আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ

পৃষ্ঠা নং:close

external-link copy
6 : 65

أَسۡكِنُوهُنَّ مِنۡ حَيۡثُ سَكَنتُم مِّن وُجۡدِكُمۡ وَلَا تُضَآرُّوهُنَّ لِتُضَيِّقُواْ عَلَيۡهِنَّۚ وَإِن كُنَّ أُوْلَٰتِ حَمۡلٖ فَأَنفِقُواْ عَلَيۡهِنَّ حَتَّىٰ يَضَعۡنَ حَمۡلَهُنَّۚ فَإِنۡ أَرۡضَعۡنَ لَكُمۡ فَـَٔاتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ وَأۡتَمِرُواْ بَيۡنَكُم بِمَعۡرُوفٖۖ وَإِن تَعَاسَرۡتُمۡ فَسَتُرۡضِعُ لَهُۥٓ أُخۡرَىٰ

ئەي ئەرلەر! تالاق قىلغان ئاياللىرىڭلارنى شارائىتىڭلارغا قاراپ ئۆزۈڭلار تۇرۇۋاتقان جاينىڭ بىر قىسمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار. ئاللاھ سىلەرنى قۇربىڭلار يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇمايدۇ. تۇرمۇش خىراجىتى بېرىش، تۇرالغۇ بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلاردا ئۇلارنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇش مەقسىتىدە زىيانغا ئۇچراتماڭلار. ئەگەر تالاق قىلىنغان ئاياللار ھامىلدار بولسا، ئۇلار تاكى ھامىلىنى تۇغقانغا قەدەر تۇرمۇش خىراجىتى بىلەن تەمىنلەڭلار. ئەگەر ئۇلار پەرزەنتىڭلارنى ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارغا ئېمىتىپ بەرگەننىڭ ھەققىنى بېرىڭلار. ئېمىتىش ھەققى مەسىلىسىدە ئۆرپ - ئادىتىڭلارغا مۇراجىئەت قىلىڭلار. ئەگەر ئەر كىشى ئايال تەلەپ قىلغان ئىش ھەققىنى بېرىشكە بېخىللىق قىلىپ، كەم بەرسە، ئايال ئۇنىڭغا رازى بولمىسا، دادا بالىسىنى ئېمىتىدىغانغا باشقا ئىنىكئانا تاپسىمۇ بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 65

لِيُنفِقۡ ذُو سَعَةٖ مِّن سَعَتِهِۦۖ وَمَن قُدِرَ عَلَيۡهِ رِزۡقُهُۥ فَلۡيُنفِقۡ مِمَّآ ءَاتَىٰهُ ٱللَّهُۚ لَا يُكَلِّفُ ٱللَّهُ نَفۡسًا إِلَّا مَآ ءَاتَىٰهَاۚ سَيَجۡعَلُ ٱللَّهُ بَعۡدَ عُسۡرٖ يُسۡرٗا

قول ئىلكىدە بار ئادەم ئۆز شارائىتىغا قاراپ تالاق قىلىنغان ئايالىنىڭ ۋە بالىسىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىنى بېرىشى كېرەك. قولى قىسقا كىشىلەرمۇ ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن مالدىن تۇرمۇش خىراجىتى بەرسۇن. ئاللاھ ھېچكىمنى ئۆزى بەرگەندىن ئارتۇق بېرىشكە، يەنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ. ئاللاھ پات يېقىندا ئۇنى قىيىنچىلىق ۋە جاپالىق تۇرمۇشتىن كېيىن قول ئىلكىدە بار، باي قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 65

وَكَأَيِّن مِّن قَرۡيَةٍ عَتَتۡ عَنۡ أَمۡرِ رَبِّهَا وَرُسُلِهِۦ فَحَاسَبۡنَٰهَا حِسَابٗا شَدِيدٗا وَعَذَّبۡنَٰهَا عَذَابٗا نُّكۡرٗا

نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى پەرۋەردىگارىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغان چاغدا بىز ئۇلارنىڭ ناچار قىلمىشلىرىغا قارىتا قاتتىق ھېساب ئالدۇق ھەمدە ئۇلارنى بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېچىنىشلىق تۈردە ئازابلىدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 65

فَذَاقَتۡ وَبَالَ أَمۡرِهَا وَكَانَ عَٰقِبَةُ أَمۡرِهَا خُسۡرًا

نەتىجىدە ئۇلار يامان ئەمەللىرىنىڭ ئازابىنى تېتىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىش بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 65

أَعَدَّ ٱللَّهُ لَهُمۡ عَذَابٗا شَدِيدٗاۖ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ يَٰٓأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْۚ قَدۡ أَنزَلَ ٱللَّهُ إِلَيۡكُمۡ ذِكۡرٗا

ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كۈچلۈك ئازابنى تەييارلىدى. ئەي ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان ئەقىل ئىگىلىرى! ئۇلارغا كەلگەن ئازاب سىلەرگىمۇ كەپقالماسلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە شۇنداق بىر زىكرىنى نازىل قىلدىكى، ئۇ سىلەرگە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىنى ھەمدە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلارنىڭ ياخشى نەتىجىسىنى ئەسلىتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 65

رَّسُولٗا يَتۡلُواْ عَلَيۡكُمۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ مُبَيِّنَٰتٖ لِّيُخۡرِجَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ مِنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِۚ وَمَن يُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ وَيَعۡمَلۡ صَٰلِحٗا يُدۡخِلۡهُ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ قَدۡ أَحۡسَنَ ٱللَّهُ لَهُۥ رِزۡقًا

بۇ ئەسلەتكۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر پەيغەمبەر بولۇپ، ئۇ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، پەيغەمبىرىگە چىنپۈتۈپ، سالىھ ئەمەللەرنى قىلغانلارنى گۇمراھلىقنىڭ زۇلمەتلىرىدىن ھىدايەت نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن سىلەرگە ئاللاھنىڭ روشەن، چۈشىنىكسىزلىك بولمىغان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى سارايلىرى ۋە دەل - دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇنى نېئمەتلىرى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا مۇكەممەل رىزىق ئاتا قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 65

ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ سَبۡعَ سَمَٰوَٰتٖ وَمِنَ ٱلۡأَرۡضِ مِثۡلَهُنَّۖ يَتَنَزَّلُ ٱلۡأَمۡرُ بَيۡنَهُنَّ لِتَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ وَأَنَّ ٱللَّهَ قَدۡ أَحَاطَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عِلۡمَۢا

ئاللاھ يەتتە قات ئاسماننى ياراتتى، شۇنىڭغا ئوخشاش زېمىننىمۇ يەتتە قات ياراتتى. ئاللاھنىڭ تەبىئىي ۋە شەرئىي ئەمىر - پەرمانلىرى شۇ ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىغا چۈشىدۇ. ئۈمىدكى سىلەر ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى، ھېچ نەرسە ئۇنى ئاجىز قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەر نەرسىنى مۇكەممەل بىلىدىغانلىقىنى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسىنىڭ ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدىغانلىقىنى بىلگەيسىلەر. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• عدم وجوب الإرضاع على الحامل إذا طلقت.
ھامىلدار ئايال تالاق قىلىنسا، بالىنى ئېمىتىپ بېرىشى ۋاجىب ئەمەس. info

• التكليف لا يكون إلا بالمستطاع.
شەرىئەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەللەر قۇربى يەتكەن مىقداردا بولىدۇ. info

• الإيمان بقدرة الله وإحاطة علمه بكل شيء سبب للرضا وسكينة القلب.
ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ۋە ئۇنىڭ ھەر نەرسىنى مۇكەممەل بىلىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىش قازاغا رازى بولۇشقا ۋە كۆڭۈلنىڭ تەسكىن تېپىشىغا سەۋەب بولىدۇ. info