पवित्र कुरअानको अर्थको अनुवाद - पवित्र कुर्आनको संक्षिप्त व्याख्याको उइगुर भाषामा अनुवाद ।

رقم الصفحة:close

external-link copy
26 : 8

وَٱذۡكُرُوٓاْ إِذۡ أَنتُمۡ قَلِيلٞ مُّسۡتَضۡعَفُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ تَخَافُونَ أَن يَتَخَطَّفَكُمُ ٱلنَّاسُ فَـَٔاوَىٰكُمۡ وَأَيَّدَكُم بِنَصۡرِهِۦ وَرَزَقَكُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ

ئەي مۇئمىنلەر! ياد ئېتىڭلاركى ئۆز ۋاقتىدا سىلەر مەككىدە ئاز سانلىق بولۇپ مەككە ئەھلى سىلەرنى بوزەك قىلغان ئىدى، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ تىزلا تالان -تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىلەرنى مەدىنىدىن ئىبارەت پاناھلىنىدىغان جايغا ئىگە قىلدى. بەدرىدىن ئىبارەت ئۇرۇشلاردا دۈشمىنىڭلارغا قارشى غەلبىگە ئىرىشتۈرۈش ئارقىلىق سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى، دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەر بۇ پاك رىزىقلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ نەرسىلەر سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلساڭلار ئاللاھنىڭ سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېرىشى ۋە سىلەرنىڭ كاپىر بولۇپ نېئمەتلەرنى سىلەردىن تارتىۋېلىپ جازالىماسلىقى ئۈچۈندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 8

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَخُونُواْ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ وَتَخُونُوٓاْ أَمَٰنَٰتِكُمۡ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ

ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەر! سىلەر بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلماسلىق، چەكلىمىلىرىدىن يانماسلىق ئارقىلىق ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەر قىلغىنىڭلارنىڭ خىيانەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئامانەت قويۇلغان نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرگە خىيانەت قىلماڭلار. خائىنلاردىن بولماڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 8

وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَآ أَمۡوَٰلُكُمۡ وَأَوۡلَٰدُكُمۡ فِتۡنَةٞ وَأَنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥٓ أَجۡرٌ عَظِيمٞ

ئەي مۇئمىنلەر! بېلىڭلاركى سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار ۋە پەرزەنتلىرىڭلار ئاللاھ تەرەپتىن سىلەرگە كەلگەن سىناقتۇر، ئۇلار سىلەرنى ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىشتىن توسۇپ خىيانەت قىلىشقا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. بېلىڭلاركى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا مۇكاپات بار، سىلەر مال-دۇنيا ۋە پەرزەنتلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇلارنى دەپ خىيانەت قىلىش ئارقىلىق بۇ مۇكاپاتنى قولدىن بېرىپ قويماڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 8

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِن تَتَّقُواْ ٱللَّهَ يَجۡعَل لَّكُمۡ فُرۡقَانٗا وَيُكَفِّرۡ عَنكُمۡ سَيِّـَٔاتِكُمۡ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡۗ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ

ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەر! بېلىڭلاركى ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادارلىق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان پاراسەتنى ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشلىرىڭلاردا ھەق بىلەن باتىل ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ، ئاللاھ سىلەردىن سادىر بولغان يامانلىقلارنى ئەپۇ قىلىپ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ بۈيۈك پەزىلەت ئىگىسىدۇر. ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرىگە تەييارلىغان جەننىتى بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 8

وَإِذۡ يَمۡكُرُ بِكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِيُثۡبِتُوكَ أَوۡ يَقۡتُلُوكَ أَوۡ يُخۡرِجُوكَۚ وَيَمۡكُرُونَ وَيَمۡكُرُ ٱللَّهُۖ وَٱللَّهُ خَيۡرُ ٱلۡمَٰكِرِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مۇشرىكلار سېنى قاماققا ئېلىش ياكى ئۆلتۇرۇش ياكى يۇرتۇڭدىن باشقا بىر يۇرتقا سۈرگۈن قىلماقچى بولۇپ ساڭا ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئېسىڭگە ئالغىن. ئۇلار ساڭا ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكىرىسىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرىدۇ ۋە تەدبىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ تەدبىر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 8

وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُنَا قَالُواْ قَدۡ سَمِعۡنَا لَوۡ نَشَآءُ لَقُلۡنَا مِثۡلَ هَٰذَآ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ

