ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
6 : 98

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ وَٱلۡمُشۡرِكِينَ فِي نَارِ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَآۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمۡ شَرُّ ٱلۡبَرِيَّةِ

شەكسىزكى يەھۇدىي، ناسارا ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار قىيامەت كۈنى جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 98

إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أُوْلَٰٓئِكَ هُمۡ خَيۡرُ ٱلۡبَرِيَّةِ

شەكسىزكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 98

جَزَآؤُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ جَنَّٰتُ عَدۡنٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ رَّضِيَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ وَرَضُواْ عَنۡهُۚ ذَٰلِكَ لِمَنۡ خَشِيَ رَبَّهُۥ

ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدىكى مۇكاپاتى سارايلىرى ۋە دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بولۇپ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئىتائەت قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولغانلىقتىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇ رەھمەتكە پەقەت پەرۋەردىگارىدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغان ھەمدە چەكلىمىسىدىن يانغان كىشىلا ئېرىشەلەيدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• خشية الله سبب في رضاه عن عبده.
كاپىرلار مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر، مۇئمىنلەر بولسا ياخشىسىدۇر. info

• شهادة الأرض على أعمال بني آدم.
ئاللاھتىن قورقۇش ئۇنىڭ بەندىسىدىن رازى بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. info

• الكفار شرّ الخليقة، والمؤمنون خيرها.
زېمىن ئادەمزاتنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. info