Qurani Kərimin mənaca tərcüməsi - Qurani Kərimin müxtəsər tərfsiri - kitabının Uyğur dilinə tərcüməsi.

مۈلك

Surənin məqsədlərindən:
إظهار كمال ملك الله وقدرته؛ بعثًا على خشيته، وتحذيرًا من عقابه.
ئاللاھتىن قورقۇشقا تۈرتكە بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ پادىشاھلىقى ۋە قۇدرىتىنىڭ مۇكەممەللىكىنى نامايان قىلىش بۇ سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر. info

external-link copy
1 : 67

تَبَٰرَكَ ٱلَّذِي بِيَدِهِ ٱلۡمُلۡكُ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ

ئاللاھ تائالانىڭ ياخشىلىقلىرى ئىنتايىن كاتتا ھەم كۆپتۇركى، پۈتۈن پادىشاھلىق يالغۇز ئۇنىڭ قولىدىدۇر. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 67

ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلۡمَوۡتَ وَٱلۡحَيَوٰةَ لِيَبۡلُوَكُمۡ أَيُّكُمۡ أَحۡسَنُ عَمَلٗاۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡغَفُورُ

ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ تائالا ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىقنى سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ غالىبتۇركى، ئۇنى ھېچكىم مەغلۇب قىلالمايدۇ. ئۇ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 67

ٱلَّذِي خَلَقَ سَبۡعَ سَمَٰوَٰتٖ طِبَاقٗاۖ مَّا تَرَىٰ فِي خَلۡقِ ٱلرَّحۡمَٰنِ مِن تَفَٰوُتٖۖ فَٱرۡجِعِ ٱلۡبَصَرَ هَلۡ تَرَىٰ مِن فُطُورٖ

ئاللاھ يەتتە قات ئاسماننى ياراتتى، ھەر بىر قات ئاسمان يەنە بىرىنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئاسمان بىلەن ئاسمان بىر - بىرىگە تېگىپ قالمايدۇ. ئەي ئاسمانغا قارىغۇچى ئىنسان! ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچقانداق زىتلىق ۋە ماسلاشماسلىق بارلىقىنى كۆرمەيسەن. قايتىلاپ قاراپ باققىنكى، ئاسماندا بىرەر يوچۇق بارلىقىنى ياكى دەز كەتكەنلىكىنى كۆرەلەمدىكەنسەن؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەھۋال بارلىقىنى كۆرمەيسەن. پەقەت مۇكەممەل، پۇختا بىر يارىتىشنىلا كۆرىسەن. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 67

ثُمَّ ٱرۡجِعِ ٱلۡبَصَرَ كَرَّتَيۡنِ يَنقَلِبۡ إِلَيۡكَ ٱلۡبَصَرُ خَاسِئٗا وَهُوَ حَسِيرٞ

ئاندىن يەنە قايتا - قايتا قارىغىن. كۆزۈڭ ئاسماننىڭ يارىتىلىشىدا بىرەر ئەيىب ياكى نۇقسان تاپالماي، تىكىلىپ قاراۋېرىشتىن تالغان ھالدا قايتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 67

وَلَقَدۡ زَيَّنَّا ٱلسَّمَآءَ ٱلدُّنۡيَا بِمَصَٰبِيحَ وَجَعَلۡنَٰهَا رُجُومٗا لِّلشَّيَٰطِينِۖ وَأَعۡتَدۡنَا لَهُمۡ عَذَابَ ٱلسَّعِيرِ

ھەقىقەتەن بىز يەر يۈزىگە ئەڭ يېقىن بولغان ئاسماننى نۇرلۇق يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە ئۇ يۇلتۇزلارنى (ئاسمان خەۋەرلىرىنى) ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋالىدىغان شەيتانلارنى ئاتىدىغان ئوق قىلدۇق. ئۇ يۇلتۇزلار ئوغرى شەيتانلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. بىز ئۇلارغا ئاخىرەتتە لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتنى تەييارلىدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 67

وَلِلَّذِينَ كَفَرُواْ بِرَبِّهِمۡ عَذَابُ جَهَنَّمَۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ

پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولغانلارغا قىيامەت كۈنى يالقۇنجاپ تۇرغان دوزاخ ئازابى بار. ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان جاي! info
التفاسير:

external-link copy
7 : 67

إِذَآ أُلۡقُواْ فِيهَا سَمِعُواْ لَهَا شَهِيقٗا وَهِيَ تَفُورُ

ئۇلار دوزاخقا تاشلانغاندا ناھايىتى قاتتىق، يىرگىنچلىك ئاۋاز ئاڭلايدۇ. ئەمەلىيەتتە دوزاخ قازان قاينىغاندەك قايناۋاتقان بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 67

