ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ

ಪುಟ ಸಂಖ್ಯೆ: 267:267 close

external-link copy
7 : 16

وَتَحۡمِلُ أَثۡقَالَكُمۡ إِلَىٰ بَلَدٖ لَّمۡ تَكُونُواْ بَٰلِغِيهِ إِلَّا بِشِقِّ ٱلۡأَنفُسِۚ إِنَّ رَبَّكُمۡ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٞ

بىز سىلەرگە يارىتىپ بەرگەن مۇشۇ چارۋىلار سىلەرنىڭ ئېغىر يۈك-تاقىلىرىڭلارنى سەپەرلەردە سىلەر جاپا-مۇشەققەت تارتىپ يېتىپ بارىدىغان شەھەرلەرگە كۆتۈرۈپ بارىدۇ، ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار شەپقەتلىكتۇر، بۇ چارۋىلارنى سىلەرگە .بويسۇندۇرۇپ بېرىش بىلەن مېھرىباندۇر info
التفاسير:

external-link copy
8 : 16

وَٱلۡخَيۡلَ وَٱلۡبِغَالَ وَٱلۡحَمِيرَ لِتَرۡكَبُوهَا وَزِينَةٗۚ وَيَخۡلُقُ مَا لَا تَعۡلَمُونَ

ئاللاھ تائالا ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى سىلەرنىڭ مېنىشىڭلار، يۈك ئارتىشىڭلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالدىغا زىننەتلىنىپ چېقىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇ نەرسىلەرنى ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ زىننىتى قىلىپ ياراتتى، ئاللاھ ئۆزى يارىتىشنى خالىغان نەرسىلەردىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 16

وَعَلَى ٱللَّهِ قَصۡدُ ٱلسَّبِيلِ وَمِنۡهَا جَآئِرٞۚ وَلَوۡ شَآءَ لَهَدَىٰكُمۡ أَجۡمَعِينَ

ئىسلامدىن ئىبارەت بولغان ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا يەتكۈزىدىغان توغرا يولنى بايان قېلىپ بېرىشنى ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان، ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن شەيتاننىڭ يوللىرى بار، ئىسلام يولىدىن باشقا يوللارنىڭ ھەممىسى قىڭغىر يولدۇر، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قېلىشنى خالىغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ھەممىڭلارنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 16

هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗۖ لَّكُم مِّنۡهُ شَرَابٞ وَمِنۡهُ شَجَرٞ فِيهِ تُسِيمُونَ

ئاللاھ تائالا سىلەرگە بۇلۇتتىن سۇ چۈشۈرۈپ بەردى، ئۇ سۇدىن سىلەر ئېچىسىلەر، چارۋىلىرىڭلارنى سۇغۇرىسىلەر، بۇ ئارقىلىق چارۋىلىرىڭلارنى باقىدىغان ئۆت-چۆپلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 16

يُنۢبِتُ لَكُم بِهِ ٱلزَّرۡعَ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلنَّخِيلَ وَٱلۡأَعۡنَٰبَ وَمِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ

يامغۇر سۈيىدىن ئاللاھ سىلەرگە سىلەر يەيدىغان زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇ سۇ بىلەن زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە باشقا تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، ھەقىقەتەن ئاشۇ سۇدا ۋە سۇ ئارقىلىق پەيدا قىلغان نەرسىلەردە ئاللاھنىڭ ياراتقان نەرسىلىرى توغرىسىدا پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەر بار، بۇ نەرسىلەر بىلەن ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ كاتتىلىقى نامايەندە بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 16

وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ وَٱلنُّجُومُ مُسَخَّرَٰتُۢ بِأَمۡرِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ

ئاللاھ كېچىنى سىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىڭلار ۋە راھەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، كۈندۈزنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى كەسىپ قېلىش ئۈچۈن ياراتتى. قۇياشنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى ۋە ئۇنىڭدا يورۇقلۇقنى قىلدى، ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ بۇيرىقى بىلەن يۇلتۇزلارنىمۇ سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا ئۇنىڭ بىلەن يول تاپىسىلەر، ۋاقىتنى بىلىسىلەر ۋە باشقا مەنپەئەتلەر بار. ھەقىقەتەن مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بويسۇندۇرۇپ بېرىشتە ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان روشەن دەلىللەر بار، ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ نەرسىلەرنى يارىتىشتىكى ھېكمەتلەرنى بىلەلەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 16

وَمَا ذَرَأَ لَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُخۡتَلِفًا أَلۡوَٰنُهُۥٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَذَّكَّرُونَ

ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمندا ياراتقان تۈرلۈك، رەڭگارەڭ كان بايلىقلىرى، ھايۋاناتلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە زرائەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئاشۇ يارىتىلغان ۋە بويسۇندۇرۇلغان نەرسىلەردە ئېبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان روشەن دەلىللەر بار، ئۇلار ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ۋە نېمەت بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 16

وَهُوَ ٱلَّذِي سَخَّرَ ٱلۡبَحۡرَ لِتَأۡكُلُواْ مِنۡهُ لَحۡمٗا طَرِيّٗا وَتَسۡتَخۡرِجُواْ مِنۡهُ حِلۡيَةٗ تَلۡبَسُونَهَاۖ وَتَرَى ٱلۡفُلۡكَ مَوَاخِرَ فِيهِ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ

ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزدا سەپەر قىلىشىڭلار، دېڭىز بايلىقلىرىنى چېقىرىشىڭلار، دېڭىزدىكى ساپ-تازا بېلىقلارنى يېيىشىڭلار، سىلەر ۋە ئاياللىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۈنچە-مەرۋايىتلەرنى چېقىرىشىڭلار ئۈچۈن دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىلەر، تىجارەتتىن پايدا تېپىش ۋە ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ كېمىلەر بىلەن سەپەر قىلىسىلەر. ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى ئىبادەتتە يەككە-يېگانە بىلىڭلار. info
التفاسير:
ಈ ಪುಟದಲ್ಲಿರುವ ಶ್ಲೋಕಗಳ ಉಪಯೋಗಗಳು:
• من عظمة الله أنه يخلق ما لا يعلمه جميع البشر في كل حين يريد سبحانه.
ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە كاتتىلىقىدىن، ھەر ۋاقىت بارلىق ئىنسانلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىشنى خالىسا شۇ ۋاقىتتا يارىتىدۇ info

• خلق الله النجوم لزينة السماء، والهداية في ظلمات البر والبحر، ومعرفة الأوقات وحساب الأزمنة.
ئاللاھ تائالا يۇلتۇزلارنى ئاسماننى زىننەتلەش، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلىقىدا يول تېپىش، ۋاقىت ۋە زامانلارنىڭ ھېسابىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ياراتتى. info

• الثناء والشكر على الله الذي أنعم علينا بما يصلح حياتنا ويعيننا على أفضل معيشة.
بىزنىڭ ھاياتىمىزنى تۈزىتىدىغان، تۇرمۇشىمىزغا ياردىمى بولىدىغان نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن. info

• الله سبحانه أنعم علينا بتسخير البحر لتناول اللحوم (الأسماك)، واستخراج اللؤلؤ والمرجان، وللركوب، والتجارة، وغير ذلك من المصالح والمنافع.
ئاللاھ سۇبھانەھۇۋەتەئالا بىزلەرگە دېڭىزدىن يېڭى بېلىق گۆشلىرىنى يېيىش، ئۈنچە-مارجانلارنى چېقىرىش، كېمىلەرگە چېقىش، يۇرتىمىزنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ بېسىۋېلىشى ۋە دۈشمەنلىكىدىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. info