چىقىرىدىغان ۋە تەقدىر قىلىدىغان زاتتۇر. بىرەر ئادەمنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقى ۋە ئىزنى بولماستىن شاپائەت قىلىش ھوقۇقى يوق. بۇ سۈپەتكە ئىگە بولغان زات ئاللاھتۇر. ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار. بۇ پاكىت ۋە ھۆججەتلەردىن ئاللاھنىڭ يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىگە ۋەز نەسىھەت ئالمامسىلەر؟، كىمكى ئازراقلا ۋەز نەسىھەت ئالىدىكەن بۇنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 10

إِلَيۡهِ مَرۡجِعُكُمۡ جَمِيعٗاۖ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقًّاۚ إِنَّهُۥ يَبۡدَؤُاْ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥ لِيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ بِٱلۡقِسۡطِۚ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَهُمۡ شَرَابٞ مِّنۡ حَمِيمٖ وَعَذَابٌ أَلِيمُۢ بِمَا كَانُواْ يَكۡفُرُونَ

قىيامەت كۈنى قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ جازا-مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. ئاللاھ ئىنسانىيەتكە بۇنى ۋەدە قىلدى، ئۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئاللاھ بۇنىڭغا قادىردۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە ئۆرنەكسىز ياراتقان ئاندىن ئۆلگەندىن كېيىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە ياخشىلىقلىرىنى كەمەيتمەي، يامانلىقلىرىنى كۆپەيتمەي ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتىنى بېرىش ئۈچۈن قايتىدىن تىرىلدۈرىدۇ. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارنىڭ ئۇسسۇزلىقى ئۈچۈن، ھارارىتىنىڭ قاتتىقلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئۈچەيلىرىنى ئۈزىۋېتىدىغان سۇ بېرىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان سەۋەبلىك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 10

هُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ ٱلشَّمۡسَ ضِيَآءٗ وَٱلۡقَمَرَ نُورٗا وَقَدَّرَهُۥ مَنَازِلَ لِتَعۡلَمُواْ عَدَدَ ٱلسِّنِينَ وَٱلۡحِسَابَۚ مَا خَلَقَ ٱللَّهُ ذَٰلِكَ إِلَّا بِٱلۡحَقِّۚ يُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ

ئاللاھ قۇياشنى نۇر چاچقۇچى، ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى. ئى كىشىلەر! سىلەرنىڭ قۇياش بىلەن كۈنلەرنىڭ سانىنى، ئاي بىلەن ئايلار ۋە يىللارنىڭ سانىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن ئايغا 28 مەنزىلنى بەلگىلىدى. مەنزىل بولسا ئاي بىر كېچە-كۈندۈزدە بېسىپ ئۆتىدىغان مۇساپىنى كۆرسىتىدۇ. ئاسمان ۋە زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى مەخلۇقاتلارنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە كاتتىلىقىنى ئىنسانىيەتكە نامايەن قىلىش ئۈچۈن ياراتتى. بۇ ئاشكارا دەلىل ۋە پاكىتلار بىلگەن قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانىلىقى ۋە كامالىي قۇدرىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 10

إِنَّ فِي ٱخۡتِلَٰفِ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَمَا خَلَقَ ٱللَّهُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَّقُونَ

ھەقىقەتەن بەندىلەرگە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ ئالمىشىپ تۇرىشىدا، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بۇ ئىككىسىنىڭ يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلىقىدا، ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ قىسقارسا يەنە بىرىنىڭ ئۇزىرىشىدا، ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى مەخلۇقاتلاردا، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورۇققان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىللەر بار. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• إثبات نبوة النبي صلى الله عليه وسلم وأن إرساله أمر معقول لا عجب فيه .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلاش، ئۇنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن، ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەستۇر. info

• خلق السماوات والأرض ومن فيهما، وتدبير الأمر، وتقدير الأزمان واختلاف الليل والنهار كلها آيات عظيمة دالة على ألوهية الله سبحانه.
ئاسمان-زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىشى، ئىشلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى، كېچە-كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرىشى ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقتا يېگانە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كاتتا مۆجىزىلەردۇر. info

• الشفاعة يوم القيامة لا تكون إلا لمن أذن له الله، ورضي قوله وفعله.
قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىش ھوقۇقى پەقەت ئاللاھ ئىزنى قىلغان، سۆزى ۋە ئىش ھەرىكىتىدىن رازى بولغان كىشى ئۈچۈن بېرىلىدۇ. info

• تقدير الله عز وجل لحركة الشمس ولمنازل القمر يساعد على ضبط التاريخ والأيام والسنين.
ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن قۇياشنىڭ ھەرىكىتى، ئاينىڭ ئۆز مەنزىلىدە ئولتۇرىشى قاتارلىقلار يىل ۋە كۈنلەرنىڭ تارىخىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. info