ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

external-link copy
63 : 29

وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّن نَّزَّلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ مِنۢ بَعۡدِ مَوۡتِهَا لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۚ قُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡقِلُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر مۇشرىكلاردىن: ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق قۇرۇپ كەتكەن زېمىندا ئۆسۈملۈكلەرنى چىقارغان كىم؟ دەپ سورىساڭ، ئۇلار: ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق زېمىندا (ئۆسۈملۈكلەرنى) ئۆستۈرگەن ئاللاھ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: بارلىق ھەمدۇسانا سىلەرگە پاكتىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاللاھقا خاستۇر. گەپنىڭ قىسقىسى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتكەن بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلمىغان بولاتتى. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• استعجال الكافر بالعذاب دليل على حمقه.
كاپىرنىڭ ئازابنى ئالدىراتقانلىقى ئۇنىڭ ھاماقەتلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. info

• باب الهجرة من أجل سلامة الدين مفتوح.
دىنىنى قوغداش ئۈچۈن ھىجرەت ئىشىكى داۋاملىق ئوچۇقتۇر. info

• فضل الصبر والتوكل على الله.
سەۋرچانلىق ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش پەزىلەتلىك ئەمەلدۇر. info

• الإقرار بالربوبية دون الإقرار بالألوهية لا يحقق لصاحبه النجاة والإيمان.
ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىلاھلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان كىشى نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ ھەمدە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ. info