قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

بەت نومۇرى:close

external-link copy
143 : 6

ثَمَٰنِيَةَ أَزۡوَٰجٖۖ مِّنَ ٱلضَّأۡنِ ٱثۡنَيۡنِ وَمِنَ ٱلۡمَعۡزِ ٱثۡنَيۡنِۗ قُلۡ ءَآلذَّكَرَيۡنِ حَرَّمَ أَمِ ٱلۡأُنثَيَيۡنِ أَمَّا ٱشۡتَمَلَتۡ عَلَيۡهِ أَرۡحَامُ ٱلۡأُنثَيَيۡنِۖ نَبِّـُٔونِي بِعِلۡمٍ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

ئاللاھ سىلەرگە سەككىز تۈرلۈك چاھارپاينى يارىتىپ بەردى: قويدىن بىر جۈپ: قوچقار ۋە ساغلىق، ئۆچكىدىن بىر جۈپ: تېكە ۋە ئۇرغاچى. ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ قوي بىلەن ئۆچكىدىن ئىككى ئەركەكنى ئەركەك بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار: ھەئە دېسە ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر نېمىشقا چىشىلىرىنى ھارام قىلىسىلەر؟ ياكى ئاللاھ ئىككى چىشىنى چىشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار: شۇنداق دېسە ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر نېمىشقا ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلىسىلەر؟ ياكى ئاللاھ ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنى قورساقتا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار: ھەئە دېسە ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر نېمىشقا ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنىڭ بىر قېتىم ئەركىكىنى، يەنە بىر قېتىم چىشىسىنى ھارام قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئايرىيسىلەر؟ ئەي مۇشرىكلار! ئەگەر بۇ نەرسىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن ھارام قىلىنغان دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، قېنى سىلەر ئاساسلانغان توغرا ئىلىمنى دەپ .بېقىڭلار؟ info
التفاسير:

external-link copy
144 : 6

وَمِنَ ٱلۡإِبِلِ ٱثۡنَيۡنِ وَمِنَ ٱلۡبَقَرِ ٱثۡنَيۡنِۗ قُلۡ ءَآلذَّكَرَيۡنِ حَرَّمَ أَمِ ٱلۡأُنثَيَيۡنِ أَمَّا ٱشۡتَمَلَتۡ عَلَيۡهِ أَرۡحَامُ ٱلۡأُنثَيَيۡنِۖ أَمۡ كُنتُمۡ شُهَدَآءَ إِذۡ وَصَّىٰكُمُ ٱللَّهُ بِهَٰذَاۚ فَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا لِّيُضِلَّ ٱلنَّاسَ بِغَيۡرِ عِلۡمٍۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ

ئاللاھ سىلەرگە يارىتىپ بەرگەن سەككىز تۈرلۈك چاھارپاينىڭ قېپقالغىنى تۆگىدىن بىر جۈپ، كالىدىن بىر جۈپتۇر. ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ چاھارپايلار ئىچىدىن ئىككى ئەركەكنى ئەركەك بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنى چىشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى بوتىلاق بىلەن موزاي ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ئەي مۇشرىكلار! بولمىسا سىلەر دەۋا قىلغىنىڭلاردەك ئاللاھ بۇ چاھارپايلار ئىچىدىن سىلەر ھارام دەپ بىلگىنىڭلارنىڭ ھاراملىقىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلغان يەردە بارمىدىڭلار؟ كىشىلەرنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇپ، ئۇ ھارام قىلمىغان نەرسىلەرنىمۇ ھارام قىلغانلىقنى ئۇنىڭغا نىسبەت بەرگەن كىشىدىنمۇ زالىم ۋە گۇناھكار بىرى بارمۇ؟ شەكسىزكى ئاللاھ تائالا زالىملارنى ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغانلىقلىرى ئۈچۈن توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
145 : 6