تَكَادُ تَمَيَّزُ مِنَ ٱلۡغَيۡظِۖ كُلَّمَآ أُلۡقِيَ فِيهَا فَوۡجٞ سَأَلَهُمۡ خَزَنَتُهَآ أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ نَذِيرٞ

دوزاخ ئۆزىگە تاشلانغانلارغا قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكتىن يېرىلىپ، پارە - پارە بولۇپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. دوزاخقا ھەر قېتىم دوزاخ ئەھلى بولغان كاپىرلار تاشلانغاندا ئۇنىڭغا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتىلەر ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن: دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان بىرەر پەيغەمبەر كەلمىگەنمىدى؟ دەپ سورايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 67

قَالُواْ بَلَىٰ قَدۡ جَآءَنَا نَذِيرٞ فَكَذَّبۡنَا وَقُلۡنَا مَا نَزَّلَ ٱللَّهُ مِن شَيۡءٍ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا فِي ضَلَٰلٖ كَبِيرٖ

كاپىرلار: ئەلۋەتتە بىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان پەيغەمبەر كەلگەن، ئەمما بىز ئۇنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭغا: ئەي پەيغەمبەرلەر! ئاللاھ ھېچقانداق ۋەھىي چۈشۈرگىنى يوق. سىلەر پەقەت ھەقتىن يىراق گۇمراھلىقتا سىلەر، دېگەن ئىدۇق، دېيىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 67

وَقَالُواْ لَوۡ كُنَّا نَسۡمَعُ أَوۡ نَعۡقِلُ مَا كُنَّا فِيٓ أَصۡحَٰبِ ٱلسَّعِيرِ

كاپىرلار يەنە: كاشكى بىز (پەيغەمبەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى) مەنپەئەتلىنىش مەقسىتىدە ئاڭلىغان بولساق ياكى ھەقنى باتىلدىن ئايرىيالايدىغان ئادەمدەك ئەقلىمىزنى ئىشلەتكەن بولساق، دوزاخ ئەھلىنىڭ قاتارىدا بولماس ئىدۇق. كاشكى بىزمۇ پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈپ، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن دىنغا چىنپۈتۈپ، جەننەت ئەھلىدىن بولساقچۇ! - دېيىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 67

فَٱعۡتَرَفُواْ بِذَنۢبِهِمۡ فَسُحۡقٗا لِّأَصۡحَٰبِ ٱلسَّعِيرِ

دېمەك، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاپىر بولغانلىقى ۋە ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار دوزاخقا لايىق بولىدۇ. دوزاخ ئەھلى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن! info
التفاسير:

external-link copy
12 : 67

إِنَّ ٱلَّذِينَ يَخۡشَوۡنَ رَبَّهُم بِٱلۡغَيۡبِ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَأَجۡرٞ كَبِيرٞ

ھەقىقەتەن ھېچكىم كۆرمەيدىغان يەردە تۇرۇپمۇ ئاللاھتىن قورققان كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئۇلارغا جەننەتتىن ئىبارەت كاتتا ساۋاب بار. info
التفاسير:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• في معرفة الحكمة من خلق الموت والحياة وجوب المبادرة للعمل الصالح قبل الموت.
ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىقنىڭ يارىتىلىشىدىكى ھېكمەتنى تونۇغاندىن كېيىن ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن سالىھ ئەمەلگە ئالدىراش ۋاجىبتۇر. info

• حَنَقُ جهنم على الكفار وغيظها غيرةً لله سبحانه.
جەھەننەمنىڭ كاپىرلارغا غەزەپلىنىشى ئاللاھ ئۈچۈن ئۆرتەنگەنلىكىدۇر. info

• سبق الجن الإنس في ارتياد الفضاء وكل من تعدى حده منهم، فإنه سيناله الرصد بعقاب.
جىنلار بوشلۇقتا كېزىشتە ئىنسانلارنى بېسىپ چۈشىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن چەكتىن ئاشقان ھەر كىمگە چوقۇم مارىلاپ تۇرغان ئازاب يېتىدۇ. info

• طاعة الله وخشيته في الخلوات من أسباب المغفرة ودخول الجنة.
خىلۋەتلەردە ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تائەت - ئىبادەت قىلىش بولسا، ئۇنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش ۋە جەننىتىگە كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان ئامىللاردىندۇر. info