ئەگەر ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە ئۇلار ھەقىقەتكە بويۇنتاۋلىق ۋە چوڭچىلىق قىلىپ: بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئىدۇق، ئەگەر بىز بۇ قۇرئانغا ئوخشاش سۆزنى قىلىشنى خالىغان بولساق، ئۇنى ئەلۋەتتە قىلاتتۇق، بىز ئاڭلىغان بۇ قۇرئان پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدۇر، شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 8

وَإِذۡ قَالُواْ ٱللَّهُمَّ إِن كَانَ هَٰذَا هُوَ ٱلۡحَقَّ مِنۡ عِندِكَ فَأَمۡطِرۡ عَلَيۡنَا حِجَارَةٗ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ أَوِ ٱئۡتِنَا بِعَذَابٍ أَلِيمٖ

ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مۇشرىكلار: ئى ئاللاھ ئەگەر مۇھەممەد ئېلىپ كەلگەن نەرسە ھەقىقەت بولىدىغان بولسا، بىزنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئۈستىمىزگە تاش ياغدۇرغىن ياكى بىزگە ئېغىر ئازاب كەلتۈرگىن دېگىنىنى خاتىرلىگىن، دېدى. ئۇلار بۇ سۆزلىرىنى كۇپۇرلىقتا مۇستەھكەم تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن دېگەن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 8

وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُعَذِّبَهُمۡ وَأَنتَ فِيهِمۡۚ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ مُعَذِّبَهُمۡ وَهُمۡ يَسۡتَغۡفِرُونَ

ئەي مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھايات تۇرغان ھالىتىڭدە ئاللاھ ئۈممىتىڭنى - مەيلى ئىمان ئېيتقانلار بولسۇن ياكى ئىمان ئېيتمىغانلار بولسۇن- تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋېتىدىغان ئازاب بىلەن جازالىمايدۇ، سىنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقىڭ ئۇلارنى ئازابتىن ساقلاپ قالىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن گۇناھىلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىۋاتقاندا ئاللاھ ئۇلارنى ئازابلىمايدۇ. info
التفاسير:
यस पृष्ठको अायतहरूका लाभहरूमध्येबाट:
• الشكر نعمة عظيمة يزيد بها فضل الله تعالى، وينقص عند إغفالها.
شۈكرى قىلىش كاتتا نېئمەت بولۇپ، ئاللاھ پەزلىنى ئۇنىڭ بىلەن كۆپەيتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل قالغاندا كەمەيتىدۇ. info

• للأمانة شأن عظيم في استقامة أحوال المسلمين، ما ثبتوا عليها وتخلقوا بها، وهي دليل نزاهة النفس واعتدال أعمالها.
مۇسۇلمانلار ئامانەتكە خىيانەت قىلمىسا ۋە ئامانەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلسا، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيىتى بار. بۇ نەپسىنىڭ پاكلىقى ۋە ئەمەللەرنىڭ توغرا بولغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. info

• ما عند الله من الأجر على كَفِّ النفس عن المنهيات، خير من المنافع الحاصلة عن اقتحام المناهي لأجل الأموال والأولاد.
چەكلەنگەن ئىشلاردىن نەپسىنى يىغىشنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپاتى بولسا، مال-دۇنيا ۋە پەرزەنتلەر ئۈچۈن چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىپ ئىرىشكەن مەنپەئەتتىن ياخشىراقتۇر. info

• في الآيات بيان سفه عقول المعرضين؛ لأنهم لم يقولوا: اللَّهُمَّ إن كان هذا هو الحق من عندك فاهدنا إليه.
ئايەتلەردە ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرنىڭ دۆتلىكىنىڭ بايانى مەۋجۇتتۇر. چۈنكى ئۇلار: ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ دەرگاھىڭدىن كەلگەن ھەقىقەت بولسا بىزنى ئۇنىڭغا ھىدايەت قىلغىن، دېمىگەن ئىدى. info

• في الآيات فضيلة الاستغفار وبركته، وأنه من موانع وقوع العذاب.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە؛ ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى ۋە بەرىكىتى، ئۇنىڭ ئازابنىڭ چۈشۈشىدىن چەكلەيدىغانلىقى توغرىسىدا بايانلار مەۋجۇت. info