قُل لَّآ أَجِدُ فِي مَآ أُوحِيَ إِلَيَّ مُحَرَّمًا عَلَىٰ طَاعِمٖ يَطۡعَمُهُۥٓ إِلَّآ أَن يَكُونَ مَيۡتَةً أَوۡ دَمٗا مَّسۡفُوحًا أَوۡ لَحۡمَ خِنزِيرٖ فَإِنَّهُۥ رِجۡسٌ أَوۡ فِسۡقًا أُهِلَّ لِغَيۡرِ ٱللَّهِ بِهِۦۚ فَمَنِ ٱضۡطُرَّ غَيۡرَ بَاغٖ وَلَا عَادٖ فَإِنَّ رَبَّكَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىلەر ئىچىدە تۆۋەندىكىلەردىن باشقا ھېچنەرسىنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىنى بىلمەيمەن. بۇ ھارام قىلىنغان نەرسىلەر: بوغۇزلىماستىن ئۆزىچە ئۆلۈپ قالغان چاھارپايلار ياكى ئېقىپ چىققان قان ياكى چوشقا گۆشى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار نىجىستۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارمۇ ھارام بولۇپ، بۇلار مۇشرىكلارنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ بوغۇزلانغان نەرسىلەرگە ئوخشاشتۇر. كىمكى قاتتىق ئاچلىقتىن مۇشۇ ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېيىشكە مەجبۇر بوپقالسا، كۆڭلى تارتىپ، يېيىشتىن ھۇزۇرلىنىپ كەتمىگەن ۋە زۆرۈرىيەت مىقدارىدىن ھالقىپ كەتمىگەن ئاساستا يېگەن بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ كىشىگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ئامالسىزلىقتىن ھارام قىلىنغان نەرسىدىن ئازراق يېگەن كىشىنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
146 : 6

وَعَلَى ٱلَّذِينَ هَادُواْ حَرَّمۡنَا كُلَّ ذِي ظُفُرٖۖ وَمِنَ ٱلۡبَقَرِ وَٱلۡغَنَمِ حَرَّمۡنَا عَلَيۡهِمۡ شُحُومَهُمَآ إِلَّا مَا حَمَلَتۡ ظُهُورُهُمَآ أَوِ ٱلۡحَوَايَآ أَوۡ مَا ٱخۡتَلَطَ بِعَظۡمٖۚ ذَٰلِكَ جَزَيۡنَٰهُم بِبَغۡيِهِمۡۖ وَإِنَّا لَصَٰدِقُونَ

بىز يەھۇدىيلارغا تۆگە ۋە تۆگە قۇشىغا ئوخشاش توم تۇياقلىق ھايۋانلارنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارغا يەنە كالا، قويلارنىڭ دۈمبە ياغلىرى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى چاۋا ياغلىرى ۋە ياكى قۇيرۇق ۋە قوۋۇرغا سۆڭەكلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدىغان ياغلىرىدىن باشقىسىنى ھارام قىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئاشۇ نەرسىلەرنى ئۆزلىرىگە ھارام قىلىشى ئارقىلىق قىلغان زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىدۇق. بىز ھەقىقەتەن دېگەن سۆزىمىزدە راستچىللارمىز. info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• في الآيات دليل على إثبات المناظرة في مسائل العلم، وإثبات القول بالنظر والقياس.
يۇقىردىكى ئايەتلەردە ئىلىم مەسىلىلىرىدە مۇنازىرە قىلىشقا ھەمدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىش ۋە سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈم ئىسپاتلاشقا دەلىل بار. info

• الوحي وما يستنبط منه هو الطريق لمعرفة الحلال والحرام.
ۋەھىي ۋە ئۇنىڭدىن ئېلىنىدىغان ھۆكۈملەر ھالال-ھارامنى تونۇشنىڭ يولىدۇر. info

• إن من الظلم أن يُقْدِم أحد على الإفتاء في الدين ما لم يكن قد غلب على ظنه أنه يفتي بالصواب الذي يرضي الله.
بىراۋنىڭ ئاللاھنى رازى قىلىدىغان دەرىجىدە توغرا پەتىۋا بېرەلمەيدىغانلىقى كۆڭلىگە ئايان تۇرۇپمۇ يەنىلا دىندا پەتىۋا بېرىشى شەكسىزكى زۇلۇمدۇر. info

• من رحمة الله بعباده الإذن لهم في تناول المحرمات عند الاضطرار.
ئاللاھ تائالانىڭ ئامالسىز قالغاندا ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقى بەندىلىرىگە قىلغان مېھىر-شەپقىتىدىندۇر. info